بېل تەجرىبىخانىسى

بېل تەجىربىخانىسى

بېل تەجرىبىخانىسى − مۇشۇنداق چوڭ مونوپول شىركىتىنىڭ ئاساسىي پەنلەر ۋە ئەمەلىي پەنلەر تەتقىقاتى ئاپپاراتى. 1925-يىلى، بېل شىركىتى ئۆزىنىڭ بالا شىركىتى بولغان غەرب ئېلېكتر شىركىتى بىلەن ھەرقايسىسى يېرىمدىن مەبلەغ چىقىرىپ، 38 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ، ئەسلىدىكى كىچىك تىپتىكى تەتقىقات ئاپپاراتىنى زامانىۋىلاشتۇرغان.

ئۇيغۇرچە نامى بېل تەجرىبىخانىسى
تەتقىقاتچى سانى 10 مىڭغا يېقىن
خەنزۇچە ئاتىلىشى 贝尔实验室
باش شتابى يېڭى جېرسېي شتاتىنىڭ موررېي تېغىدا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېل تەجىربىخانىسىئامېرىكىدا200 مىليونغا يېقىن تېلېفون بار بولۇپ، كۈنىگە800 مىليون قېتىم تېلېفونلىشىش بولىدۇ، تېلېفون مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ130 مىليارد دوللاردىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ 80% دىن كۆپرەكىنى بېل شىركىتى(يەنى ئامېرىكا تېلېفون-تېلېگراف شىركىتى) مونوپول قىلغان. بېل تەجرىبىخانىسى − مۇشۇنداق چوڭ مونوپول شىركىتىنىڭ ئاساسىي پەنلەر ۋە ئەمەلىي پەنلەر تەتقىقاتى ئاپپاراتى. 1925-يىلى، بېل شىركىتى ئۆزىنىڭ بالا شىركىتى بولغان غەرب ئېلېكتر شىركىتى بىلەن ھەرقايسىسى يېرىمدىن مەبلەغ چىقىرىپ، 38 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ، ئەسلىدىكى كىچىك تىپتىكى تەتقىقات ئاپپاراتىنى زامانىۋىلاشتۇرغان. بېل تەجرىبىخانىسىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقات ۋە ئېچىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى غەرب ئېلېكتر شىركىتى تەييار مەھسۇلات قىلىپ ئىشلىگەن، ئاندىن ئامېرىكا تېلېفون-تېلېگراف شىركىتى پۈتۈن ئامېرىكىغا تارقالغان خەۋەرلىشىش تورىغا قۇراشتۇرغان. 

بېل تەجرىبىخانىسىدا10 مىڭغا يېقىن ئالىم، ئىنژېنېر بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بارلار3000 دىن ئاشىدۇ. تەجرىبىخانىنىڭ100 دىن ئارتۇق تەتقىقات ئىشخانىسى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى12 شتاتنىڭ20 شەھىرىگە تارقالغان، باش شتابى يېڭى جېرسېي شتاتىنىڭ موررېي تېغىدا.

بېل تەجىربىخانىسىبېل تەجرىبىخانىسىنىڭ يىللىق خىراجىتى1 مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىدۇ، بۇنىڭ تەخمىنەن100 مىليون دوللىرى ئاساسىي تەتقىقاتقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا ئىلىم-پەندە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ، بۇ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بېل شىركىتىنىڭ تېخنىكا يېڭىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ ئېلېكترونىكا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان. بېل تەجرىبىخانىسى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ يەردىمۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەردىن بىر نەچچىسى چىققان. بۇ تەجرىبىخانا ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى200 نەچچە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاسپىرانتلاردىن خىزمەتكە ئادەم ئېلىش ئۈچۈن400 ئادەم ئەۋەتىدۇ، يەنە ئۇنىۋېرسىتېتتىكى پروفېسسورلارنى لېكسىيە سۆزلەشكە ياكى مەلۇم مەزگىللىك خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. بېل تەجرىبىخانىسىنىڭ ئەزالىرى مەكتەپلەردە داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئالىي مەكتەپلەر بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش ئۇسۇلى بېل تەجرىبىخانىسىدىن ئۈزلۈكسىز نەتىجە، ئىختىساسلىقلار چىقىشىدىكى بىر سىر.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#