دەھلىز چوڭ بېزى ياللۇغى
دەھلىز چوڭ بېزى ياللۇغى-جىنسىي يول كىرىش ئاغزىغا جايلاشقان دەھلىز چوڭ بېزى (دالانچە چوڭ بېزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆتكۈر دەۋردە دەھلىز چوڭ بېزىنىڭ شىللىق پەردىلىرى ئىششىش، قىزىش، ئاغرىش، بەزىدە يىرىڭ چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىك.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، جىنسىي يول كىرىش ئاغزىغا جايلاشقان دەھلىز چوڭ بېزى (دالانچە چوڭ بېزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ئۆتكۈر دەۋردە دەھلىز چوڭ بېزىنىڭ شىللىق پەردىلىرى ئىششىش، قىزىش، قىزىرىش، ئاغرىش، بەزىدە يىرىڭ چىقىش، يىرىڭ چىقالماي قالسا، مونەك شەكىللىك يىرىڭلىق ئىششىق شەكىللىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر؛ ئۆتكۈر دەۋرىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، خالتىلىق ئىششىق شەكىللىنىپ قايتا-قايتا قوزغىلىش، ھەرىكەت چەكلىمىگە ئۇچراش ۋە ئۇخلىيالماسلىقتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيا، ئۈستقۇددۇس، سېرىق ئوت، قىزىلگۈل خەمىكى، شاھتەررە، بىستىپايەج، ئىزخىر، رۇمبەدىيان، تەرەنجىبىن، قارا ھېلىلە، گۈلى بىنەپشە، بەدىيان يىلتىزى پوستى ئالتە گىرامدىن، چىلان 15 تال، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: مۇدەببەر كۇچۇلا 100 گىرام، يىلان گۆشى 360 گىرام، قىزىل سىر 60 گىرام، چايان 20 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلاردىن يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.