بوگوتا
كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئەڭ چوڭ شەھىرى. بوگۇتا شەھىرى شەرقىي كوردېللېرا تېغى بىلەن ئوتتۇرا كوردېلېلرا تېغى ئارىسىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كولومبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، ئەڭ چوڭ شەھىرى. بوگۇتا شەھىرى شەرقىي كوردېللېرا تېغى بىلەن ئوتتۇرا كوردېلېلرا تېغى ئارىسىغا جايلاشقان. شەھەر جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2640 مېتر كېلىدۇ. ئىقلىمى سالقىن بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃ 14كېلىدۇ، ئاھالىسى 4 مىليون 293 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981) .
بوگوتا كولومبىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. ئۇ جايدا توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، خىمىيە، مېتاللورگىيە، پاراۋۇز، ئەينەك، كاۋچوق، سېمونت قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. بوگوتا كولومبىيىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جايدا دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىغا بارىدىغان تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يوللىرى، 16-، 17-ئەسىرلەردە قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپلەر، مۇزېيخانىلار، رەسەتخانا، چېركاۋلار، قەدىمىي مەشھۇر قۇرۇلۇشلار، گۈزەل مەنزىرىلىك ساياھەت ئورۇنلىرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.