قان شورىغۇچى شەپەرەڭ

قان شورىغۇچى شەپەرەڭ

ھايۋانلار ئىچىدە قان شورىغۇچى شەپەرەڭ كىشىنىڭ ئەڭ ئۆچلۈكىنى كەلتۈرىدىغان ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كۆرۈمسىز بولغاندىن سىرت، يەنە ۋەھىشىي قان شورىغۇچى ئالۋاستىدۇر.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قان شورىغۇچى شەپەرەڭ
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى سۇت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى
خەنزۇچە ئىسمى 吸血蝠
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى قولقاناتلىقلار ئەترىتى
تارقالغان رايۇن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قان شورىغۇچى شەپەرەڭقان شورىغۇچى شەپەرەڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق قان ئارقىلىق ئۇزۇقلىنىدىغان تۈر گۇرىپىسى، شۇنداقلا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارتۈرىدىكى ئۆزىگە خاس بولغان قان شورىغۇچىلار. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسملىرىغا تارقالغان، بەدەن شەكلى كىچىك، ئەڭ چوڭىنىڭ ئېغىرلىقى 30 گىرامدىن 40 گىرام ئەتراپىدا، باش سۆڭىكى ۋە چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى يۈكسەكلىككە ئىگە، قوۋۇز چىشىنىڭ سانى ۋە چوڭ - كىچىكلىكى جەھەتتە بولسۇن ھەممىسى كىچىكلىكى، ئەڭ ئالاھىدە ئايلاندۇرۇش تۈرىدۇر. يۇقىرىقى كەسكۈچى چىش پەۋقۇلئاددە چوڭ،  ئۈستۈنكى قوزۇق چىش پىچاقسىمان ھالەتتە.   

قان شورىغۇچى شەپەرەڭقان شورىغۇچى شەپەرەڭ جەنۇبىي ئامېرىكىدا ياشايدۇ. بۇ باشقا شەپەرەڭلەردەك مەخسۇس پاشا تۇتۇپ يېمەستىن، بەلكى ئاساسلىقى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى ۋە قۇشلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. قان شوراش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ تۇمشۇقى كونۇسىمان بولۇپ، ئۇزۇن ھەم ئۆتكۈر چىشلىرى ئۈچ بۇلۇڭ شەكىلىدە ئۆسۈپ چىققان. ئۇنىڭ شەمشەردەك بۇ ئۆتكۈر چىشلىرى باشقا ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئوڭايلا شىلىۋېتەلەيدۇ. قان شورىغۇچى شەپەرەڭنىڭ يۇتقۇنچىقىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئىنچىكە نەيچىگە ئوخشىشىدۇ، قان سۈمۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. قان شورىغۇچى شەپەرەڭنىڭ شۆلگىيىدە قاننىڭ قېتىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر خىل ماددا بار بولۇپ، مەيلى قايسى ھايۋان بولوشىدىن قەتئىينەزەر، قان شورىغۇچى شەپەرەڭ چىشلەپ جاراھەتلەندۈرگەنلا بولسا، قان توختىمايدۇ. كۈچىنىڭ بارىچە قان شوراشقا باشلايدۇ، قورسىقى تويغاندىلا ئاندىن بولدى قىلىدۇ.

 بەدەن شەكلى : 

ياللىق قان شورىغۇچى شەپەرەڭنىڭ بەدىنى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلىقى 9 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، قۇيرۇق ۋە ياللىق ئاساسلىق قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك ھالىتىدە، ئۇلارنىڭ چىرايى قارىماققا ئىنتايىن يىرگىنىشلىك، بۇرۇن قىسمىدا بىر پارچە چوققا بار ‹‹ U ›› شەكلىدە، قۇلاق قىسىمى ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە، تۇمشۇق قىسمى بەك قىسقا، كونۇسسىمان شەكىللىك، چىشى ئۇزۇن ھەم ئۆتكۈر بولىدۇ، ئۈستىدىكى كەسكۈچى چىش ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، بۇرنى ئىنتايىن سەزگۈر، ھايۋانلارنى كۆرگەن ھامان مۇۋاپىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوزۇقلىنىش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدى ئارقا پۇت ۋە بارماقلىرى كەڭ قاناتلىرىنىڭ ئۇچى قىسىمىغا باغلانغان. قانىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۇنىڭغا بىر كۈچ قوشىدۇ، ئارقا پۇت ئارىسىدا ئۈزۈش پەردىسى بار. قان شورىغۇچى شەپەرەڭنىڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى باشقا شەپەرەڭنىڭ كۆرۈشقۇۋىتىدىن چوڭ، ئۇلارنىڭ پۇراش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر، باشقا شەپەرەڭلەرنىڭكىگە ئوخشاش « ئەكس سادا ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى »بار. ئۇلار چىقارغان يۇقىرى چاستوتىلىق ئاۋاز دولقۇنى، ئىنسانلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەن. پەقەت بۇ ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ئاستىلىقى ئەسلىدىكى سۈرئەتنىڭ 8/1 سائىتىگە توغرا كېلىدۇ ھەم ئىنسانلار ئاڭلىيالايدۇ. 

  ئالاھىدىلىكى : 

قان شورىغۇچى شەپەرەڭ باشقا شەپەرەڭلەرگە ئوخشاش، قان شورىغۇچى شەپەرەڭنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچى قىسىمىدا ئىلمەك بار. تاغ جىنىسلىرىنىڭ يىرىقلىرىدا ياشايدۇ،  گەرچە كۆپ ساندىكى شەپەرەڭلەرنىڭ يەردە كۈچىنىڭ رولى يوق،  لېكىن قان شورىغۇچى شەپەرەڭ ئىنچىكە ئۇزۇن پۇتى ۋە ئالدى بىلىلىكى ئارقىلىق، يەردە كۈچىمەيلا ھەرىكەت قىلالايدۇ. 

قان شورىغۇچى شەپەرەڭنىڭ قان شوراش ۋاستىسى ئىنتايىن خەتەرلىك، كۆپ ساندىكى شەپەرەڭلەر يەردە ئۆمىلىيەلەيدۇ، لېكىن قان شورىغۇچى شەپەرەڭنىڭ پۇت-قوللىرى ئۇزۇن ھەم ئىنچىكەن بولۇپ، يەردە ھېچقانچە كۈچىمەيلا ماڭالايدۇ. ئۇ ئوۋغا قول سېلىشتىن ئىلگىرى ئالدىن تاللىۋالغان جايدا بىردەم تۇرۇۋېلىپ، قارشى تەرەپنى پۇرىغاندىن كېيىن، چىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ تېرىسىدىن بىر ئېغىز ئېچىپ، بىر نەچچە سېكۇنت يالىۋېلىپ ئاندىن شوراشقا باشلايدۇ. قان شورىغۇچى شەپەرەڭ ئىنتايىن ئاچ كۆز بولۇپ، بىر قېتىملىق قان شوراش ۋاقتى 40-50 مىنۇتقا يېتىدۇ.[0]

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/273015.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#