ماتورلۇق قېيىق تەنھەرىكىتى

ماتورلۇق قېيىق

ماتورلۇق قېيىق تەنھەرىكىتى ماتورلۇق قېيىق ئارقىلىق بىپايان دېڭىزدا ئېلىپ بېرىلدىغان تەنھەرىكەت تۈرى. 

ئۇيغۇرچە نامى ماتورلۇق قېيىق تەنھەرىكىتى
خەنزۇچە نامى 摩托艇运动

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماتورلۇق قېيىقماتورلۇق قېيىق تەنھەرىكىتى19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا پەيدا بولغان. ئەينى چاغلاردا سانائىتى راۋاج تاپقان دۆلەتلەر ماتورلۇق قېيىق ياساپ دېڭىز-ئوكيان تەكشۈرۈشنىڭ قاتناش قورالى قىلغان. ئۇلار بىپايان دېڭىزدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، تەبىئەت ئۈستىدىن غالىب كەلگەندەك ھېسسىياتتىن ھوزۇر ئالغان، شۇڭا، ئۇ ناھايىتى تېزلا جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە تەنھەرىكەت بولۇپ قالغان. 1903-يىلى ئامېرىكىدا مەملىكەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك قېيىق جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، ھەر خىل كۆلەمدىكى ماتورلۇق قېيىق مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزگەن. 1922-يىلى خەلقئارا ماتورلۇق قېيىق بىرلەشمىسى بېلگىيىنىڭ برۇكسېللېس شەھەرىدە قۇرۇلۇپ، دۇنياۋى ياكى شتات دەرىجىلىك لەۋھە ۋە لوڭقا تالىشىش مۇسابىقىلىرىنى قەرەللىك ئۆتكۈزۈپ تۇرغان.

خەلقئارا مۇسابىقىلەردىكى ئۆلچەملىك ماتورلۇق قېيىقلاردىن ماتورى سىرتىغا ئورنىتىلغان سۈرئەتلىك قېيىق، ماتورى ئىچىگە ئورنىتىلغان سۈرئەتلىك قېيىق، ماتورى سىرتىغا ئورنىتىلغان سپورت قېيىقى، ماتورى ئىچىگە ئورنىتىلغان سپورت قېيىقى، كۆپتۈرمە قېيىق، يېقىن دېڭىز قېيىقى دەپ ئالتە خىلى بار. ئۇلار ماتور سىلىندىرىنىڭ ئىش سىغىمى ياكى قېيىقنىڭ ئېغىرلىقى بويىچە جەمئىي 50 نەچچە دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. 

ماتورلۇق قېيىق مۇسابىقىسىمۇسابىقە ئادەتتە ھەر خىل يۈرۈش بەلگىلىرى بولغان لىنىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇزۇن ئارىلىقلىق مۇسابىقە، يېقىن دېڭىز مۇسابىقىسى، توسالغۇلۇق مۇسابىقىلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇزۇن ئارىلىقلىق مۇسابىقە چىداملىق مۇسابىقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مۇسابىقە بىر سائەت ياكى بىرقانچە سائەت داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. ئوخشاشمىغان دەرىجىلىك قېيىقلار بىرلا ۋاقىتتا مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، ھەربىر قاتناشقۇچىنىڭ قوزغىلىشتىن ئاخىرلاشقىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە يۈرگەن ئەڭ ئۇزۇن ئارىلىقىغا ئاساسەن نەتىجىسى باھالىنىپ، ھەرقايسى دەرىجىلىكلەر بويىچە ئىسىم تەرتىپى تۇرغۇزۇلىدۇ. يېقىن دېڭىز مۇسابىقىسى دېڭىزدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇزۇن ئارىلىقلىق مۇسابىقە بولۇپ، قېيىققا ئاز بولغاندىمۇ 16 ياشتىن كىچىك بولمىغان ئىككى ئەزا ئولتۇرغان بولۇشى لازىم. ھەر خىل تىپ ۋە دەرىجىلىك قېيىقلار ئارىلاش ھالەتتە مۇسابىقىلىشىپ، سۈرئىتى بويىچە ئىسىم تەرتىپى بېكىتىلىدۇ. توسالغۇلۇق مۇسابىقە مەخسۇس تۈر مۇسابىقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەنھەرىكەتچى قوزغالغاندىن كېيىن، چوقۇم بەلگىلەنگەن پايدىسىز شەرتلەرنى، مەسىلەن، لەيلەتمە جىسىمدىن ئۆتۈش، تار يولدىن ئۆتۈش، ماتور زاپچاسلىرىنى ئالماشتۇرۇشلارنى ئورۇنداپ، سۈرئەت ۋە ھەرىكەتتىكى ئورۇنداش دەرىجىسى بويىچە ئۈستۈنلۈكى باھالىنىدۇ.

بۇ تۈردىكى ئۈستۈنلۈك ئىزچىل تۈردە ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا بولۇۋاتىدۇ. ئېلىمىز1956-يىلىدىن باشلاپ بۇ ھەرىكەتنى دېڭىز بويلىرى، دەريا ياقىلىرى، چوڭ كۆل بويلىرىدىكى شەھەرلەردە قانات يايدۇرغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#