دامىكۇ يېزىسى

دامىكۇ يېزىسى

دامىكۇ يېزىسى شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا، كۇئىنلۇن تېغى نىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى دامىكۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 420 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0903
خەنزۇچە ئاتىلىشى 达玛沟乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى
نوپۇسى 19310 ئادەم
ماشىنا كودى 新R

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دامىكۇ يېزىسىدامىكۇ يېزىسى چىرا ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، مەمۇرىي رايون تەۋەلىكى ۋە كۆلىمى 420 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇمۇمىي ئاھالىسى 4923 ئائىلە، 19310 ئادەم. ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلار ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %99.8 نى ئىگىلەيدۇ. يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچى 5683 ئادەم، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغىنى تېرىلغۇ يەر ئېتىز كۆلىمى يىلغىچە 2.54 مو. 

دامىكۇ يېزىسىدامىكۇ يېزىسى ۋاكالەت نومۇرى: 653225202. يېزا تەۋەلىكىدە 17 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار:  داشكۆل كەنتى، چوقا باش كەنتى، قاشتوغراق كەنتى، ئىلەكئۆستەڭ كەنتى، گۈلتېرىغان كەنتى، چوڭكۆل كەنتى، شورخانا كەنتى، پاچىكەت كەنتى، پۇناق كەنتى، مالقالغان كەنتى، يېڭىئۆستەڭ كەنتى، زىندانكۆل كەنتى، تۈگمەن كەنتى، ئۇقالقاش كەنتى، پۇناق ئورمان كەنتى، قاقشال كەنتى، ئاچما كەنتى ۋە 59 كەنت گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار بار.

ئورنى 

دامىكۇ يېزىسى شەرقتە كېرىيە ناھىيەسى بىلەن قوشنا، غەربىي تەرىپى چىرا ناھىيەسى گۇلاخما يېزىسى بىلەن يانداش، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1380 مېتىر بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 27 كىلومېتىر، يېزا رايونى بىلەن خوتەن شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 127 كىلومىتىر، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1500 كىلومېتىر كېلىدۇ.

يەر شەكلى 

دامىكۇ يېزىسىدامىكۇ يېزىسىنىڭ يەر شەكلى تۈزلەڭلىك. جەنۇبىي تەرىپى قۇملۇق ئوتلاق تۈزلەڭلىكى، شىمالىي تەرىپىدىكى جاڭگال قاقاسلىق، قۇمساڭ تۇپراققا كىرىدۇ. تەبىئىي ئوتلاق، ياۋا توغراق، يۇلغۇن يېشىللىق 36 مىڭ مو، دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان ئورمان بىنا قىلىشقا باب كېلىدىغان بوز يەرلىرى بار. دامىكۇ يېزىسى مول ھوسۇل، پۇناق، كاتىيا، كالمان قاتارلىق تۆت سۇ ئامبىرى بار بۇلۇپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى مول. بۇلار ئىچىدە مول ھوسۇل سۇ ئامبىرى سۇ مىقدارى ئەڭ كۆپ، قىش پەسلىدىكى سۇ ساقلىنىشى 9 مىليون كۇب مېتىر، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3600 مو. سۇ ئامبىرى ئەتراپىنى قۇم بارخانلىرى ئوراپ تۇرىدۇ، يۇقىرى ئېقىنى بولسا تەبىئىي ئوتلاق، سۇ ۋە چۆپلىرى مول،  مەنزىرىسى يېقىملىق.

 تەبىئىي بايلىقلىرى

تەبىئىي سۇ ئامبىرى، بۇلاق كۆزى سۈيى سۈزۈك، كۈندىلىك ئۆتۈش مىقدارى 82 كۇب مېتىر بۇلۇپ، ئەۋزەل ساياھەت بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە. ئەتراپىدىكى چۆل-جەزىرىلەردە يەنە تەبىئىي ياۋا توشقان زەدىكى، ئوت-چۆپ قاتارلىق قىممەتلىك جۇڭيى دورىلىرى بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دامىكۇ يېزىسىدا يەنە جەنۇبى ۋە شىمالىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن ئىككى تەبىئىي ئازگال بار، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە سۇ ئۈزلۈكسىز ئېقىپ تۇردىغان بۇلۇپ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ ئاساس شەرتى.

يېزا ئىگىلىك

دامىكۇ يېزىسىدامىكۇ يېزىسى ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 58539.69 مو (بۇنىڭ ئىچىدە يېزا تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  58539.69 مو). ئالدىنقى يىلدىكى پىلانلىق زىرائەت تېرىش كۆلىمى 58539.69 مو، ئەمەلىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 58539.69 مو.

ئاشلىق زىرائىتى تېرلغۇ يەر كۆلىمى 47029 مو. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي 22109 مو، تەكرار تېرىلغان قوناق 24920 مو؛ ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 7990 مو؛ بېدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1600 مو؛ باشقا زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 3520.69 مو. 

2002-يىلى بۇغداي بىرلىك مەھسۇلاتى 464.9 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 8069500 كىلوگرام؛ 

قوناق بىرلىك مەھسۇلاتى 401.9 كىلوگرام، ( ئېڭىز تېرىلغۇ كۆلىمىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 10015527كىلوگرام؛

كېۋەز بىرلىك مەھسۇلاتى 93.2 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 435000 كىلوگرام؛ 

مېۋە-چېۋە بىرلىك مەھسۇلاتى 593.65 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 570500 كىلوگرام؛ 

بىر يىلدا 1000  پىلە قۇرتى بېقىش، بىرلىك مەھسۇلاتى 9.09 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 9091.5 كىلوگرام.

باغۋەنچىلىك

دامىكۇ يېزىسىدامىكۇ يېزىسى ھازىرقى باغۋەنچىلىك كۆلىمى 30335 مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكولوگىيە ئورمىنى 13760.5 مو، ئىقتىسادىي ئورمان (مېۋە) كۆلىمى 23175 مو. 

ئانار دەرىخى ئۆستۈرۈش كۆلىمى مەھسۇلاتى 159.6 مو، 16627 تۈپ؛ 

ئۆرۈك تېرىش كۆلىمى 6225.5 مو، 162833 تۈپ، مېۋىگە كىرگىنى 1370.9 مو؛ 

ياڭاق تېرىش كۆلىمى 5976.9 مو، 62169 تۈپ، مېۋىگە كىرگىنى 840 مو؛ 

چىلان دەرىخىنى تېرىپ ئۆستۈرۈش 212 مو، 2492 تۈپ، مېۋىگە كىرگىنى 173 مو؛ 

ئالما (نەشپۈت) دەرىخى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 783.5 مو، 15513 تۈپ، مېۋىگە كىرگىنى 668.9 مو؛

ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى 15 مو بولۇپ، ھازىر پۈتۈنلەي مېۋىگە كىرگەن.

2002-يىلى باغۋەنچىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1574.5 توننا. ئەمەلىي تېرىقچىلىق كۆلىمى 5066.2 مو؛ پىلانلىق مايسا يېتىشتۈرۈش 370.7 مو بۇلۇپ، ھەممىسى تاماملانغان.

2003-يىلى ئورمان بىنا قىلىش 5500 مو، تېرىش كۆلىمى 1000 مو، كۆچەت يېتىشتۈرۈش 215 مو؛  تېرەك 65 مو، جىگدە، 98 مو، ئۆرۈك 7.5 مو، ياڭاق دەرىخى 9.5 مو، توغراق 11 مو، يۇلغۇن 24 مو.

چارۋىچىلىق 

دامىكۇ يېزىسى 2002-يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 63445 تۇياق (دانە)، بۇنىڭ ئىچىدە كالا 2733 تۇياق، قوي 51009 تۇياق، ئات 98 تۇياق، ئېشەك 6155 تۇياق، باشقا چارۋىلار 3450 تۇياق. 

2002-يىلى پىلانلىق ئوت-چۆپ تېرىش 1600 مو، خىزمەت پىلان ۋەزىپىسى پۈتۈنلەي تاماملانغان. 

2003-يىلى 1700 تۇياق چارۋىنىڭ نەسىلىنى ياخشىلاش پىلانلىنىپ تۇغۇت يېشىدىكى چىشى چارۋا 42001 تۇياق، 780 يۈرۈش قوتان سېلىش پىلانلانغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#