چىنار ئۇرۇقى

چىنار ئۇرۇقى

بۇ چىنار ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ چىنار (Platanus) بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ يوپۇرمىقى، پوستى ۋە ئۇرۇقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

دورا نامى چىنار ئۇرۇقى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 梧桐子

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ چىنار ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ چىنار (Platanus) بولۇپ، قوۋزىقى پارچە - پارچە سۇيىلىدۇ، يوپۇرمىقى كەڭ، ئەتراپى چىشلىق، ياغىچى يېنىك، پارقىراق، مېۋىسى يۇمىلاق شار شەكىللىك، كىچىك، قاتتىق، ۋەزنى يەڭگىل، مېۋىسىنىڭ تۈۋى قوڭۇر، ئۇزۇن تۈكچىلەر قاپلىغان بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ يوپۇرمىقى، پوستى ۋە ئۇرۇقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇرۇقىدا ياغ ياغ كىسلاتاسى، سېتركۇلىك كىسلاتاسى (Sferculic) ۋە قان توختىتىش تەسىرىگە ئىگە بولغان بىيولوگىيەلىك ئىشقارلار بار.

قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قان توختىتىش، قان نوكچىسى پەيدا قىلىش، قاننى قۇيۇلدۇرۇش تەسىرى بار.

يوپۇرمىقى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق، مېۋە ۋە پوستى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

زەھەر قايتۇرۇش، بۇزۇق ماددىلارنى تازىلاش، بەرەسنىڭ ۋە ھۆل جاراھەتلەرنىڭ سېسىقلىقىنى يوقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، زەھەرلىك ھاشاراتلارنىڭ زەھەرىنى زەھەرىنى پەسەيتىش.

كۆز ئاغرىقى، بەرەس، ھۆل تەمرەتكە، كۆيۈك، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى، زەھەرلىك ھاشاراتلار چېقىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. چىنار 10 گىرام، توشقانكالپۇك 10 گىرام، بابۇنە 7 گىرام، ئىكلمىلىك 7 گىرام، ئىتئۈزۈمىدىن 10 گىرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ يەرلىك ئۇرۇننى يۇيۇپ بەرسە، ياللۇغ قايتۇرۇپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ.

2. چىنار، قارمۇچ، زەھىرى موھرىنى قوشۇپ سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ، زەھەرلىك ھاشارات چاققان ئورۇنغا چاپسا شىپا بولىدۇ.

3. چىنار، چالمۇگرا مېۋىسى، سەرخىس قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە، ھۆل تەمرەتكە ھەر خىل تېرە كېسەللىرىگە شىپا بولىدۇ.

ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئاۋاز پەردىسى، كاناي ۋە كۆزگە زىيانلىق.

ئۇد ھىندى، دارچىن، يېڭى سېغىلغان سۈت.

ئانار قوۋزىقى.

شىنجاڭدىن چىقىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#