بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر سويىلىشى

بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر سويىلىشى

بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر سويىلىشى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇغۇتتىن ئىلگىرى بالا ھەمرىيىنىڭ بىرقىسمى ياكى ھەممە قىسمىنىڭ پۈتۈنلەي بالىياتقۇ تېمىدىن سويۇلدىغان پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

جۇڭيى تىبابىتى نامى بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر سويىلىشى
تەۋە بۆلۈم تۇغۇت بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى بالىياتقۇ
خەنزۇچە نامى 胎盘早剥
يۇقۇملىنىشى يوق
چەتئەلچە نامى placentalabruption

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر سويىلىشىبالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر سويىلىشى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇغۇتتىن ئىلگىرى بالا ھەمرىيىنىڭ بىرقىسمى ياكى ھەممە قىسمىنىڭ پۈتۈنلەي بالىياتقۇ تېمىدىن سويۇلۇپ، بالا ھەمرىيى كەينىدىن قانلىق ئىششىق شەكىللىنىشىدىن كلىنكىدا جىنسىي يولدىن قان كېلىش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدىغان پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

بالىياتقۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى

بالىياتقۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىياتقۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلىغاندا، بالىياتقۇ بالا ھەمرىيىنى تۇتۇپ تۇرالماي، بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر سۇيۇلىشى كېلىپ چىقىدۇ.

پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر 

پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئاخىرقى مەزگىلدىكى ھامىلىدارلىقتىن زەھەرلىنىش كېسىلى، سۇزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەردە ئاساسى سۇيۇلغۇچى پەردە ئۇششاق ئارتىرىيىلەرنىڭ تارتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاساسى سۇيۇلغۇچى پەردە چىرىپ قاناپ، بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر سويۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

زەخمىلىنىش

زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. قورساق قىسمىنىڭ قىسىلىشى بېسىلىشى، يارىلىنىش، كىندىكنىڭ بەك قىسقا بولۇپ، ھامىلە بېشى چۈشكەن چاغدا تارتىشىش، ھامىلىنى سىرتتىن توغرىلاش مەشغۇلاتىدىكى خاتالىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالا ھەمرىيى بالدۇر سۇيۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىياتقۇ بوشلىقى ئىچكى بېسىم كۈچىنىڭ تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كېتىشى

بالىياتقۇ بوشلىقى ئىچكى بېسىم كۈچىنىڭ تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر باش سۈيى زىيادە كۆپ بولسا، باش سۈيى قېپى يېرىلغان چاغدا، باش سۈيىنىڭ ئېقىشى ناھايىتى تېز بولۇپ كېتىشى، قوشكېزەك ھامىلدارلىقتا بىرىنچى ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ بەك تېز بولۇپ كېتىشىدىن بالىياتقۇ ئىچكى بېسىمى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ، ھەجمى كىچىكلەپ، بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر سۇيىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھامىلىدار ئايال ئۇزۇن مۇددەت ئوڭدا ياتقانلىقتىن، بالىياتقۇ تۆۋەنكى كاۋاك ۋىنانى بېسىپ، قاننىڭ قايتىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بالىياتقۇ ۋىنا بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ، سۇيۇلغۇچى پەردىدە قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئارقىلىق، بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر سۇيۇلىشى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر سويىلىشىئاساسەن نىگىز سۇيۇلغۇچى پەردە قەۋىتى قاناپ، بالىياتقۇ دىۋارى بىلەن بالا ھەمرىيىنىڭ ئانا تەرەپ يۈزى ئارىسىدا قانلىق ئىششىق پەيدا بولۇپ، بالا ھەمرىيى چاپلىشىپ تۇرغان ئورۇندىن ئاجىرىلىشتىن ئىبارەت. ئەگەر ئاجرالغان يۈزى كىچىك بولسا قاناش ئاز بولۇپ، كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى روشەن بولمايدۇ. بالا ھەمرىيى چۈشكەندىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتىلا بالا ھەمرىيىنىڭ ئانا تەرەپ يۈزىدە كونا ئۇيىغان قان ۋە ئۇيۇق بارلىقى بايقىلىدۇ. ئەگەر بالا ھەمرىيىنىڭ ئاجرالغان يۈزى چوڭراق بولسا، ئاستىنقى سۇيۇلغۇچى پەردىدىكى قاناشمۇ كۆپرەك بولىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل تىپنىڭ ئالامەتلىرى بولىدۇ.

1. ئاشكارا قاناش. بالا ھەمرىيى كەينىدىكى قانلىق ئىششىق بالا ھەمرىيى قىرىنى قايرىپ ئۆتۈپ، قان ھامىلە قېپى بىلەن بالىياتقۇ دىۋارى ئارلىقىدىن، بالىياتقۇ بوينى ئارقىلىق جىنسىي يولدىن سىرتقا ئېقىپ چىقىدۇ.

2. يوشۇرۇن قاناش. بالا ھەمرىيى كۆپىنچە مەركەزدىن سۇيىلىدۇ. قان بالا ھەمرىيى ياكى ھامىلە قېپى بىلەن بالىياتقۇ تېمى ئوتتۇرىسىغا يىغىلىپ قېلىپ، سىرتقا ئېقىپ چىقالمايدۇ. بەزىدە يىغىلىپ قالغان قان ھامىلە قېپىنى يېرىپ، باش سۈيى قېپى بوشلىقىغا كىرىدۇ. ئاز ساندىكى كېسەللەردە قاناشتىن كېلىپ چىققان قان زىيادە كۆپ بولسا، بالىياتقۇ ئىچكى بېسىمى يۇقىرلاپ، قان بالىياتقۇ مۇسكۇل قەۋىتىگە سىڭىپ كىرىپ، مۇسكۇل تالالىرىنى بۆلۈپ، ئۈزۈپ تاشلاپ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. قان ھەتتا بالىياتقۇ شىرلىك قەۋىتىگە سىڭىپ كىرىپ، بالىياتقۇ سىرتى سۆسۈن رەڭگە كىرىپ قالىدۇ. بولۇپمۇ بالا ھەمرىيى چاپلىشىپ تۇرغان ئورۇندا ناھايىتى روشەن بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىياتقۇ مۇسكۇلى قىسقىرىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئەھۋال بالىياتقۇ بالا ھەمرىيى مەنبەلىك سەكتە دەپ ئاتىلىپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى چوڭ قاناشقا سەۋەبچى بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا قان مۇسكۇل قەۋىتىدىن كەڭ تاراموشقا سىڭىپ كىرىدۇ. ھەتتا تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ئارقىلىق قورساق بوشلىقىغا ئېقىپ كىرىدۇ.

3. ئارىلاشما تىپى. ئىچكى قاناش كۆپرەك بولغاندا، قان بالا ھەمرىيىنىڭ قىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، بىر قىسىم قان سىرتقا ئېقىپ چىقىدۇ، يەنى يوشۇرۇن، ئاشكارا قاناش بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدۇ.

بالا ھەمرىيى بالدۇر سۇيۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تۇيۇقسىز قورساق ئاغرىش ۋە جىنسىي يولدىن قان كېلىش (ئاز سانلىقلاردا جىنسىي يولدىن قان كەلمەيدۇ) تىن ئىبارەت بولۇپ، سويۇلۇش يۈزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، قاناش مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە ئاساسەن كىلىنكىدا يېنىك تىپى ۋە ئېغىر تىپى دەپ ئىككى تىپقا بۆلىنىدۇ.

يېنىك تىپى

بۇ تۇغۇتنىڭ ئالدى-كەينىدە كۆپرەك يۈز بېرىدۇ. ئادەتتە بالا ھەمرىيىنىڭ سۇيۇلغان يۈزى 1/3 قىسىمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئاشكارە قاناش ئاساسلىق بولۇپ، قورساق ئاغرىش يېنىكرەك بولىدۇ ياكى روشەن بولمايدۇ. جىنسىي يولدىن كەلگەن قان مىقدارى ئازراق، رەڭگى قارامتۇل قىزىل بولىدۇ. قورساقنى تەكشۈرگەندە بالىياتقۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھامىلىدارلىق ئاي سانىغا ماس كېلىدۇ. ھامىلىنىڭ جايلىشىشى ۋە يۈرەك ئاۋازى ئېنىق، بالىياتقۇ يۇمشاق بولىدۇ. باسقاندا يېنىك دەرىجىدە ئاغرىيدۇ ياكى ئاغرىش روشەن بولمايدۇ. تۇغۇتتىن كېيىن بالا ھەمرىيىنى تەكشۈرگەندە، ئۇيۇپ قالغان قان پارچىلىرىنى ۋە قان ئويۇقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئېغىر تىپى

ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى ئالامىتى ئېغىر بولغۇچىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. تۇ تىپىدىكى يوشۇرۇن قاناشتا ئاساسلىقى-بالا ھەمرىيىنىڭ سويۇلغان يۈزى چوڭراق بولۇپ، 1/3 قىسىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ. قورساق تۇيۇقسىزلا داۋاملىق قاتتىق ئاغرىيدۇ ھەمدە كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، رەڭگى تاتىرىش، مۈچىلەر مۇزلاش، تومۇرى ئىنچىكە، ئاجىز سوقۇش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش قاتارلىق شۇكنىڭ ئالامەتلىرى بولىدۇ. جىنسىي يولدىن ئازراق قان كېلىدۇ ياكى كەلمەيدۇ. قان ئازلىق دەرىجىسى جىنسىي يولدىن كەلگەن قان مىقدارى بىلەن تاناسىپ بولمايدۇ. قورساقنى تەكشۈرگەندە، قورساق قىسمى تاختايدەك قاتتىق بولىدۇ. ئەگەر بالا ھەمرىيىنىڭ سويۇلغان يۈزى 2/1 قىسىمدىن ئېشىپ كەتسە، ھامىلە يۈرەك ئاۋازى كۆپىنچە يوقىلىپ كېتىدۇ ھەمدە ئېغىر تۇنجۇقۇشتىن ھامىلە ئۆلۈپ قالىدۇ.

بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر سويىلىشى1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

2. قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

1) B تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرگەندە بالا ھەمرىيى بىلەن بالىياتقۇ دىۋارى ئوتتۇرىسىدا تۇتۇق رايون پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. تۇتۇق رايون كۆپىنچە بىرلا ئورۇندا بولمايدۇ. چېگرىسىمۇ ئانچە ئېنىق بولمايدۇ.

2) لابىراتورىيىلىك تەكشۈرۈش: قاننى قائىدىلىك تەكشۈرۈش، قان چىقىش، قان ئۇيۇش ۋاقتى، قان پىلاستىنكىسىنى تەكشۈرۈش ۋە سۈيدۈكنى قائىدىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. شارائىت بولسا قان ئۇيۇش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر ئىشلىنىدۇ.

بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر ئاجرىلىشىنى-بالا ھەمرىيى ئالدىن ئورۇنلىشىش، بىشارەتلىك بالىياتقۇ يېرىلىش بىلەن پەرقلەندۈرۈش كېرەك. 8.2 −جەدۋەل. ئېغىر تىپلىك بالا ھەمراھىنىڭ بالدۇرئاجرىلىشىنىڭ سېلىشتۇرما دىئاگنوزى ئېغىر تىپلىك بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر ئاجرىلىشى بالا ھەمرىيىنىڭ ئالدىغائورۇنلىشىشى بىشارەتلىك بالىياتقۇيېرىلىشى كېسەل پەيدابولۇشئەھۋالى جىددىي بولىدۇ، كۆپىنچە ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىم يىغىندى ئالامىتى قوزغىتىدۇ ۋە يارىلىنىش تارىخى بولىدۇ.ئاستىراق بولىدۇ، قوزغاتقۇچى سەۋەب بولمايدۇ.توسۇلۇش خاراكتېرلىك قىيىن تۇغۇت ياكى بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرغان تارىخى بولىدۇ. قورساقئاغرىش قاتتىق بولىدۇ.بولمايدۇ.قاتتىق ئاغرىپ بىئارام بولىدۇ. جىنسىي يولىدىن قان كېلىش ئىچكى-تاشقى قاناش كۆرۈلۈپ ئىچكى قاناش ئاساسلىق بولىدۇ. سىرتقى قاناش بىلەن قان كەملىك دەرىجىسى ماس كەلمەيدۇ.سىرتقى قاناش بولۇپ، قاناش بىلەن قان كەملىك دەرىجىسى ماس كېلىدۇ.سىرتقى قاناش مىقدارى ئاز بولىدۇ، قان سىيىدۇ. بالىياتقۇ ھامىلىدارلىق ھەپتىسىدىن چوڭ، تاختىدەك قاتتىق، باسقاندىكى ئاغرىش روشەن بولىدۇ.ھامىلىدارلىق ھەپتىسى بىلەن ماس كېلىدۇ، يۇمشاق بولىدۇ.پاتولوگىيىلىك قىسقىرىش ھالقىسى پەيدا بولىدۇ، بالىياتقۇنىڭ تۆۋەن بۆلۈكىنى باسسا ئاغرىيدۇ. ھامىلىنىڭجايلىشىشىۋە ھامىلەيۈرىكى ھامىلىنىڭ جايلىشىشى ئېنىق بولمايدۇ، ھامىلە يۈرەك ئاۋازى ئاجىز ياكى يوقالغان بولىدۇ.ھامىلىنىڭ جايلىشىشى ئېنىق، ھامىلە يۈرەك ئاۋازى ئادەتتە نورمال بولىدۇ.ھامىلىنىڭ جايلىشىشى بىر ئاز ئېنىق بولىدۇ، ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدە تۇنجۇقىدۇ. جىنسىي يولدىن تەكشۈرۈش بالا ھەمرىيى توقۇلمىسى قولغا ئۇرۇنمايدۇ.بالىياتقۇ بويۇن ئېغىزى ئىچىدە، بالا ھەمراھى توقۇلمىسى قولغا ئۇرنىشى مۇمكىن.بالا ھەمرىيى توقۇلمىسى قولغا ئۇرۇنمايدۇ. بالاھەمرايىنىتەكشۈرۈش بالدۇر ئاجرالغان ئورۇندا ئۇيما قان ئويۇق بولىدۇ .ئۇيىما قان ۋە ئويۇق بولمايدۇ، ھامىلە قېپى يېرىلغان ئېغىزى بىلەن بالا ھەمراھى قىرىنىڭ ئارىلىقى 7cm دائىرە ئىچىدە بولىدۇ.ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. قان ئۇيۇشمېخانىزمى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، نورمالسىزلىق بولمايدۇ.

ھامىلدارلىقىنى تېزلىكتە ئاخىرلاشتۇرۇش، كونترول قىلىشقا بولمايدىغان قاناش كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بىمارنى تىنچ ياتقۇزۇپ، ئوكسىگىن پۇرىتىش، بىمارنى ئىسسىق ساقلاش، قان سىغىمچانلىقىنى تولۇقلاپ، شۇكقا قارىتا چارە قىلىش، قان بېرىش لازىم. بۇنىڭدا كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. 1. قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپىراتسىيىسى. ئېغىر تىپتىكى بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر سۇيۇلىشىغا ماس كېلىدۇ. بولۇپمۇ تۇنجى تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە قىسقا مۇددەتتە جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغالمايدۇ دەپ قارالغانلارغا ماس كېلىدۇ. ئەگەر ھامىلە قېپى يېرىلغاندىن كېيىنمۇ تۇغۇت جەريانىدا تەرەققىيات بولمىغان، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەھۋالى يامانلىشىپ كەتكەن بولسا مەيلى ھامىلە تىرىك ياكى ئۆلۈك بولسۇن بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپىراتسىيىسىنى ئۆز ۋاقتىدا ئىشلەش كېرەك. 2. جىنسىي يولدىن تۇغدۇرۇش. بۇ ئۇسۇل كېسەللىك ئەھۋالى يېنىكرەك، ئادەتتىكى ئەھۋالى ياخشى، قاناش كۆپ بولمىغان، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى بوش ياكى چوڭراق ئېچىلغانلارغا ماس كېلىدۇ. ئالدى بىلەن ھامىلە قېپىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا يېرىۋېتىپ، قورساقنى چىڭ تېڭىۋەتسە، بالىياتقۇ بوشلۇقى بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىغىمۇ تۈرتكە بولۇپ، تۇغۇتنى تېزلىتىدۇ ياكى تۇغۇشقا سەۋەبچى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا قان بېسىمى، تومۇر سوقۇشى، بالىياتقۇ تېگى، بالىياتقۇ تېنىنى باسقاندا ئاغرىش، جىنسىي يولدىن قان كېلىش ۋە ھامىلە يۈرەك ئاۋازى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش لازىم. بالىياتقۇ قىسقارمىغان ياكى بالىياتقۇ قىسقىرىشى كۈچلۈك بولمىغاندا، ۋىنادىن ئوكسىتوتىسىن تامچىلىتىپ، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى كۈچەيتىپ، تۇغۇت جەريانىنى قىسقارتىش كېرەك. بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى تولۇق ئېچىلغاندىن كېيىن، جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغۇشقا ياردەم قىلىنىدۇ. ئەگەر ھامىلە ئۆلگەن بولسا، باش سۆڭىكىنى تېشىش ئوپىراتسىيىسى قىلىنىدۇ. 3.تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. تۇغۇتتىن كېيىن ئوكسىتوتىسىن قاتارلىقلارنى دەرھال ۋىنادىن تامچىلىتىپ ياكى بولمىسا بالىياتقۇ تېنى، بالىياتقۇ بوينىغا بىۋاسىتە ئوكۇل قىلىپ ھەمدە بالىياتقۇنى داۋاملىق ئۇۋىلاپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر بالىياتقۇنى قىسقارتقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش، ئۇۋىلاپ بالىياتقۇنى غىدىقلاش ۋە بالىياتقۇ بوشلىقىغا داكا كەپلەش قاتارلىق بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا ياكى بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى يەنىلا ياخشى بولمىسا، دەرھال بالىياتقۇنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپىراتسىيىسىنى ئىشلەش كېرەك. قان-تومۇر ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە قان ئۇيۇش كېلىپ چىقىش ياكى ئۇنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بالا ھەمرىيى بالدۇر سۇيۇلغانلارغا، ئۆز ۋاقتىدا ھامىلىدارلىقىنى توختىتىش چارىسىنى قوللىنىش كېرەك.

1. تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناش كېلىپ چىقىدۇ. بالا ھەمرىيى بالدۇر سويۇلغاندا، تۇغۇتتىن كېيىن، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىش كۈچى يېتەرسىز بولغاچقا، تۇغۇتتىن كېيىن چوڭ قاناش كېلىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ بالا ھەمرىيى−بالىياتقۇ سەكتىسى ۋە قان ئۇيۇش فۇنكىسىيىسى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا كېلىپ چىقىدىغان تۇغۇتتىن كېيىنكى قاناشقا تېخىمۇ ئېتىبار بىلەن قاراش لازىم.

2. قان ئۇيۇش خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئېغىر تىپىدا كۆرىلىدۇ. زەخمىلەنگەن بالا ھەمرىيىنىڭ سۇيۇلغۇچى توقۇلمىلىرى كۆپ مىقداردىكى توقۇلما تىرومبويلاستىنى ئىشلەپ چىقىرىپ، ئانا قېنىدىكى قان ئۇيۇش (DIC) نى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تالالىق ئېرىش سېستىمىسى جانلىنىپ، فىبىرىنوگىننى تېخىمۇ ئازايتىپ، قان ئويۇش خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن بەدەنلىك قاناش توختىماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىلىنكىدا پۈتۈن بەدەن تېرە ئاستى، شىللىق پەردىلىرى ياكى ئوكۇل قىلغان ئورۇن قاناش، قان سىيىش، قان تۈكۈرۈش قان قۇسۇش ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ قاناش ۋە قان ئۇيۇماسلىق ئۆز ۋاقتىدا جىددى قۇتۇلدۇرۇلمىسا ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ.

3. بۆرەك خىزمىتى ئۆتكۈر زەئىپلىشىش يۈز بېرىدۇ. كۆپلەپ قان يوقىتىش ياكى شۇك بولغان ۋاقىتنىڭ بەك ئۇزۇن بولىشىدىن بۆرەكنىڭ قانغا تولىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئېغىر بولغاندا، بۆرەك پوستلىقى ۋە كانالچىسىدا قان كەملىك يۈز بېرىپ، نىكروزلىنىش يۈز بېرىپ، كىلىنكىدا سۈيدۈك ئازىيىش، سۈيدۈك كەلمەسلىك بىلەن ئىپادىلىنىپ، كۆپىنچە بالا ھەمرىيى بالدۇر سۇيۇلغان بىمارلار ئۆلۈمىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ. ئالدىنى ئېلىش: ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشنى كۈچەيتىش، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش، ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىم ئالامىتى ۋە يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ھامىلدارلارنىڭ ھامىلدارلىق ئاخىرقى دەۋرىدە سول تەرەپنى كۆپرەك بېسىپ يېتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قان-تومۇرلارنىڭ بېسىلىشىنى ئازايتىپ، بالا ھەمرىيىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاش كېرەك. ھامىلە جايلىشىشى نورمالسىز بولۇپ، سىرتتىن تۈزەش ئوپىراتسىيىسى ئىشلىگەندە قاتتىق دىققەت قىلىش، مەشغۇلاتىنى يېنىك، نازۇك ئىشلەش، ھامىلە يۈرەك ئاۋازى ۋە قورساق ئاغرىشقا دىققەت قىلىش، بالىياتقۇ بوشلىقى بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باش سۈيى زىيادە كۆپ بولغان ھامىلە ۋە قوشكېزەك ھامىلىنى تۇغدۇرۇشىنى توغرا بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.

1. ئەگەر شۇك بولسا، ئالدى بىلەن شۇكقا قارىتا چارە قىلىش كېرەك. مەسىلەن: قان، سۇيۇقلۇق بېرىش، ئوكسىگىن سۈمۈرتۈش كېرەك.

2. بىمارنى يېتىپ ئارام ئېلىشقا دەۋەت قىلىش، ئىدىيىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، جىددىيلىك، قورقۇش كەيپىياتلىرىنى تۈگىتىش كېرەك.

3. ئوپىراتسىيىدىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

4. قان بېسىمى، نەپەس، تومۇر سوقۇشى، ھامىلە يۈرىكىنىڭ سوقۇشى ۋە بالىياتقۇنىڭ قىسقىراش ئەھۋالىنى قاتتىق كۈزىتىش كېرەك. جىنسىي يولدىن كەلگەن قان مىقدارىنى بىلىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1203

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇن قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/289383.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#