كۆپ شەكىللىك قىزىل داغ

كۆپ شەكىللىك قىزىل داغ

بۇ يەرلىك ئورۇن تېرىسىدە قىزىل داغلىق سۇلۇپ قاپارتقۇ بىلەن ئىپادىلىنىدىغان تېرە زەخمىسى كۆپ شەكىللىك بولىدىغان ئۆتكۈر ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، كۆپ شەكىللىك سوغىما قىزىل داغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى كۆپ شەكىللىك قىزىل داغ
خەنزۇچە نامى 多形红斑
تەۋە بۆلۈم تېرە بۆلۈمى
خەنزۇچە باشقا نامى 多形渗出性红斑
ئاساسلىق ئالامىتى قاتتىق قىچىشىش ۋە ئېچىشىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار 10 ياشتىن 30 ياشقىچە
باشقا نامى كۆپ شەكىللىك سوغىما قىزىل داغ
ئىنگلىزچە نامى erythema multiforme , EM

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆپ شەكىللىك قىزىل داغسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سەپراغا ئارىلاشقان قويۇق بەلغەم خىلىتى ياكى ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تېرە ئاستى بەزلىرى ۋە قان تومۇرلارغا تەسىر قىلىپ چۆكمىگە چۈشۈشى ھەم غىدىقلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

  • قاننىڭ ئۇفۈنەتلىنىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ، يەنى ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى، ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك ئىچمەكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت كۆپ ئىستېمال قىلىش نەتىجىسىدە قان خىلىتى ئۈفۈنەتلىنىپ، ئۇفۈنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرىگە تەسىرى قىلىپ يەرلىك ئورۇننى غىدىقلاپ تېرە پۈتۈنلۈكىنى بۇزۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

  • زەڭگەر رەڭ سەپرانىڭ قانغا تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ. ھەرخىل ئىچكى تاشقى ئامىللار تەسىرىدە بەدەندە رەڭگە رەڭ سەپرا خىلىتى پەيدا بولغاندا بۇخىل ماددىنىڭ ئەزا، توقۇلمىلارنى، ھۈجەيرىلەرنى نابۇت قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولغاچقا قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە بېرىپ ئۇلارنى چىرىتىپ ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ كېسەلنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

  • باشقا كېسەللىكلەر تەسىرىدىن بولىدۇ. مەسىلەن، بۆرە چاقىسى، تېرە مۇسكۇل ياللۇغى، ئاق قان راكى، ئۇندىن باشقا كۈن نۇرى، ھامىلىدارلىق قاتارلىقلاردىمۇ بولۇش ئېھتىماللىقى بار. 

ئالامىتى: چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قىزىل داغلار تېرىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىش، قاتتىق قىچىشىش ۋە ئېچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كۆپ شەكىللىك قىزىل داغبۇ كېسەل ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە كۆپ پەيدا بولىدۇ. ئالامىتى يېنىكلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. دەسلەپتە ئەسۋە چىقىشتىن بۇرۇن تۆۋەن قىزىتما، مۇسكۇللار ئاغرىش، چارچاش، پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش قاتارلىق دەسلەپكى دەۋرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنلا چېگراسى ئېنىق، ئوتتۇرى بېغىر رەڭلىك، سۇلۇق قاپارتمىلىق قىزىل داغ تىزلا پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆڭچە ئەسۋە، سۇلۇق قاپارتقۇ، چوڭ قاپارتقۇ ياكى قانلىق قاپارتقۇلار يېرىلىپ كەتسە شەلۋەرەيدۇ ۋە سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقىدۇ، پۇت قوللارنىڭ دۈمبىسى بېغىش، جەينەك، تىز قاتارلىق ئورۇنلارغا كۆپرەك چىقىدۇ. ئالىقان، تاپان يۈز ۋە بويۇن قىلىشلىرىغىمۇ چىقىدۇ. ئازراق قىچىشىدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى 2-3ھەپتە ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ. ۋاقىتلىق پىگىمىنىت ئولتۇرۇشۇپ قالىدۇ. پەسىللىك قايتا قوزغىلىدىغانلىرى كۆپ كۆرىلىدۇ.

ئېغىرلىرى ئاز ئۇچرايدۇ. كۆپلىگەن بوشلۇقلاردىكى شىللىق پەردىلەر زەخىملىنىش ئەھۋاللىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بۇ ئېغىر ئالامەتلىك چوڭ قاپارتقۇلۇق كۆپ شەكىللىك قىزىل داغ دەپ ئاتىلىدۇ. كېسەللىك جىددىي باشلىنىدۇ. يۇقىرى قىزىتما، سوغۇقتىن قورقۇش، باش ئاغرىش، بوغۇم ئاغرىش قاتارلىق ئومۇمي بەدەنلىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ھەمدە تومۇر سوقۇشى ئاجىز، ئىنچىكە بولۇش، نەپەسلىنىش جىددىي بولۇش قاتارلىق زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ھەتتا بەدەن زەئىپلىشىش ھالىتىگىمۇ ئېلىپ بارىدۇ، چوڭ قاپارتقۇ قانلىق قاپارتقۇ، قان ئويۇش دېغى قاتارلىق زەخمىلىنىشلەرنى ئاساس قىلىدۇ. كۆز، ئېغىز، بۇرۇن، ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزاسى، مەقئەت ئەتراپى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ شىللىق پەردىلىرىدە ئېغىر زەخىملىنىش بولىدۇ. كالپۇك ۋە ئېغىز شىللىق پەردىلىرى شەلۋەرەيدۇ. ئاقىۋىتىدە كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى، بۇرۇن شىللىق پەردىسى شەلۋەرەش، سۈيدۈك يولى ياللۇغى مەقئەت ئەتراپى شەلۋەرەش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. تېخىمۇ ئېغىرلاشسا كۆز ئالمىسى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. ئاز ساندىكى بىمارلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى زەخىملىنىدۇ ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ، قايسى خىلىتتىن بولسان بولسا شۇ خىلىتقا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. [0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە 15 گىرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 21 گىرام، سوقمونىيا سەككىز گىرام، شاھتەررە 100 گىرام، قىزىلگۈل سەككىز گىرام، سانا ئالتە گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى شاھتەررە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 7 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

كۆپ شەكىللىك قىزىل داغتەركىبى: ئۇد ھىندى، دارچىن، بەسباسە، سۇمبۇل، ئاسارۇن، قەلەمپۇر، سۆرۈنجان مىسىرى، خولىنجان، سۆئدى كۇپى، پىلپىل، زەپەر، كۇندۇر، زەنجىۋىل، سەۋزە ئۇرۇقى، بوزىدان، جويۇز، شاقاقۇل، جۇۋىنە، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە، سېرىق ھېلىلە پوستى، ئامىلە، بەدىيان 10 گىرامدىن، چۆپچىنى 30 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: كاسىنە بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: كاسىنىنى تازىلاپ، پار قازىنىغا سېلىپ قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ ئەرەق تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 50 گىرامدىن ئىچىلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#