ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز

ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز

مۇنداق پويىز كۆرۈنمەس ماگنىت تەگلىك ئۈستىدە لەيلەپ، رېلىس بويلاپ يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭىدۇ. بىرەر سائەتتىلا 400 كىلومېتىر يول بېسىپ، بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە بېرىپ ساياھەت قىلغىلى بولىدۇ، تېزلىكى ئايروپىلاندىن ئېشىپ چۈشىدۇ، شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «ئۇچار پويىز» دېيىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز
خەنزۇچە نامى 磁悬浮列车

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماگنىتلىق لەيلىمە پويىزمۇنداق پويىز كۆرۈنمەس ماگنىت تەگلىك ئۈستىدە لەيلەپ، رېلىس بويلاپ يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭىدۇ. بىرەر سائەتتىلا 400 كىلومېتىر يول بېسىپ، بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە بېرىپ ساياھەت قىلغىلى بولىدۇ، تېزلىكى ئايروپىلاندىن ئېشىپ چۈشىدۇ، شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «ئۇچار پويىز» دېيىشىدۇ.

بىر ماگنىتنىڭ بىر قۇتۇپىنى يەنە بىر ماگنىتنىڭ بىر قۇتۇپىغا يېقىنلاشتۇرسا، ئۇلار يا تارتىشىدۇ، يا تېپىشىدۇ. ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز ئېلېكتر ماگنىتنىڭ ئوخشاش قۇتۇپلىرى تېپىشىش، ھەر خىل قۇتۇپلىرى تارتىشىش پرىنسىپىغا ئاساسەن لەيلىتىلىدۇ، ئاندىن ئېلېكتر دۋىگاتېل ياكى ماتور بىلەن ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ماگنىتلارنىڭ تارتىشىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ لەيلىتىلىدىغان پويىزنىڭ رېلىسى T شەكىللىك بولۇپ، پويىزنىڭ ئىككى يېقىنىڭ ئاستىنقى قىسمى رېلىسنىڭ ئىككى يېنىنى ئوراپ تۇرىدۇ. پويىزنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى ئىچىگە قايرىلغان قىسمىنىڭ يۈزىگە ماگنىت كۈچى ناھايىتى چوڭ بولغان ئېلېكتر ماگنىت ئورنىتىلغان، رېلىسنىڭ ئاستىدا پولات تاختا بولىدۇ. پولات تاختا ئۈستىدە، ئېلېكتر ماگنىت ئاستىدا بولىدۇ. ئېلېكتر ماگنىت دېگىنىمىز بىر مېتال كاتۇشكا بولۇپ، توك ئۇنىڭدىن ئۆتكەندە ماگنىت مەيدانى ھاسىل بولۇپ، پويىزنى ئۈستىگە تارتىدۇ. تارتىش كۈچى بىلەن پويىزنىڭ ئېغىرلىقى تەڭپۇڭلاشقاندا، پويىز رېلىس ئۈستىدە مەلۇم ئېگىزلىكتە لەيلەيدۇ. توك مىقدارى ئۆزگەرسە، ماگنىت مەيدانىنىڭ كۈچىنىشىمۇ ئۆزگىرىپ، لەيلەش ئېگىزلىكى تەڭشىلىدۇ. 

ماگنىت كۈچلىرىنىڭ ئۆزئارا تېپىشىشىدىن پايدىلىنىپ لەيلىتىلىدىغان يەنە بىر خىل ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز بار، ئۇنىڭ رېلىسى U شەكىللىك بولىدۇ. پويىز ماڭغاندا، ئاستىدىكى ئېلېكتر ماگنىت رېلىس ئىچىدىكى كاتۇشكا توك ئىندۇكسىيىلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن، رېلىس ئىچىدىكى كاتۇشكىمۇ ئېلېكتر ماگنىتقا ئايلىنىدۇ-دە، ئۇنىڭ بىلەن پويىز ئاستىدىكى ماگنىت ئارىسىدا ئۆزئارا تېپىشىدىغان ماگنىت كۈچى ھاسىل بولۇپ، پويىزنى رېلىستىن ئايرىيدۇ. 

ئۆزئارا تېپىشىدىغان ماگنىت كۈچلىرىدىن پايدىلىنىپ لەيلىتىلىدىغان پويىز قوزغالغاندىن كېيىن، تېزلىنىشى تېزلا سائىتىگە 50 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، 50 ~60 مېتىر يۈرە-يۈرمەيلا رېلىس ئۈستىدە لەيلەيدۇ ۋە «ئۇچقانچە» تېزلىشىپ، ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى سائىتىگە 550 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. 

ماگنىتلىق لەيلىمە پويىزنىڭ تەرەققىياتى يەر يۈزى قاتنىشىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ تېزلىكى يۇقىرى، شاۋقۇنسىز، تەننەرخى تۆۋەن، مۇھىت بۇلغىماسلىقتەك ئەۋزەللىكلىرى بار. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#