يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئاي كۇنى تۇشۇپ ئانا تېنىدىن بوشىنىپ كىندىكى بوغۇلغاندىن باشلىنىپ كېيىنكى 28 كۈن ۋاقىت ئىچىكى بوۋاقنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق
چەتئەلچە نامى newborn
خەنزۇچە نامى 新生儿

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقيېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ھەم بالىلارنىڭ نەپەسلىنىشى قورساقچە نەپەسلىنىشنى ئاساس قىلغاچقا، نەپەسلىنىش قېتىم سانىنى قورساق تۆۋەن قىسمى(دوۋسۇن) نىڭ كۆتۈرۈلۈپ، چۈشۈشىگە قاراپ ھېسابلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر نەپەسلىنىشى بەك تېز بولۇپ ئېنىق كۆرگىلى بولمىسا، بىر ئاز پاختا تالاسىنى بۇرۇن گىرۋىكىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، پاختا تالاسىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىگە قاراپ تەكشۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. بالىلارنىڭ تومۇر سوقۇشىنى بىلەك تومۇرىنى تۇتۇپ ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بويۇن ئارتېرىيىسى ياكى يوتا ئارتېرىيىسىنىڭ تەۋرىنىشىگە قاراپ ھېسابلايمىز.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقبوۋاق ئېيىغا توشقاندا ئەڭ ئېنىق ئىپادىسى ئۆزىنىڭ كىچىك قولىغا قاراشنى ياخشى كۆرىدۇ. كىچىك قولىنى كۆزىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ ئون سېكۇنتتىن ئارتۇق قاراپ تۇرىدۇ. ئاۋاز چىقىرىشى يەنىلا يىغلاشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بەزىدە كۈلكە ئاۋازىنى چىقىرىدۇ؛ بوۋاق تاشقى دۇنياغا قىزىقىشقا باشلايدۇ. ئاۋاز چىققان تەرەپكە ۋە ھەرىكەتلىنىۋاتقان نەرسىگە قارايدۇ ھەم نەرسىلەرگە تىكىلىپ قاراشنى ياخشى كۆرىدۇ. نەرسىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا بوۋاق بەكرەك ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ، جىمجىت ھالدا ئادەمنىڭ يۈزىگە دىققەت قىلىدۇ. بوۋاقلار رەڭلىك رەسىملەرنى كۆرۈشنى، سېرىق، قىزىل، ھال رەڭ قاتارلىق رەڭلەرنى، تەكشىلىكتىكى رەسىمگە قارىغاندا ئادەمنىڭ ستېرېئولوق رەسىمىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. تونۇشلۇق بولغان كونسېرتلاردىن بوۋاقلار خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ ھەم قولىنى پۇلاڭلىتىش، پۇتىنى تېپىش قاتارلىق ئىنكاسلارنى قايتۇرىدۇ، شۇنداقلا ھەممىدىن بەكرەك ئاتا-ئانىسىنىڭ ناخشا ئېيتىپ بېرىشىنى، سىيلاپ قويۇشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم ئاۋازلارنى، ئادەمنى، تەم، پۇراقلارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، ئاچچىقلىنىش، خۇشاللىنىش قاتارلىق كەيپىياتلارنى ئىپادىلەشكە باشلايدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس، سوغۇقتىن بەك قورقىدۇ. ئەگەر بوۋاق داۋاملىق سوغۇق مۇھىتتا تۇرسا بەدەن تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ ئىشتىھاسى ناچارلاش، ئەمگىلى ئۇنىماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا قاتتىق پەردە سىرتىدىكى يىرىڭلىق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قىشتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۈتۈشتە ئاساسلىقى بوۋاقنىڭ ئىسسىقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئەگەر ئۆيدە تەڭشەشكە بولىدىغان ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسى بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ℃25 ~ ℃20 ئەتراپىدا، نىسپىي نەملىكنى %60 ~ %50 تە ساقلاش، ئەگەر ئۆيدە نەملىك ئاشۇرۇش ئۈسكۈنىسى بولمىسا، نەم لۆڭگىنى پارنىڭ ئۈستىگە قويۇش ئارقىلىق نەملىك ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر كۆمۈر ياكى ئوتۇن كۆيدۈرۈپ ئىسسىنغاندا چوقۇم كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش، بوۋاق ئۇخلىغاندا قېلىنراق پاختىلىق يوتقان يېپىپ قويۇش، پۇت تەرەپكە گرېلكا قويۇپ ئىستىشقىمۇ بولىدۇ. لېكىن گرېلكىنى پاختىلىق يۆگەككە ياخشى ئوراپ، بوۋاقتىن ئون سانتىمېتىر يىراق ئورۇنغا قويۇش، بوۋاقنى كۆيدۈرۈپ يارىلاندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ياخشى تۇرمۇش مۇھىتى يارتىش 

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇراقلىق تېمپېراتۇرا، بىخەتەر، غەم-ئەندىشىسىز ئانا تېنىدىن يېڭى دۇنياغا كەلگەندە مۇھىتتىكى زور ئۆزگىرىشىگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلىشەلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىدە ئامالىنىڭ بارىچە بوۋاق ئۈچۈن ياخشى بىر تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىش يەنى ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى ℃28 ~ ℃25 دا ساقلاش، تومۇز ئىسسىقتا مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش، قىشتا بولسا ئىسسىقلىق ساقلاش؛ نەملىك دەرىجىسىنى %60 ~ %50 تە كونترول قىلىش، بەك قۇرغاق بولۇپ كەتمەسلىك ھەم بەك نەم بولۇپ كەتمەسلىك؛ ھۇجرىنىڭ ھاۋاسى ساپ بولۇش، كۆپ شامالدىتىپ تۇرۇش، بىر كۈندە ئاز بولغاندىمۇ ئەتىگەندە، كەچتە ئىككى قېتىم شامالدىتىپ تۇرۇش، لېكىن ئۆتۈشمە شامال بولماسلىق؛ قىشتا شامالداتقاندا ئىسسىقلىق ساقلاپ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بار ئۆيدە تاماكا چېكىشنى چەكلەش؛ ئۆي ئىچى بەك يورۇق بولۇپ كەتمەسلىك، كۈچلۈك نۇرنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كۆزىگە بىۋاسىتە چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە نۇر بەك تۇتۇق بولۇپ كەتمەسلىك، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئاستا-ئاستا تەبىئىي يورۇقلۇققا كۆندۈرۈش كېرەك. ئۆي ئىچى تىنچلىقىنى ساقلاش. بەك يۇقىرى ئاۋاز يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەم ئاسان چۆچۈيدۇ، ئۆي ئىچىنىڭ پاكىزلىقنى ساقلاش، كېسەللىك باكتېرىيىسىنىڭ ھايات مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۇيۇش

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئاسانلا سۈت ياندۇرۇش ياكى قۇسۇشتىن سۈت كىيىم ئىچىگە كىرىپ بويۇن، مەيدە ھەتتا قۇلاق ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېتابولىزمى ئىنتايىن جانلانغان بولۇپ، ئاسان تەر چىقىدۇ، چوڭ-كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ، شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى ۋە كىيىمى تېز مەينەت بولىدۇ. يۇيۇش يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسىنى پاكىزلاپلا قالماي قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىسى بار ھەمدە ئاتا-ئانىلار بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بوۋاقنىڭ پۈتۈن بەدەن تېرىسىنى، كىندىكىنى، پۇت-قولىنىڭ ھەرىكىتى ھەم قىياپىتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى كۆزىتىپ، ۋاقتىدا مەسىلىلەرنى بايقىشىغا قۇلايلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى سىيلاپ ئۆزئارا ئارىدىكى ھېسسىياتى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان ساغلام بوۋاقلارغا نىسبەتەن شارائىت يار بەرسىلا تۇغۇلۇپ 24 سائەتتىن كېيىن ھەر كۈنى يۇيۇپ تۇرسا، ھەر كۈنى ئەتىگەندە كەچتە بوۋاقنىڭ باش، يۈز، كاسا ھەم تېرىسىنىڭ قورۇق ئارىلىقلىرىنى يۇيۇپ بەرسە، ياز پەسلىدە ئەھۋالغا قاراپ يۇيۇش قېتىم سانىنى كۆپەيتسە بولىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى بەك يەڭگىل (ئادەتتە ئىككى كىلوگرامدىن تۆۋەن) لەرگە نىسبەتەن، بەدەن ئەھۋالى ناچارراق ياكى كۈندە يۇيۇپ تۇرۇشقا شارائىتى يوق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ھېچبولمىغاندا كۈندە سۈرتۈپ پاكىزلاش كېرەك.

قانداق ئەھۋاللاردا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۇيۇش مۇۋاپىق ئەمەس.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قارشىلىق كۈچى ئاجىز بولغانلىقتىن بەزىبىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا يۇيۇش مۇۋاپىق ئەمەس. مەسىلەن: قىزىش، زۇكامداش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللەر كۆرۈلگەندە بوۋاقلارنى يۇسا كېرەك. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى يەڭگىل، روھىي ھالىتى ياخشى بولسا لايىقىدا يۇسا بولىدۇ. لېكىن ئېمكانقەدەر ئىسسىقلىق ساقلاش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش، يۇيۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش، سوغۇق تېگىشتىن كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

تېرە يۇقۇملىنىش، سۇلۇق قاپارتما، يىرىڭداش ھەم ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرى كۆرۈلسە يۇماسلىق كېرەك. لېكىن كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەقەت كىچكرەك دائىرە ئىچىدە چەكلەنسە باشقا ئورۇنلارنى سۈرتۈپ يۇماسلىق بولىدۇ. 

ئۆپكە ياللۇغى، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، نەپەسلىنىش ئاجىزلىشىش، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا ئېمكانقەدەر يۇماسلىق، يۇيۇش سەۋەبلىك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۆگەش

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى بەك چىڭ يۆگىۋەتمەسلىك، بوۋاقنىڭ پۇت-قولى تەبىئىي فىزىئولوگىيىلىك ھالىتىدە تۇرۇشى كېرەك. بوۋاقلارنى مۇۋاپىق يۆگەشتە ئاۋۋال نېپىز يۇڭ ئەدىيالنى يېرىم قاتلاپ ئۈچ بۈرجەك شەكلىگە كەلتۈرۈپ، باش تەرىپىنى ئۈستىگە قىلىپ كارىۋات ئۈستىگە تەكشى يايىمىز.بوۋاقنى ئەدىيالنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ بوينىنى ئەدىيالنىڭ بېشى تەرىپىگە ئۇدۇللايمىز ھەم زاكىسىنى ياخشى ئورىۋالىمىز. كىندىكىنى يېپىۋالماسلىققا دىققەت قىلىش، بىر تەرىپىنى يېرىم قاتلاپ بوۋاق بەدىنىنى ئورايمىز، ئارتۇق قىسمىنى تەكشى قىلىپ بوۋاقنىڭ تېگى تەرىپىگە كىرگۈزىمىز.  ئۇنىڭدىن كېيىن قارشى تەرىپىنى ياخشى قاتلاپ كىرگۈزىمىز.ئەڭ ئاخىرىدا، يەنە بىر قەۋەت يېيىلىپ تۇرىدىغان كىچىك يوتقاننى يېپىپ، يوتقان بۈرجىكىنى ئەدىيالنىڭ تېگىگە كىرگۈزۋېتىمىز. 

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاكسىنى ئالماشتۇرۇش

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقئىلمىي ئۇسۇل بويىچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھەر قېتىملىق چوڭ-كىچىك تەرەتتىن كېيىن زاكىنى ئالماشتۇرۇش ھەمدە ھەر كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئەتىگەندە ئويغانغاندا شۇنداقلا ھەر قېتىم يۇغاندىن كېيىن زاكىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك. مەيلى زاكا ھۆل ياكى كىر بولمىغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى ئىنتايىن يۇمران بولۇپ، دائىم ھۆل تۇرسا ئاسانلا «كاسا قىزىرىش» كېلىپ چىقىپلا قالماي يەنە ئىككىلەمچى تېرە يۇقۇملىنىشنى ھەتتا سېپتىتسېمىيە، بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرغاندا، ئانىنىڭ بوۋاق بىلەن تېگىشىش پۇرسىتى كۆپىيىدۇ، بۇ خىل تېگىشىش بوۋاقلارغا نىسبەتەن بىر ياخشى تەسىر بولۇپ، بوۋاقتا بىر خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. داۋاملىق تېگىشىش ئارقىلىق ئانا بىلەن بوۋاقنىڭ ئالاقىلىشىشنى روشەن ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. پەقەت تېرىنىڭ ئۇچرىشىشىلا ئەمەس، يەنە ئاۋاز، كۆز نۇرى ئالماشتۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىدراكىنىڭ يېتىلىشىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. 

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قۇچاقلاش

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قۇچاقلاش جەريانىدىمۇ ئوخشاشلا باشتىن-ئاخىر بوۋاقنىڭ بېشىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىدە، بوۋاقنىڭ بەدىنى بىر ئاز يۇمشاق بولغانلىقتىن تۆۋەندىكى ئىككى خىل بىر ئاز بىخەتەررەك قۇچاقلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بىرىنچىسى ياتقۇزۇپ قۇچاقلاش ئۇسۇل بولۇپ، ئاساسلىقى بوۋاقنىڭ بېشىنى سول بىلەك ئەگمىسىگە ئاستا قويۇپ، سول قول ئالدى بىلەك بىلەن بوۋاقنىڭ باش گەۋدە قىسمىنى، ئوڭ قول بىلەن بوۋاقنىڭ كاسىسى بىلەن بېلىنى قوغداپ ئاندىن بوۋاقنى سول مەيدىگە چىقىرىپ قۇچاقلايمىز. ئىككىنچى خىلى، تىك قۇچاقلاش ئۇسۇل بولۇپ، ئاساسلىقى سول قول بىلەن بوۋاقنىڭ باش-بويۇن قىسمىنى تىرەپ، بېشىنى ئانىنىڭ سول مۈرىسىگە قويىمىز، ئوڭ قول بىلەن بوۋاقنىڭ كاسىسى بىلەن بېلىنى تىرەپ، تىك ھالدا ئانىنىڭ سول مەيدىسىگە چىقىرىپ كۆتۈرىمىز. بوۋاق ئېمىپ بولغاندىن كېيىن قۇسۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىمىز.

ئانىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن بىللە ئۇخلىشى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقبەزى ئانىلار كېچىدە ئېمىتىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ياكى بوۋىقىغا ئامراقلىقىنى چىقىش قىلىپ دائىم بوۋاق بىلەن بىر كارىۋاتتا ئۇخلايدۇ. لېكىن بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ نۇرغۇن نامۇۋاپىق ھەم ئىلمىي بولمىغان تەرەپلىرى بار. ئاۋۋال ئانا بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بىر كارىۋاتتا ئۇخلىغاندا، ئانا ئادەت خاراكتېرلىك بوۋاققا يېقىن يېتىپ، بوۋاقنىڭ ئۇخلىغاندىكى بوشلۇقىنى چەكلەپ، ئۇنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئاندىن ئانا بىلەن بوۋاقنىڭ ئارىلىقى بەك يېقىن بولغانلىقتىن ئانا چىقارغان نەپەسنى بوۋاق سۈمۈرۈۋېلىپ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئانا بىلەن بوۋاق بىللە ئۇخلىغاندا، بوۋاق ئاسانلا ئويغىنىپلا سۈت ئېمىدىغان يامان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋېلىپ، شۇنىڭدىن بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسى ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغىنى، ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسى بوۋاقنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىنى ئېتىۋېلىپ، بوۋاقنىڭ تۇنجۇقۇشىدىن كېلىشمەسلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا ئانا بىلەن بوۋاق بىللە ئۇخلىغاندا، بوۋاقتا يەنە ئېغىر دەرىجىدە ئانىغا يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇستەقىللىق روھىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىسىز. شۇڭا شارائىت يار بەرسە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈن ئايرىم بىر كارىۋات تەييارلاش كېرەك.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باش ئىچى قاناش

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى باش ئىچى قاناش ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك تىپى ۋە زەخىملىنىش تىپى دەپ بۆلۈنىدۇ. ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك تىپى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن قىلدام قان تومۇرلاردىن قان سىرغىپ چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇغۇتتىن ئىلگىرى، تۇغۇتتا ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى قانچە يېنىك بولسا، شۇنچە ئاسان ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ۋە قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەخىملىنىش تىپى كۆپرەك تۇغۇت جەريانىدا يۈز بېرىدۇ، ئاي-كۈنى توشقان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ ساغرا ئاۋۋال كەلگەن شەكىلدىكى تۇغۇتتا ئەڭ كۆپ، لېكىن ئۆزى تۇغۇلۇش ۋە قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيىسىدىمۇ يۈز بېرىدۇ. چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇپ بىر ھەپتە ئىچىدە قان ئۇيۇتۇش ئىقتىدارى تېخى مۇكەممەل ئەمەس، قان چىقىش خاھىشى بار. ئەگەر پەيدا قىلغۇچى سەۋەب بولسا قان چىقىش تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ABO قان ئېرىش كېسىلى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قان ئېرىش كېسىلى ئانا-بالا قان تىپى ماس كەلمىگەنلىكتىن قان گۇرۇپپا ئانتىگېنى ئېممۇنىتېتى شەكىللىنىشتىن كېلىپ چىققان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئوخشاش ئىممۇنىتېتلىق قان ئېرىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېسەل تۆرەلمە ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۈز بېرىدۇ. ئاساسلىقى ABO قان ئېرىش ۋە Rh قان ئېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ABO قان ئېرىش تەخمىنەن %85 نى، Rh قان ئېرىش تەخمىنەن %15 نى ئىگىلەيدۇ. ئانا-بالا قان تىپى ماس كەلمەسلىك بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈپ سەۋەب. تۆرەلمە قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئاتا تەرەپتىن ئانىدا بولمىغان ئانتىگېنغا ئېرىشىپ، تۆرەلمە قىزىل قان ھۈجەيرىسى ئانىنىڭ قان ئايلىنىشىغا كىرگەندىن كېيىن ئانا تېنىدە ماس قان گۇرۇپپا ئانتىتېلاسى ھاسىل بولىدۇ. بۇ خىل ئانىتىتېلا يەنە بالا ھەمراھى ئارقىلىق تۆرەلمە قان ئايلىنىشىغا كىرىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى ماس ئانتىگېن بىلەن بىرىكىپ، تۆرەلمە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قان ئېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ABO قان ئېرىش ئانا O قان تىپلىق، تۆرەلمە A ياكى B قان تىپلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. يەنى ئانا O قان تىپلىق، ئاتا A، B ياكى AB قان تىپلىق بولسا بوۋاقتا ئاسانلا ABO قان ئېرىش يۈز بېرىدۇ. ABO قان ئېرىش كۆپىنچىسى يەڭگىل كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. Rh قان ئېرىش ئادەتتە سەل ئېغىرراق. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ABO قان ئېرىشتا سېرىقلىق چۈشۈشتىن باشقا ئىپادىلىرى يېنىكرەك بولۇپ، ياخشى ساقىيىدۇ لېكىن سېرىقلىق چۈشۈش ئېغىرراق بولغاندا يادروغا سېرىقلىق چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا ئاتا-ئانا چوقۇم بەكرەك ئېتىبار بېرىش كېرەك. Rh قان ئېرىشنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى سەل ئېغىر بولۇپ، روشەن قان كەملىك يۈز بېرىش بىلەن سۇلۇق ئىششىق، يۈرەك زەئىپلىشىش، جىگەر-تال ئىششىپ زورىيىش قاتارلىقلار بىللە كېلىدۇ. ئاز ساندىكىلىرىدە بالىياتقۇدا ئېغىر دەرىجىدە قان ئازلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈك تۆرەلمە كېلىپ چىقىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ يېتىلىش دەرىجىسىنى مۆلچەرلەش 

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن، ھامىلىنىڭ يېتىلىش دەرىجىسى بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تۇرمۇش ئىقتىدارى ئوتتۇرىسىدا زىچ باغلىنىش بار. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ يېتىلىش دەرىجىسى بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. گەۋدە تېرىسى، بولۇپمۇ كىندىك ئۈستۈنكى قىسمىدىكى قورساق تېرىسىنىڭ سۈزۈكلۈكى. يېتىلمىگەنلەرنىڭ خىلمۇخىل چوڭ-كىچىك بولغان ئىنچىكە قان تومۇرلىرى كۆرۈنىدۇ، مەسىلەن، تېرىنىڭ كېپەك بولۇشى، يېرىلىشى، ھەتتا «تېرە قەغەز» شەكلىدە بولۇش. قان تومۇرلىرىنىڭ ئاز-تولا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار يېتىلگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. چېچى يېتىلمىگەنلەرنىڭ پاختىغا ئوخشاش ياكى قوي يۇڭىغا ئوخشاش چىگىشىۋالىدۇ، يېتىلگەنلەرنىڭ چېچى پارقىراق، قارا بولىدۇ. قۇلاقنىڭ كۆمۈرچىكى. يېتىلمىگەنلەرنىڭ قۇلاق كۆمۈرچىكىنىڭ ئېلاستىكلىقى يوق، خالىغانچە ئېچىپ، قاتلىغىلى بولىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى تەس. ئېيىغا توشۇپ تۇغۇلغانلارنىڭ ئەمچىكىنى سىيلاپ، دىئامېتىرىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ، ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئەتراپىدا ئوچۇق چېگرا بولىدۇ. يېتىلمىگەنلەرنىڭ ئەمچەك تۈگۈنچىلىرىنى سىيلىغىلى بولمايدۇ، ئەمچەك توپچىسى ئوچۇق بولمايدۇ. تىرناقنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشى بىلەن ھامىلە يېشى ئوڭ تاناسىپ، يېتىلگەنلەرنىڭ تىرنىقى بارماق ئۇچىدىن ئۇزۇن بولۇپ، تىرناقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سىزىقچىلار ئوچۇق بولىدۇ، يېتىلمىگەنلەرنىڭ ئۇنداق بولمايدۇ. پۇتنىڭ ئاستىدىكى تېرە سىزىقچىلىرى. ئاساسلىقى پۇتنىڭ ئاستىدىكى نىسبەتەن يىرىك بولغان تېرە سىزىقچىلىرى كۆزىتىلىدۇ. بالدۇر تۇغۇلغانلارنىڭ پۇت باش بارمىقىدا بىر-ئىككى تال سىزىق بولىدۇ، تاپان پارقىراق بولىدۇ، ھامىلىنىڭ يېتىشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تاپاندىكى تېرە سىزىقچىلىرىمۇ كۆپىيىدۇ، ھامىلە يېشى 36 ھەپتە بولۇپ تۇغۇلغانلارنىڭ پۇتى ئاستىنىڭ 3 2/قىسمىدا سىزىقچىلار بولىدۇ. 04 ھەپتە بولۇپ تۇغۇلغانلارنىڭ پۈتۈنلەي قورۇق بىلەن تولغان بولىدۇ، يۇقىرىقى نۇقتىلار پايدىلىنىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلىقى 

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن نەپەس ئېلىشقا باشلاشتىن بۇرۇن تېزلىكتە ئېغىز، بۇرۇن، يۇتقۇنچاق قاتارلىق ئورۇنلاردىكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ياكى باشقا نەرسىلەرنى تازىلىۋېتىش، نەپەس يولىغا سۈمۈرۈلۈپ كىرىپ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى يۇمران بولغاچقا، سەللا ئېھتىيات قىلمىسا زەخىملىنىش، يۇقۇملىنىش ياكى ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. بوۋاق مەزگىلىدە ئېمىش ياكى سۈت ياندۇرۇش سەۋەبلىك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا ياكى تىلىدا سۈت يۇقۇندىلىرى ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ قول بىلەن سۈرتمەسلىك كېرەك. ئازراق ئىلمان قايناق سۇ ئىچكۈزۈۋەتكەندە سۈت يۇقۇندىلىرىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا قالدۇق ماددىلارمۇ پاكىزلىنىپ، ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ ھەم ئۈنۈملۈك ھالدا ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

بەدەن ئېغىرلىقى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ھەم بالىلار تېنىنىڭ ساغلام يېتىلىشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. ئائىلىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشتە تۆۋەندىكىدەك ئاددىي ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ:

كىرلىك بىلەن بالىنى چىڭ يۆگەپ، ئاندىن دەستىلىك جىڭ بىلەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، ئاخىرىدا ئومۇمىي ئېغىرلىقتىن يۆگەك ھەم بارلىق كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ. ئائىلە باشلىقى بالىنى كۆتۈرۈپ تارازىدا ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ ئاندىن ئومۇمىي ئېغىرلىقتىن چوڭلارنىڭ ھەم بالىنىڭ كىيىمىنىڭ ئېغىرلىقىنى چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ. بوۋاقنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بىۋاسىتە تارازىغا سېلىپ ئۆلچىسىمۇ بولىدۇ. ھەر قېتىم بوۋاقنى ئۆلچىگەندە ئېرىشكەن بەدەن ئېغىرلىقىنى ۋاقتىدا خاتىرىلەپ، پايدىلانغان ئېغىرلىق ئۆلچىمىگە يەتكەن-يەتمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. 

ئېگىزلىكمۇ ئوخشاشلا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ھەم بالىلار تېنىنىڭ ساغلام يېتىلىشىنىڭ مۇھىم بىر ئىپادىسى، يەنە ئاتا-ئانا ياكى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى بىر كۆرسەتكۈچى. ئېگىزلىك باشنىڭ چوققىسىدىن تاپانغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقنى كۆرسىتىدۇ. بالىلار يېشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۆلچەش ئۇسۇلى بار. ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى ئۆلچەشتە ياتقۇزۇپ ئۆلچەش ئاساس قىلىنىدۇ. ئۈچ ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن تۇرغۇزۇپ ئۆلچەش ئاساس قىلىنىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان مەزگىلدە ھەم بوۋاق مەزگىلدە بالىنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، قول بىلەن تىزىنى بېسىپ، ئىككى پۇتىنى تۈزلەپ جۈپلەپ ئاندىن باش ھەم تاپان تەرەپتىكى تاختىنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچەپ چىقساق بولىدۇ.

زور خەۋپلىك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق 

زور خەۋپلىك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق دېگىنىمىز، ئىنتايىن خەتەرلىك كېسەللىك كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان بوۋاقلار بولۇپ، تۆۋەندىكى ئامىللار مەۋجۇت ئەھۋالدىكى بوۋاقلار زور خەۋپ ئىچىدىكى بوۋاقلار ھېسابلىنىدۇ.

ئانا ئامىلى. يەنى ئانىنىڭ دىئابېت كېسىلى، قالقانسىمانبەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش، قالقانسىمانبەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىش ياكى جىنسىي يولدىن قان كەلگەن، ئىلگىرى ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراش، ئۆلۈك ھامىلە ياكى ئۆلۈك تۇغۇش تارىخى بولغان، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تاماكا چېكىش، زەھەر چېكىش، ھاراق ئىچىش تارىخى بارلار قاتارلىقلار؛

تۇغۇت ئامىلى. يەنى ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىمى، بالىياتقۇ ئورنى تۆۋەن بولۇش، تۆرەلمە قېپى بالدۇر يېرىلىش، بالىياتقۇدا ئېغىر توسالغۇ بولۇش، يۇقىرى ئورۇنلۇق تۇغۇت قىسقۇچى، ساغرا ئالدىن كەلگەن تۇغۇت، ھامىلە بېشىنى شوراپ تارتىش قاتارلىق ھەرخىل قىيىن تۇغۇتلار، تۇغۇت جەريانىدا تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىشلەتكەنلەر قاتارلىقلار؛

تۇغۇلغاندىكى ئامىل. يەنى كىندىكى بوينىغا يۆگىشىپ قالغان، بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق، گىگانت بوۋاق، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۇنجۇقۇش، ھەرخىل تۇغما ئېغىر ئالامەتلىك غەيرىيلىك قاتارلىقلار. زور خەۋپلىك بوۋاقلارنى كۈتۈشتە تېخىمۇ ئىنچىكە، ئەستايىدىل بولۇش ھەم ھەر ۋاقىت يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپ تۇرۇش، ئەگەر غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېسەلنى كەينىگە سۈرمەسلىك كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#