ئەڭ زور بىلەك كۈچى
شىمپەنزىلەر قاۋۇل، بىلىگى ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە توپلىشىپ ياشايدىغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئەتتە ئۇنىڭ رەقىبى ناھايىتى ئاز بولدىكەن.
شىمپەنزىلەر ئېكۋاتور ئافرىقىسنىڭ ئورمانلىرىدا ياشايدۇ، ئۇ يەرلەرنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ئىسسىق ۋە نەم بولۇپ، يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز ئەمەس. ئۇلار ئادەتتە بىر جۈپ بولۇپ ياشايدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىمپەنزەھازىر ياشاپ تۇرغان ئۈچ خىل ئورانگىتان ئىچىدە ئافرىغا شىمپەنزىسىنىڭ بويى ئەڭ كىچىك بولۇپ، ئۆرە تۇرغاندا ئېگىزلىكى 1.20-1.40 مېتىر، ئېغىرلىقى 46-75 كىلوگىرام كېلىدۇ. ئۇ ئانچە زور بولمىسىمۇ، لېكىن ئاجايىپ كۈچلۈك.
بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى(1924-يىلى) مۇنداق خەۋەر قىلىنغان: نيۇ-يورك شەھرىنىڭ بلانكىس ھايۋاناتلار باغچىسىدا بىر ئەركەك شىنپەنزە بولۇپ، كىشلەر ئۇنى «پوما» دەپ ئاتايدىكەن. ئېغىرلىقى 75 كىلوگىرام كېلىدىغان «پوما» ئادەتتە ئىككى پۇتىنى بىمالال كېرىپ، كۈچ ئۆلچىگۈچىنى ئوڭ قولى بىلەن تارتقاندا، كۈچ ئولچىگۈچنىڭ كۆرسەتكۈچى 385 كىلوگىرامنى كۆرسەتكەن(شۇ ئېغىرلىقتىكى ئادەتتىكى كىشىلەر ئاران 96 كىلوگىرامنى تارتالايدىكەن) ؛ مۇشۇ باغچىدا بىر شىمپەنزە بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ئەركىلىتىپ «سۇشەندى» دەپ ئاتايدىكەن. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 61 كىلوگىرام بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاچچىقلانغاندا ئوڭ قولى بىلەن 573 كىلوگىرامنى تارتالايدىكەن.
شىمپەنزىلەر قاۋۇل، بىلىگى ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە توپلىشىپ ياشايدىغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئەتتە ئۇنىڭ رەقىبى ناھايىتى ئاز بولدىكەن.
شىمپەنزىلەر ئېكۋاتور ئافرىقىسنىڭ ئورمانلىرىدا ياشايدۇ، ئۇ يەرلەرنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ئىسسىق ۋە نەم بولۇپ، يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز ئەمەس. ئۇلار ئادەتتە بىر جۈپ بولۇپ ياشايدۇ. بەزىدە ئون نەچچىسى ھەتتا قىرىق نەچچىسى توپلىشىپ ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپرەك ۋاقتى دەرەخ ئۈستىدە ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ناھايىتى مۇرەككەپ، ئۇلار ياۋا مېۋە، ياۋا كۆكتات، ئاشلىق ھەتتا ھاشارەت ۋە كىچىك قۇشلارنىمۇ يەيدۇ.
شىمپەنزە ناھايىتى ئەقىللىق، بىرسى ئوزۇقلۇق بار يەرنى بىلسىلا، باشقىلىرىنى قول ئىشارىتى بىلەن ياكى ۋارقىراپ چاقىرىدۇ. تەربىيلەنگەن شىمپەنزە «بەلگىلىك تىل» ئارقىلىق سۆزلىشەلەيدۇ. ئالىملار ئۇلارنى دائىم ئەڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ھايۋان ھېسابلاپ پىسخولۇگىيىلىك تەجرىبە ئۆتكۈزىدۇ(خۇا خۇەيلۇن)
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.