تەبىئەت قاراشلىرى

تۆت ئېلېمېنتنى ئۇلۇغلاش


ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت ھەققىدىكى ھەر خىل قاراشلىرى ئۇلارنىڭ قەدىمكى مېفولوگىيىلىرىدە، ھېكايە-چۆچەكلىرىدە، تۇرمۇشتىن يەكۈنلەنگەن ماقال-تەمسىل ۋە شېئىر-قوشاقلىرىدا، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ئۆز ئەكسىنى تاپقان.

ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي تەبىئەت كۆزقارىشى ۋە «تەبىئەتنىڭ ئۆزى تەڭرى» دېيىلىدىغان دېئىزملىق ساددا قاراشلىرىدا پۈتۈن كائىنات تۇپراق(توپۇ) ، ھاۋا(يەر) ، ئوت(ئاتەش) ، سۇ(سۇپ) دىن ئىبارەت تۆت ئېلېمېنتتىن يارالغان، دەپ قارالغان. 

ئۇيغۇرچە نامى تەبىئەت قاراشلىرى
خەنزۇچە نامى 自然的观点

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەلقىمىزنىڭ «تۆت ئېلېمېنت» نى ئۇلۇغلىشى

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىتقادلىرىغا دائىر رەسىملەرئادەتتە، كۈندۈزلىرىنى كەڭ تەبىئەت قوينىدىكى ئېتىز-ئېرىق، قىرلاردا، كېچىلىرىنى كۆك ئاسمان ئاستىدىكى خامانلاردا خامان تېپىش، يايلاقلاردا مال كۆزىتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەمگەكچان ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى ئۇزاق ئەسىرلىك ساددا چۈشەنچىلىرىنى يەكۈنلەپ، تۆت ئېلېمېنت(تۆت زات، تۆت ئاناسىر، تۆت ماددا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى ئىلاھىيلاشتۇرىدىغان ئاجايىپ قىزىقارلىق قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى كۈچلۈك ئىدىيىۋى ئىشەنچ ۋە ئېتىقاد مەزمۇنىغا ئايلاندۇرغان.

ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆپ خۇدالىق قەدىمكى ئىپتىدائىي قارىشىدا كۆكتەڭرى(ئاسمان، ھاۋائىلاھى) ، يەر-سۇپ ئىلاھى(ئوماق ئىلاھى) ، سۇ تەڭرىسى(سۇ ئىلاھى) ۋە ئوت ئىلاھى(ئاتەش ئىلاھى) ھەممىدىن بۈيۈك ئىلاھلار ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭغا چوقۇنغان ۋە ئېتىقاد قىلغان. ئۇلارنىڭ «ئادەم زاتىنىڭ يارىلىشى» ھەققىدىكى ئەپسانىلىرىدە، ئادەمئاتام بىلەن ھاۋائانامدىن ئادەم زاتى پەيدا بولغان دەپ ھېكايە قىلىپ، ئادەمئاتام(ئادەم ئەلەيھىسسالام) نى كۆك(ئاسمان) كە، ھاۋائانامنى يەر(تۇپراق) گە تەڭلەشتۈرىدۇ ھەمدە ھاۋا ئانامنى ئانا تەڭرى-ئوماي دەپمۇ قارايدۇ. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «ئومايغا تاپىنسا ئوغۇل بولۇر» (1 توم، 167-بەت) دېگەن ماقالمۇ بار. خەلقىمىز ئارىسىدا كۆككە چوقۇنۇشتىن كېلىپ چىققان «يامغۇر تىلەش مۇراسىمى» دا «كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق» دەپ ئاسمانغا قاراپ خۇداغا ئىلتىجا قىلىش ئادىتى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا. تۇپراق(يەر) نى ئانىغا تەڭلەشتۈرۈپ ئۇنى ئۇلۇغلاش(ئانا يەر، ئانا يۇپراق، ئان ۋەتەن دېگەنگە ئوخشاش) ئادىتىمۇ ئەنە شۇ ئىپتىدائىي «يەر-سۇپ تەڭرىسى» ئېتىقادىدىن كېلىپ چىققان.

ئوماق ئانا قەدىمكى زامانلاردا ئادەمزات ئۈچۈن تۇپراق ۋە سۇ مەنبەلىرىنى ئاتا قىلغۇچى بەخت ئىلاھى(idog) دەپ ئاتالغان. ئەنە شۇ «بەخت ئىلاھى» شەرىپىگە تۇرپاننىڭ قەدىمكى نامى ئىدىقۇت(ئىدى-ئىلاھ، خۇدا؛ قۇت-بەخت، يەنى بەخت بەرگۈچى خۇدا، دېمەكتۇر) دەپ ئاتالغان. 

خەلقىمىزنىڭ «تۆت ئېلېمېنت» نى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت قاراشلىرىخەلقىمىزنىڭ «تۆت ئېلېمېنت» نى ئۇلۇغلاش ۋە مۇقەددەسلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىپتىدائىي تەبىئەت قاراشلىرىنىڭ ئىزلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدە، كېسەللەرنى داۋالاشتىكى ئەم-ئېرەم قائىدىلىرىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئادەتتە داۋاملىق دېيىلىدىغان «تۆت پەسىل» (باھار، ياز، كۈز، قىش) ، «تۆت تەرەپ» (شىمال، جەنۇب، شەرق، غەرىب) ، «ھاياتلىقنىڭ تۆت دەۋرى» (بالىلىق، ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق، قېرىلىق) ، «تۆت سۈپەت» ياكى «تۆت مىزاج» -(ئىسىق، سوغۇق، ھۆل، قۇرۇق) «تۆت خىلىت» (سەپرا، قان بەلغەم، سەۋدا) قاتارلىق «تۆتلۈكلەر گۇرۇپپىسى» نىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ ئالەمنىڭ ئۇلى بولغان «تۆت ئېلېمېنت» قارىشىنىڭ سمۋوللۇق ئىپادە قىلىنشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت قاراشلىرىنىڭ يادروسى(مەركىزى) قەدىمكى ئىپتىدائىي دەۋرلەردە شەكىللەنگەن «تۆت ئېلېمېنت» قارىشىدىن ئىبارەت، دەپ ئېيتالايمىز. (ئا)


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#