كۆكدالا ساياھەت باغچىسى

كۆكدالا ئۇيغۇرچە سۆز بۇلۇپ ‹‹ ياپيېشىل دالا ›› دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، كۆكدالا ساياھەت باغچىسى قورغاس ناھىيەسى تەۋەسىدىكى چىڭسىخوزا بازىرىنىڭ غەربىدىكى 64-تۈەن مەيدانى بىلەن چىگرىلىنىدۇ. 


نامى كۆكدالا يايلاق كېچىسى ساياھەت باغچىسى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 可克达拉草原之夜旅游公园
قاراشلىق رايون شىنجاڭ ئىلى ۋىلايىتى قورغاس ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆكدالا ئۇيغۇرچە سۆز بۇلۇپ ‹‹ ياپيېشىل دالا ›› دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، كۆكدالا ساياھەت باغچىسى قورغاس ناھىيەسى تەۋەسىدىكى چىڭسىخوزا بازىرىنىڭ غەربىدىكى 64-تۈەن مەيدانى بىلەن چىگرىلىنىدۇ. بۇ ساياھەت باغچىسىنىڭ ئۇمۇمىي كۆلىمى 30 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، غولجا شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 68 كىلومېتىر كىلىدۇ. كۆدالانىڭ يېرى مۇنبەت، سۈيى مول بولۇپ، يېشىل كىمخاپ يېپىنغان بۇ تۈپتۈز دالا كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ. ئوتلاقلاردىكى ئوت چۆپلىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەمنىڭ تىزدىن ئاشىدۇ. 

كۆكدالا 1990-يىلى بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ‹‹ شەرق سېرىناداسى ›› ئىچىدىكى ‹‹ يايلاق كېچىسى ›› ناملىق ناخشا دۇنياغا ئاپرىدە بولغان جايدۇر. 

كۆكدالا يايلىق قەدىمكى مەشھۇر ئالمىلىق شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى پاسىل بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ يەردە ھەيۋەتلىك جىلغا-جىرالار، مەشھۇر تاغلار كۆز ئالدىڭىزدا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ يەر قەدىمكى ئۆرۈپ-ئادەتلەر بىلەن بىباھا. مەدەنىيەت تارىخىنىڭ چۆكمىلىرى كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ. بۇ ئارامگاھنىڭ شىمالىي تەرىپىدە تەڭرىتاغلىرىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى قايغانتاغ تىزمىلىرى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرسا، جەنۇبىي تەرىپىدە مەشھۇر ئانا دەريا -ئىلى دەرياسى كۈۋەجەپ ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئارامگاھنىڭ چېتىدىكى قەدىمكى ئالمىلىق شەھىرى _ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى ئاجايىپ كاتتا مۆجىزە بولۇپ، شەھەر راسا گۈللەنگەن دەۋردە ئايلانمىسى 25 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ مەشھۇر قەدىمكى شەھەرنىڭ ئەتراپىدا سىرلىق قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توققۇز شەھەر قەلئەسى ئۇنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن، شەنىگە قۇت قۇشۇپ تۇرغان. كۆز ئالدىڭىزدىكى 700 يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت سۈرگەن بۇ شەھەر ئەينى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان شەھەر ئىدى. 

كۆكدالا يايلاق كېچىسى ساياھەت باغچىسىكۆكدالا ئارامگاھىدا ‹‹ يايلاق كېچىسى ›› ناملىق ناخشا ئىجاد قىلىنغان تۇرالغۇ، ‹‹ چىڭگىزخان كۆرگەزمە زالى ››، ‹‹ چاغاتايخان كۆرگەزمە زالى ››، ‹‹ تۇغلۇق تۆمۈرخان كۆرگەزمە زالى ››، ‹‹ جاھاننىڭ ھەممە جايلىرىدىن كەلگەنلەر كۆرگەزمە زالى ››، ‹‹ تارىخى مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە زالى ›› قاتارلىق كۆرگەزمە زاللىرى ئايرىم-ئايرىم ياسالغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ باغچا يەنە دېئامىتىرى 20 مېتىر كىلىدىغان ئەڭ چوڭ بوز ئۆيدىن باشقا، بىر دۈگىلەك قەلئە، بىر تۆت چاسا قەلئە- مۇنار، لوتكا بىلەن سۇ ئۈستىدە مەشغۇلات قىلىش كۆلى، سايىۋەنلىك كارىدور ..... قاتارلىق سەيلە ساياھەت مۇئەسسەسىلىرى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ياسالغان. 

‹‹ يايلاق كىچىسى ›› ناملىق ئارامگاھ قەدىمكى ئالمىلىق شەھىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا، ئېلىمىزنىڭ غەربىدىكى بۇ دىيارنىڭ ئاجايىپ سىرلىق تۈس ئالغان ئۆتمۈشىنى ساياھاتچىلەرگە نامايەن قىلىش بىلەنلا قالماي، بۇ جاينىڭ يىراق ئۆتمۈشىدىكى تىلسىمات بىلەن تولغان سەرگۈزەشتىلىرىنى ساياھەتچىلەرگە تۇنۇشتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ يەردە يەنە غەرب بىلەن شەرق مىلودىيىسى زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ‹‹ شەرق سېرىناداسى ›› نىڭ نەپىس، مۇڭلۇق ساداسى ئەكىس ئېتىدىغان ‹‹ يايلاق كىچىسى ›› نى دەۋىر قىلغان ھالدا ئىلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە مەدەنىيىتى، ئۆرۈپ-ئادەت ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ ئارامگاھقا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىكى كىشى كۆكدالا بايلىقىنىڭ سىرلىق، تىمتاس كىچىسىنى، بىپايان باغرىنى، ئىللىق قوينىنى كۆرۈپ چەكسىز ھۇزۇر ئالىدۇ. ئارامگاھ تارىخى مەدەنىيەت بىلەن ھازىرقى زامان مىللەتلىرىنىڭ ئۆرۈپ - ئادەتلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن ئۆز-ئارا كىرشتۈرگەن بولغاچقا، بۇ، غەربىي دىياردىكى گۇمانتارلىققا ئىگە بىرىنچى كۆپ مەنزىرلىك ساياھەت باغچىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئارامگاھنى بىرلا كۆرگەن كىشى ئىلىنىڭ تارىخى مەدەنىيىتى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ ھاياتىدا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارغا ئىگە بۇلىدۇ. سىز بۇيەردىكى قەدىمكى قەلئە ۋە راۋاقلارغا چىقىپ، قەدىمكى ئالمىلىق شەھىرىنىڭ تەڭداشسىز شان-شەۋكەتلىرىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيسىز، ئوتلاقلار ئارا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ياغاچ ئۆيلەرگە كىرگىنىڭىزدە مەشھۇر ئارشىت جاڭجيايىنىڭ جاھانغا مەشھۇر ئېتىز ناخشىشى ‹‹ يايلاق كېچىسى ›› نى ئىجاد قىلىش جەريانىدىكى تارتقان رىيازەتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدىغان شادلىقلىرىنىڭ مەنبەسى نېمە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپلا قالماي يەنە، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆچمەس تارىخى، شانلىق مەدەنىيىتى، قۇيۇق مىللىي پۇراققا ئىگە خاس ئۆرۈپ - ئادەتلىرى، جۈملىدىن مىللىي ناخشا - ئۇسۇل، مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ھۈنەر سەنئەتلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يىتەلەيسىز.  بۇ يەردىكى كۆللەردە لوتكىلار بىلەن كاراپتەك ئۈزۈپ سۇ ئۈستىدە پەيزى سۈرۈپلا قالماي، كۆلچەكلەردە قارماق تاشلاپ بېلىق تۇتۇپ مېھنەتنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرالايسىز. مىللىيچە تائام، نازۇ-نېمەتلەردىن لەززەتلەنگەچ تۈن قاراڭغۇسىدىكى گۈلخان بەزمىسىگە ئىشتىراك بولۇپ،  مەشرەپلەرگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ، كەڭ دالىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇر ئالالايسىز. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#