قاپلان

قاپلان، ھىندىستان قاپلىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۈشۈك ئائىلسىگە تەۋە ھايۋانلارنىڭ بىر خىلى، شۇنداقلا قاپلان ئۇرۇقدىشى ئىچىدىكى بىردىنبىر تۈر. قاپلان قۇرۇقلۇقتا ئەڭ تېز يۈگۈرەيدىغان ھايۋان، يۈگۈرۈش سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر. ئاساسلىقى ئافرىقا قىتئەسى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، ھازىر بەش كەنجى تۈرى بار، قىزىل تۈر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى قاپلان
ئىنگلىزچە نامى Acinonyx jubatus
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى قاپلان ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 猎豹
تارقالغان رايونلار ئافرىقا ۋە ئاسىيا
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
ئائىلىسى مۈشۈك ئائىلىسى
تۈرى قاپلان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاپلانقاپلاننىڭ گەۋدە ئۇزۇنلىقى 1 مېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 0.8-0.6 مېتىر، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى 0.9-0.7 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 80-20 كىلوگىرام، ئەركەك قاپلاننىڭ تېنى چىشى قاپلاندىن سەل چوڭ. دۈمبە قىسمىنىڭ رەڭگى سۇس سېرىق، قورساق قىسمىنىڭ رەڭگى سەل سۇس، ئادەتتە ئاق رەڭلىك بولىدۇ. قاپلاننىڭ ئىنگلىزچە نامى Cheetah، داغ بار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، قاپلاننىڭ پۈتۈن بەدىنى قارا رەڭلىك داغلار بىلەن قاپلانغان. جاۋىغىيىدىن كۆزىنىڭ قۇيرۇقىغىچە بىر قارا سىزىق بار، بۇ ئىككى تال قارا سىزىق قۇياش نۇرى سۈمۈرۈشكە پايدىلىق، بۇنىڭ بىلەن كۆرۈش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ، بۇ ئالاھىدىلىك قاپلان بىلەن يىلپىزنىڭ پەرقى. قۇيرۇق ئۇچىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدا قارا ھالقىسى بار؛ ئارقا بويۇن قىسمىنىڭ تۈكى بىر قەدەر ئۇزۇن، تېنى ئىنچىكە، پۇتى ئۇزۇن، بېشى كىچىك، قۇلىقى قىسقا، كۆز قارىچۇقى يۇمىلاق شەكىلدە، تېنى سۇيۇر شەكىللىك. مۇشۇنداق تەن ئالاھىدىلىكى بولغاچقا قاپلان يۈگۈرگەندە ئىنتايىن ئەركىن-ئازادە كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قاپلاننىڭ ئومۇرتقا سۆڭىكى ئىنتايىن يۇمشاق، ئۇ مەيلى ئۆرە تۇرغان چاغدا ياكى ئۇلار يۈگۈرگەن ۋاقىتتا بولسۇن، ئۇنىڭ بەدىنى خۇددى بىر برونزا ئەسەرگە ئوخشايدۇ. قاپلاننىڭ چىشى ناھايىتى ئۆتكۈر، لېكىن باشقا مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارغا قارىغاندا قاپلاننىڭ چىش بىر قەدەر كىچىك.

قاپلاننىڭ پۇت ئۇزۇن، بەدىنى ئورۇق، ئومۇرتقا سۆڭىكى ئىنتايىن يۇمشاق، ئاسان ئېگىلىدۇ، يۈگۈرگەن ۋاقىتتا ئالدى ۋە ئارقا پۇتلىرىنىڭ ھەممىسى كۈچەپ، تېنى پەسكە چۈشىدۇ؛ جىددىي بۇرۇلغاندا، قۇيرۇقى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىيالايدۇ، يىقىلىپ كەتمەيدۇ.

قاپلان مۆتىدىل بەلباغ، تىروپىك بەلباغدىكى ئوتلاق، قۇملۇق، يايلاق ۋە شالاڭ دەل-دەرەخلەر بار يەرلەردە ياشايدۇ.

قاپلان
 خەنزۇچە نامى لاتىنچە ئىلمىي نامىتارقالغان رايونلار 
1.ئاسىيا قاپلىنى Acinonyx jubatus venaticus  غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا، تاشقى كاۋكاز، ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمى
2.جەنۇبىي ئافرىقا قاپلىنىAcinonyx jubatus jubatusجەنۇبىي ئافرىقا 
3.سۇدان قاپلىنى Acinonyx jubatus fearsoni شەرقىي ئافرىقا
4.سەھرايى كەبىر قاپلىنى Acinonyx jubatus heckiئالجىرىيە، بېنىن
5.سۇدان قاپلىنى Acinonyx jubatus soemmeringiiنىگېرىيەدىن سومالىغىچە 


ھەرىكىتى 

قاپلانقاپلاننىڭ تۇرمۇشى بىر قەدەر تەرتىپلىك، ئادەتتە كۈن چىققاندا ھەرىكەت قىلىپ، كۈن پاتقاندا ئارام ئالىدۇ. ئادەتتە ئەتىگەندە سائەت بەشلەردىن باشلاپ سىرتقا چىقىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، ئۇ ماڭغان ۋاقىتتا بىر قەدەر سەزگۈر، پات-پات توختاپ ئەتراپنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، ئولجا ئىزدەپ، تۇتۇپ يەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ باشقا يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ ئۇنى تۇتۇپ يېيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇ ئادەتتە چۈشلۈك دەم ئېلىشتا، چۈشلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن چاغدا ھەر 6 مىنۇتتا بىر قېتىم تۇرۇپ، ئەتراپىدا خەتەر بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ باقىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قاپلان ھەر قېتىمدا پەقەت بىر ئوۋنى تۇتۇپ ئۆلتۈرىدۇ، ھەر بىر كۈن مېڭىش ئارىلىقى تەخمىنەن بەش كىلومېتىر، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون نەچچە كىلومېتىر ماڭىدۇ. گەرچە ئۇ يۈگۈرۈشكە ماھىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مېڭىش ئارىلىقى ئانچە يىراق ئەمەس. 

ئوۋ ئوۋلاش 

قاپلانقاپلان گۆشخور ھايۋان، ئاساسلىق ھەر خىل كىچىك تىپتىكى بۆكەن، جەرەن، ئاھۇ، ئانتىدوركاس بۆكىنى، تۆگىقۇش قاتارلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. ئوزۇقلۇق كەمچىل بولغاندا، تاغىل ئات، تۆگىقۇش قاتارلىقلارنى ئوۋلايدۇ. قاپلان بىر قېتىمدا پەقەت بىر ئوۋنى تۇتۇپ ئۆلتۈرىدۇ، يۈگۈرۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، ئوغرىلىقچە ئوۋغا 30-10 مېتىر ئارىلىقتا يېقىنلاپ  كېلىپ، ئاندىن ئوۋنى ئوۋلايدۇ، ئوۋلاش سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، پەقەت بىر پۇتى بىلەن دەسسەپ، ئۈچ مىنۇت يۈگۈرىدۇ، فىزىيولوگىيەلىك تۈزۈلۈش ئېشىپ كەتكەندە قاپلان سۈرئەتنى ئاستىلىتىشى كېرەك، بولمىسا ئۇلار جىسمانىي جەھەتتە بەك قىزىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئادەتتە ئوۋ ئوۋلاش بىر مىنۇت ئىچىدە بولىدۇ، ئەگەر قاپلان ئوۋلاشتا مەغلۇپ بولسا، بۇ جىسمانىي كۈچىنى ئىسراپ قىلغان بۇلىدۇ. ئومۇمەن 6 قېتىملىق ئوۋ ئوۋلاشتا پەقەت بىر قېتىم غەلبە قازىنىدۇ. قاپلان ئولجىنى تۇتقاندىن كېيىن، ئولجىسىنى بوينىدىن چىشلەپ نەپىسى توختاپ جېنى چىققۇچە تۇرىدۇ. 

يۈگۈرۈش 

قاپلانقاپلان دۇنيا بويىچە قۇرۇقلۇقتا ئەڭ تېز يۈگرەيدىغان ھايۋان، ئۇنىڭ سائەتلىك تېزلىكى 120 كىلومېتىر. ئەگەر ئىنسانلارنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش دۇنيا چېمپىيونى ۋە قاپلان مۇسابىقىگە چۈشسە، قاپلان بۇ دۇنيا چېمپىيونىنىڭ 60 مېتىر ئالدىدا بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى پەللىگە يېتىپ بارغىنى قاپلان بۇلىدۇ.

 قاپلان ناھايىتى تېز يۈگۈرەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ نەپەسلىنىش ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا نىسبەتەن ھەممىسى بىر خىل سىناق. يۈگۈرۈش سۈرئىتى 115 كىلومېتىردىن يۇقىرى بولغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ نەپەس سېستېمىسى ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ ھەممىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئايلىنىدۇ. ئۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىسسىقلىق مىقدارىنى چىقىرىۋېتىشكە ئامالسىز بولغاچقا ناھايىتى ئاسانلا قان ياخشى يۈرۈشەلمەي ھالسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا قاپلان ئادەتتە پەقەت نەچچە يۈز مېتىر قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈپلا سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ. بولمىسا ئۇنىڭ بەدىنى زىيادە قىزىپ، ئاسانلا كوللاپىس پەيدا بولىدۇ. 

قاپلانياشاش رايونى : ئالجىرىيە، ئانگولا، بېنىن، بوتسۋانا، بۇركىنا فاسو، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، چاد، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، ئېفىئوپىيە، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، كېنىيە، موزامبىك، نامىبىيە، نىگېر، سۇمالى، جەنۇبىي ئافرىقا، جەنۇبىي سۇدان، سۇدان، تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى، توگو، ئۇگاندا، زامبىيە، زىمبابۋې. 

نەسلى قۇرۇش مۇمكىن بولغان جايلار : ئافغانىستان، كامېرۇن، جىبۇتى، مىسىر، لىۋىيە، مالاۋى، مالى، ماۋرىتانىيە، ماراكەش، نىگېرىيە، پاكىستان، سېنېگال، غەربىي سەھرا.

رايون خاراكتېرلىك نەسلى قۇرۇش : بۇرۇندى، كوتى دى ئىۋۇئېر، ئېرىترىيە، گامبىيە، گانا، گۋىنىيە، گۋىنىيە بىسساۋ، ھىندىستان، ئىراق، ئىسرائىلىيە، ئىئوردانىيە، قازاقىستان، كۇۋەيىت، ئامان، قاتار، رۋاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان، سېررالېئون، ئەرەب سۇرىيە جۇمھۇرىيىتى، تاجىكىستان، تۇنىس، تۈركمەنىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئۆزبېكىستان، يەمەن.

قايتا كىرگۈزۈلگەن رايونلار : سۋېزىلاند. 

قاپلانئەركەك قاپلان ئادەتتە رىقابەت ئارقىلىق جورا تالايدۇ، ئۇلار دالىدا ئەركىن رىقابەتلىشىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلى بولسا 9195 كۈن، بىر چىشى قاپلان بىر قېتىمدا 6~1 گىچە تۇغىدۇ، ئادەتتە 4~2 كىچە تۇغىدۇ. چىشى قاپلان تۇغقاندىن كېيىن چۆپ بىر قەدەر زىچ بولغان جايلاردا، ئورمانلىقلاردا، سازلىقلاردا، باشقا بەزى ھايۋانلار بارالمايدىغان جايلاردا چاڭگا تىزىدۇ، چۈنكى باشقا يىرتقۇچ ھايۋانلار بۇ كىچىك قاپلانلارنى تۇتۇپ يەۋېتىشى مۇمكىن. 

ئادەتتە كىچىك قاپلان بىر ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئۇلار ئاندىن مۇستەقىل ھالدا ئولجا تۇتۇپ يەيدۇ. كىچىك قاپلاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئادەتتە 300-240 گىرام، تۇغۇلۇپ 3-2 كۈندىن كېيىن ئاندىن ئۆمىلەپ ماڭىدۇ، 14 كۈندىن كېيىن ئاندىن كۆزىنى ئاچىدۇ، ئوزۇقلىنىشى 21-28 كۈندىن كېيىن ئاندىن باشلىنىدۇ، ئىككى ئايدىن كېيىن سۈتتىن ئايرىلىدۇ. 10ــ9 ئايدىن كېيىن چىشى قاپلان جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ. ئەركەك قاپلان بولسا، ئادەتتە 14 ئايلىق بولغاندا ئاندىن يېتىلىدۇ. كىچىك قاپلان تۇغۇلغان چاغدا، ئۇنىڭ دۈمبىسىدىكى بىر قىسىم چىغ قالپاق شەكلىدىكى تۈك ئىككى يېرىم ئاي بولغان ۋاقىتتا چۈشۈشكە باشلايدۇ.

دالىدا ياشايدىغان قاپلان ئادەتتە 15 يىل ياشايدۇ، سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلغان قاپلان 18 يىل ياشايدۇ.

قاپلانپۈتۈن ئافرىقىدا ياشاۋاتقان قاپلان سانى پەقەت 9 مىڭدىن 12 مىڭغىچە، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە تەخمىنەن %10 دىن كۆپرەك قاپلان قورشالغان ھالەتتە ياشايدۇ. قاپلاننى قوغداش كىشىلەرنىڭ بىر ۋەزىپە بولۇپ قالغان، بولۇپمۇ ئافرىقىدا.

قاپلان سانى ئازىيىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى بولسا، بىرسى ئوتخور ھايۋانلارنىڭ ئازىيىپ كېتىشى، مەسىلەن، بۆكەن، مۈڭگۈزلۈك ئات قاتارلىقلار تارقىلىش رايونىدا ئازىيىپ كېتىپ، قاپلاننىڭ يېمەكلىك بايلىقى ئازىيىپ كەتكەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا بىر نۇقتا شۇكى، قاپلاننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنسانلار تەرىپىدىن بۆلىۋېتىلگەن، بۇ رايونلاردا قاپلان توپ ناھايىتى كىچىك، قاپلان جورا ئىزدىشى ئىنتايىن قىيىن؛ ئۈچىنچى سەۋەب، قاپلان تېرىسى سودىسى، بولۇپمۇ خەلقئارالىق سودا. « يوقىلىش ئالدىدىكى تۈرلەر خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى» نىڭ يولغا قويۇلىشى بىلەن بۇ خىل سودا چەكلىمىگە ئۇچرىغان، لېكىن بۇ خىل ئەتكەسچىلىك يەنىلا مەۋجۇت، بۇ ئەتكەسچى ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاش قاپلاننىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىتا بىر زور تەھدىت پەيدا قىلغان.

«يوقىلىش ئالدىدىكى تۈرلەر خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى»گە كىرگۈزۈلگەن؛

«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» 2012-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#