مونتېگومىرى

مونتېگومېرى

مونتېگومېرى 1887-يىلى 11-ئاينىڭ17-كۈنى لوندون نىڭ كوننىكتون رايوننىڭ شىېنماكتۇن كەنتىدىكى چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى داڭلىق ئەنگلىيە گېنرالى، ھەربىي ئىشلار ئالىمى، ھەربىي سىياسىيون، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى، ئەنگلىيە ئىمپىرىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باش سەنمۇجاڭى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ داڭلىق قوماندانلىرىنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مونتېگومىرى
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1887-يىلى 11-ئاينىڭ17-كۈنى
كەسپى ھەربىي ئالىم، ھەربىي
ئېنگىلىزچە ئىسمى Bernard Law Montgomery
خەنزۇچە ئاتىلىشى 伯纳德·劳·蒙哥马利
يۇرتى لوندون
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1976-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى سانخوس ھەربىي مەكتىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مونتېگومېرىمونتېگومېرى 1887-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى لوندوننىڭ كوننىكتون رايوننىڭ شىېنماكتۇن كەنتىدىكى چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە باشلانغۇچتا ئوقۇغاندا پەننى نەتىجىسى ناھايىتى ناچار، لېكىن تەنتەربىيەدە ناھايىتى ياخشى بولغان، 1907-يىلى سانخوس ھەربىي مەكتىپىگە كىرگەن. 

مارشال بېرناندۇ لاۋ مونتېگومېرى (Bernard Law Montgomery) بولسا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى داڭلىق ئەنگلىيە گېنرالى، ھەربىي ئىشلار ئالىمى، ھەربىي سىياسىيون، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى، ئەنگلىيە ئىمپىرىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باش سەنمۇجاڭى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ داڭلىق قوماندانلىرىنىڭ بىرى. تۆھپىلىرىدىن شىمالى ئافرىقىدىكى «قۇملۇق تۈلكىسى» روممىلنى مەغلۇپ قىلغان ئالامان ئۇرۇشى، فىرانسىيدىكى نورماندىيە ئۇرۇشى قاتارلىقلار بار. 2002-يىلى مونتىگومىرى BBC تەرىپىدىن «ئەنگىليە تارىخىدىكى 100مەشھۇر شەخىس» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. 

ئۇرۇشتىن كېيىن ئەنگىليە پادىشاھى ئۇنىڭغا ئۇرۇشتىكى تۆھپىسى ئۈچۈن گىرافلىق (ئاقسۆڭەكلىك) ئۇنۋانى بېرىلگەن. 

مونتېگومېرىمونتېگومېرى 1908-يىلى 12-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئەنگلىيە نىڭ ھىندىستان دىكى قوشۇندا كەنجى ئوفىتسىر بولغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن پودپولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن ۋە سەنمۇجاڭلارنى تەربىيلەش ھەربىي ئىنىستىتۇتقا ئۇقۇشقا ئەۋەتىلگەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ 1921-يىلدىكى ئېرلاندىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1926-يىلى 1-ئايدا سەنمۇجاڭلارنى تەربىيلەش ھەربىي ئىنىستىتۇتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1935-يىلى مۇدىر ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1937-يىلى 9-پىيادىلەر كورپۇسىنىڭ كوماندىرلىقىغا تەيىنلەنگەن.1938-يىلى 10-ئايدا پەلەستىن دە تۇرۇشلۇق 8-دېۋىزيىنىڭ كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە پەلەستىنلىكىلەرنىڭ قوراللىق توپلىڭىنى بېسىقتۇرغانلىقى ئۈچۈن، گېنىرال لېيتنانتلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1939يىلى 8-ئايدا دۆلەت ئىچىدىكى «پولات دېۋىزىيە» دەپ نام ئالغان 3-دېۋىزىيىنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. كېيىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلغاندىن كېيىن ئەنگلىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىسىملىرى بىلەن بېلگېيە ئارمىيسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، گېرمانىيە ئارمىيسىگە تاقابىل تۇرغان، كېيىن گېرمانىيە ئارمىيسىنىڭ چاقماق تېزلىكىدىكى ھۇجۇمىدا فرانسىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دېينكۇرىكتىكى چېكىنىش ئارقىلىق ئەنگليىگە قايتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسىرلارنى تەربىيلەش كۇرسىسىغا قاتنىشىپ ساپا ئۆستۈرگەن. 1942-يىلى 7-ئايدا ئەنگليىنىڭ شىمالى ئافرىقىدىكى 8-گوروپپىۋوي ئارمىيسى «قۇملۇق تۈلكىسى» روممىل تەرىپىدىن مىسىرغا قوغلىۋىتىلىپ، قاتتىق مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل 1942-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى مونتېگومىرنى ئەنگليىنىڭ شىمالى ئافرىقىدىكى 8-گوروپپىۋوي ئارمىيسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن. مونتېگومىرى شىمالى ئافرىقىغا بارغاندىن كېيىن، چېرچىلىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ۋە روممىلنىڭ تېلگىرامما كودىنى يېشىش ئارقىلىق، 1942-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈندىن 11-ئاينىڭ 4-كۈنگىچە روممىلىنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئافرىقا گوروپپىۋى ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن شىمالى ئافرىقا ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغان. ئەنگلىيە پادشاھى ئۇنىڭغا ئۇرۇشتىكى تۆھپىسى ئۈچۈن گىرافلىق(ئاقسۆڭەكلىك) ئۇنۋانى بېرىلگەن ۋە ئۇنى گېنىرال پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرگەن. 1943-يىلى 7-ئايدا ئۇ 8-گوروپپىۋوي ئارمىيسىنى باشلاپ، ئىتاليىنىڭ سېتسىليىدە قۇرۇقلۇققا چىققان. 1944-يىلى 6-ئايدا ئېزىنخاۋىرنىڭ نورماندىيدىكى قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشنىڭ باش ياردەمچىسى بۇلۇپ، زور تۆھپە ياراتقان، شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشاللىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1945-يىلى 21-گوروپپىۋوي ئارمىيسىنى باشلاپ گېرمانىينىڭ شىمالىي قىسىمدىكى ھەربىي قوشۇننىڭ تەسلىمنامىسىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەنگلىيە ئىشغاليىتىدىكى گېرمانىينىڭ باش ھەربىي-مەمۇرى بولغان، شۇنداقلا ئىتتىپاقداش ئارمىينىڭ گېرمانىيە باشقۇرۇش كومتىتىنىڭ ئەنگلىيە تەرەپ ۋەكىلى بولغان. 1946-يىلدىن 1948-يىلغىچە ئەنگلىيە باش سەنمۇجاڭى، 1948-يىلدىن 1951-يىلغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوغدىنىش ئاپپاراتىنىڭ رەئىسى، 1951-يىلدىن 1958-يىلغىچە شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتنىڭ ھەربىي تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1958-يىلى 50 يىللىق ھەربىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پېنسىيگە چىققان. 1976-يىلى 3-ئاينىڭ21-كۈنى 89 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

مونتېگومىرى كىچىك ۋاقتىدا تولمۇ شوخ بولغاچقا، ئاتا-ئانىسىغا دائىم چاتاق تېپىپ بېرەتتى. ئۇ 38 ياشقىچە توي قىلمىغان. شۇڭا كىشىلەر مازاق قىلىپ «ھەربىي قوشۇن موتىگومىرنىڭ خوتۇنى» دىگەن. 1927-يىلى 7-ئاينىڭ27-كۈنى 40 ياشلىق مونتىگومىرى 39 ياشلىق بېتتى (ئامىركىلىق) نى ئەمرىگە ئالغان. 1937-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى بېتتى ئاق قان كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. ئۇرۇش ۋاقتىدا مونتىگومىرى دائىم ئالدىنقى سەپتە يۈرۈپ، ئوفىتسىر-ئەسكەرلەرنىڭ جاسارىتىنى ئۆستۈرگەن.

موتىگومىرى بولسا ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدە ئۆزنى تاۋلىغان، ئاستا-ئاستا يېتىلگەن ھەربىي، ئۇنىڭ تالانىتى كېيىن بايقالغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#