قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى

«قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» 1999-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ئىش بېجىرىش يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1999-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
خەنزۇچە نامى 交通违章行为处理程序规定
قوللىنىلغان ۋاقتى 2000-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە ئادىل بىر تەرەپ قىلىش، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئوگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يول قاتنىشىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، يول قاتناش تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ پەرمانى (46-نومۇرلۇق)

«قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ئىش بېجىرىش يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى. 2000-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى

                      جيا چۈنۋاڭ

1999-يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ بەلگىلىمە قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە ئادىل بىر تەرەپ قىلىش، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئوگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يول قاتنىشىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، يول قاتناش تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

2-ماددا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرى ھەم ئۇنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى بۇ تەرتىپكە ئاساسەن يۈرگۈزىدۇ.

3-ماددا جازالاشنى يولغا قويۇشتا ئاشكارا بولۇش ھەم جازالاش بىلەن تەربىيىلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

4-ماددا قاتناش ساقچىسى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغان ھامان تۈزىتىشى كېرەك، خىلاپلىق قىلغۇچىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇشى كېرەك. جازا بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشىىڭ پاكىتى ۋە قانۇن-نىزاملارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن جازالاش قارارى چىقىرىش كېرەك.

2-باب جازالاش ھوقۇق دائىرىسى

5-ماددا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىشتە قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىش يۈز بەرگەن جايدىكى ناھىيە )شەھەر)لىك، شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى ياكى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى «ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامى»دا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەرگە بىنائەن جازالاش قارارىنى چىقىرىدۇ.

6-ماددا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن 50 يۈەن)50 يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن جەرىمانە قويۇلىدىغان ياكى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدىغانلىرىغا ئاددىي تەرتىپنى تەتبىقلاپ، قاتناش ساقچىسى نەق مەيداندا جازالاش قارارىنى چىقىرىدۇ.

7-ماددا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن 50 يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويۇلىدىغان، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تۇتۇپ قېلىنىدىغان ۋە كۈچىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلىدىغانلىرىغا ئادەتتىكى تەرتىپنى تەتبىقلاپ ناھىيە )ناھىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن يۇقىرى ياكى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىدىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى جازالاش قارارىنى چىقىرىدۇ.

8-ماددا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش ۋە كۈچىدىن قالدۇرۇش جازاسى ھوقۇق چېكى بويىچە تەستىقلىنىدۇ.

(1) ماتورلۇق قاتناش شوپۇرلۇق كىنىشكىسى 6 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىرىنى ناھىيە ياكى ناھىيىگە تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.

(2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى 6 ئايدىن يۇقىرى تۇتۇپ قېلىنغانلىرىنى )6 ئايمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى كۈچىدىن قالدۇرۇلىدىغانلىرىنى ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك ياكى تەڭ دەرىجىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.

3-باب جازالاش قارارى

9-ماددا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن جازا بېرىلىدىغانلىرىغا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئۇقتۇرۇلىدۇ:

(1) قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ پاكىتى، جازالاش سەۋەبى ۋە ئاساسى؛

(2) قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى بولىدۇ؛

(3) قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى جازاغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلسا ياكى مەمۇرىي جەھەتتىن دەۋا قىلسا بولىدۇ.

ئاددىي تەرتىپكە لايىق جازالىنىدىغانلارغا يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە قانۇننى ئىجرا قىلىشتىكى قېلىپلاشقان سۆزلەرنى قوللىىپ ئاغزاكى ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. ئادەتتىكى تەرتىپكە لايىق جازالىنىدىغانلىرىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

10-ماددا قاتناش ساقچىسى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ بايانى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشىنى تولۇق ئاڭلىشى، ئەستايىدىل قايتا سېلىشتۇرۇشى كېرەك. ئۆزىنى ئاقلاش سەۋەبلىرى ئورۇنلۇق بولسا، قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، ئۆزىنى ئاقلاش سەۋەبىدىن ئېغىرلىتىپ جازالاشقا بولمايدۇ.

11-ماددا بىر كىشىنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ 2 خىل )2 خىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئارتۇق قىلمىشى بولسا، ئايرىم-ئايرىم جازالاپ بىرلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ ھەمدە بىرلا ۋاراق جازالاش قارارنامىسىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

12-ماددا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى جازالاش قارارنامىسىنى ياكى جەرىمانە تالونىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا، جازالاش قارارنامىسىگە ياكى جەرىمانە تالونىغا ئەھۋالنى ئىزاھلاپ، يەتكۈزۈلدى دەپ قارىلىدۇ.

13-ماددا ئاددىي تەرتىپكە لايىق جازالاش تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە يۈرگۈزۈلىدۇ:

(1) ئاغزاكى ئېيتىپ قويۇلىدۇ؛

(2) جازالاش قارارى چىقىرلىغان بولسا «جامائەت خەۋىپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئىشلىرى بويىچە شۇ مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش قارارنامىسى شۇ جايدىلا تولدۇرۇلۇپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛

(3) قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە كۆرسىتىلگەن بانكىدىكى جەرىمانىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىش ئاپپاراتى دېيىلىدۇ)غا بېرىپ جەرىمانە تاپشۇرۇش ئۇقتۇرۇلىدۇ، شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا جەرىمانە ئېلىنغان بولسا، بىرلا ۋاقىتتا جەرىمانە ئېلىش تالونى تولدۇرۇلۇپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛

(4) مەمۇرىي مەجبۇرىلاش تەدبىرى قوللىنىلىپ جەرىمانە ئېلىش قارارىنى ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك بولسا، بىرلا ۋاقىتتا «جامائەت خەۋىپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش بويىچە مەمۇرىي مەجبۇرىلاش دتەدبىرىنى قوللىنىش ئىسپاتى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىسپات» دېيىلىدۇ) تولدۇرۇلۇپ، شۇ جايدىلا خىلاپلىق قىلغۇچىغا تاپشۇرۇلىدۇ.

14-ماددا ئادەتتىكى تەرتىپكە لايىق جازالاش تۆۋەندىكى تەرتىپلەر بويىچە يۈرگۈزۈلىدۇ:

(1) قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە كۆرسىتىلگەن جايغا بېرىپ جازانى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇلىدۇ؛

(2) 2دىن ئارتۇق (2 نەپەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) قاتناش ساقچىسى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. تەكشۈرگەندە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى ۋە گۇۋاھچىدىن سوراپ كۆرۈش ھەمدە خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك. سورالغۇچى كىشى سوراقنى قوبۇل قىلمىسا، ئىمزا قويۇش ياكى تامغا بېسىشنى رەت قىلسا، سوراق خاتىرىسىگە ئەھۋالنى ئىزاھلاپ قويۇش لازىم.

(3) يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ؛

(4) قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ بايانى بىلەن ئۆزىنى ئاقلىشى قايتا سېلىشتۇرۇلىدۇ. قايتا سېلىشتۇرغاندا يازما ھۆججەت تەييارلىنىدۇ؛ ئۇنىڭغا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى بىلەن قاتناش ساقچىسى ئىمزا قويىدۇ ياكى تامغا باسىدۇ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى ئىمزا قويۇشنى ياىكى تامغا بېسىشنى رەت قىلسا، يازما ھۆججەتتە ئەھۋال ئىزاھلىنىدۇ؛

(5) جازالاش قارارى چىقىرلىغانلىرىغا «جامائەت خەۋىپسىزلىكى مەمۇرىي جازا قارارنامىسى» تەييارلىنىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ مەيداندىلا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا تاپشۇرۇلىدۇ. قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى شۇ مەيداندا بولمىسا، 7 كۈن ئىچىدە «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، جازالاش قارارنامىسى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا يەتكۈزۈلىدۇ؛

(6) جەرىمانە قويۇلۇپ جازالاش قارارنامىسى چىقىرىلغان بولسا، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا بەلەىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىش ئاپپاراتىغا بېرىپ جەرىامەن تاپشۇرۇش ئۇقتۇرۇلىدۇ؛ شۇ مەيداندىلا جەرىمانە ئېلىنغان بولسا، جەرىمانە ئېلىش تالونى تولدۇرۇلۇپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛

(7) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش، كۈچىدىن قالدۇرۇش قارارى چىقىرلىغانلىرىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى كىنىشكىسى يىغىۋېلىنىدۇ.

15-ماددا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن ھاراق ئىچكەن، زەھەر يېگەن، چەككەن ۋە ئوكۇل قىلغان دەپ گۇمان قىلىنغانلىرىدىن ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرۈش كېرەك، سىناپ تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلىرىنى مەجبۇرىي تەكشۈرسە بولىدۇ.

16-ماددا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ پاكىتى ئېنىق بولۇپ، ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە جەرىمانە قويۇشقا تېگىشلىكلىرىگە بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ 24 سائەت ئىچىدە جازالاش قارارى چىقىرىش كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش جازاسى بېرىلىدىغانلىرىغا جازانى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ 3 كۈن ئىچىدە جازالاش قارارى چىقىرىش كېرەك. قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغانلارنى جازالاش مۆھلىتى جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ يول قاتنىشى ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

17-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى كۈچىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلىدىغانلىرىغا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ دەلىل-ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك؛ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىدىن دەلىل-ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلغانلىرىنى «مەمۇرىي جازا قانۇنى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دەلىل-ئىسپات ئاڭلاشقا ئۇيۇشتۇرۇش لازىم.

4-باب جازانى ئىجرا قىلىش

18-ماددا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلگەنلىرىگە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى جازالاش قارارنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە كۆرسىتىلگەن ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىش ئاپپاراتىغا بېرىپ جەرىمانە تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرۇش كېرەك. قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قەرەلنى ئۆتكۈزۈپ جەرىمانە تاپشۇرغانلىرىدىن 3% بويىچە جازا جەرىمانىسى قوشۇپ ئېلىنىدۇ.

19-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىدىن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى جازالاشتا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بارلاردىن شۇ جايدىلا جەرىمانە ئېلىشقا بولىدۇ:

(1) مەزكۇر قاراشلىق رايونغا تەرە بولمىغان (بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ۋىلايەت، شەھەر دائىرىسى چېگرا قىلىنىدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) پاسىلدىن ئۆتكەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىغا 20 يۈەندىن تۆۋەن (20 يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جەرىمانە قويۇلغا بولۇپ، قاتناش ساقچىلىرى شۇ مەيداندىلا جازالاش قارارىنى چىقارغان بولسا؛

(2) چەت، يىراق، قاتناش قولايسىز رايونلار ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا مەزكۇر رايونغا قاراشلىق بولمىغان پاسىلدىن ئۆتكەن ماتولرۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىغا 20 يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويۇلغان بولۇپ، ماتورلۇق، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغان جايدىكى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىش ئاپپاراتىغا جەرىمانە تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بارلىقىنى شوپۇرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان بولسا.

20-ماددا ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەر، پىيادىلەر ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەر، پىيادىلەر ۋە ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغانلارغا 20 يۈەندىن تۆۋەن (20 يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جەرىمانە قويۇلغان بولسا قاتناش ساقچىسى جازالاش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن شۇ مەيداندىلا جەرىمانىنى تاپشۇرىۋالسا بولىدۇ.

21-ماددا شۇ مەيداندىلا جەرىمانە ئالغاندا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا ئۆلكە دەرىجىلكى مالىيە تارماقلىرى بىر تۇتاش بېسىپ تارقاتقان جەرىمانە ئېلىش ھۆججىتىنى چىقىرىپ بېرىش لازىم.

22-ماددا قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيداندا ئالغان جەرىمانە پۇلىنى جەرىمانە ئالغان ۋاقىتتىن باشلاپ 24 سائەت ئىچىدە ئۆزى قاراشلىق ئورۇنغا تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇ ئورۇن قاتناش ساقچىسى تاپشۇرغان جەرىمانە پۇلىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 2 كۈن ئىچىدە جەرىمانىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىش ئاپپاراتىغا تاپشۇرۇشى لازىم.

23-ماددا مەزكۇر جاي تەكشۈرۈپ تارقاتقان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش، كۈچىدىن قالدۇرۇشتا، جازالاش قارارىنى چىقارغان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى جازالاش قارارى كۈچگە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى كىنىشكىسى ھەمدە جازالاش قارارنامىسىنى قوشۇپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تارقاتقان جايدىكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

24-ماددا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى جامائەت خەۋىپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەم ئۇنىڭ قاتناش ساقچىلىرى چىقارغان جازالاش قارارىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي جەھەتتىن دەۋا قىلسا بولىدۇ.

25-ماددا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى جەرىمانە قويۇش قارارىنى ئىجرا قىلماي جەرىمانە تاپشۇرۇشنى رەت قىلسا، مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلغاندىن باشقا «ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرسە ياكى قانۇن بويىچە سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

5-باب مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى

26-ماددا جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەم ئۇنىڭ قاتناش ساقچىلىرى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەتكەن ۋە جازالىغاندا تۆۋەندىكى مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) چاقىرتىش؛

(2) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش؛

(3) قاتناش ۋاسىتلىرىنى سۆرىتىپ ئەكىتىش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ چاقىغا قۇلۇپ سېلىش؛

(4) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ شوپۇرۇق كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچە كىنىشكىسىنى ياكى رەسمىي كىنىشكىسىنى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش؛

(5) قانۇنسىز ئورناتقان نومۇر تاختا، كىنىشكىلارنى يىغىۋېلىش.

27-ماددا قاتناش ساقچىلىرى مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلغاندا، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئاغزاكى ئۇقتۇرۇشى لازىم:

(1) مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىگە باب كېلىدىغان تۈر، سەۋەب ۋە ئاساسلارنى؛

(2) بايان قىلىش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى بارلىقىنى؛

(3) مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىلرىرىگە قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ياكى مەمۇرىي جەھەتتە دەۋا قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش لازىم.

يازما چاقىرتىش، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سۆرىتىپ ئەكىتىش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ چاقىغا قۇلۇپ سېلىش قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى قاتناش ۋەقەسىدە ئۆزى زەخىملەنگەن، ئۆلگەن سەۋەبلىك نەق مەيداندا بولمىغان شۇنداقلا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن قېچىپ كەتكەن بولسا، يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە باب كەلمەيدۇ.

28-ماددا قاتناش ساقچىسى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىنى بايانى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشىنى تولۇق ئاڭلىشى كېرەك. ئەگەەر ئۆزىنى ئاقلىشى پۇت تىرەپ تۇرالىسا، ئۇنى قوبۇل قىلىش لازىم.

29-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرغاندا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكسىنىڭ قوشۇمچە كىنىشكىسىنى ياكى رەسمىي كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالغاندا، قانۇنسىز قۇرۇلمىلار ياكى نومۇر تاختا، كىنىشكىلارنى يىغىۋالغاندا، ھۆججەت «ئىسپات»نى يېزىپ، قائىدىگە خىلاپلىق ىىلغۇچىغا تاپشۇرۇش كېرەك. قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى ئېلىشنى رەت قىلسا، «ئىسپات»قا ئېنىق ئەھۋالنى ئىزاھلاپ بېرىپ، يەتكۈزۈلدى دەپ قارىلىدۇ.

30-ماددا قاتناش ساقچىلىرى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىش يۈز بەرگەندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى، يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ۋە قانۇنسىز قۇرۇلمىلارنى ياكى نومۇر تاختا كىنىشكىلىرىنى ئۆزى قاراشلىق ئورۇنغا تاپشۇرۇشى لازىم.

31-ماددا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن مەجبۇرلاش تەدبىرىگە قايىل بولمىغانلار قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي جەھەتتىن دەۋا قىلسا بولىدۇ.

بىرىنچى پاراگراف چاقىرتىش

32-ماددا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلاردا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ئۇنى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا كېلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرتىشقا بولىدۇ:

(1) قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلمىشى «ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولغانلىقتىن، ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە جازا قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلار؛

(2) قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان، قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلغان ھەمدە باشقا قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزدى، دەپ گۇمان قىلىنغانلار؛

(3) ھەيدىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن تەكشۈرۈپ تۇتىدىغان ئەتكەس ئاپتوموبىللار ياكى ئوغرىلانغان، بۇلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولغانلار.

33-ماددا چاقىرتىشقا تېگىشلىكلەرنى ناھىيىدىن يۇقىرى (ناھىيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى ئوخشاش دەرىجىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا يوللاپ تەستىقلىتىش لازىم.

34-ماددا چاقىرتىشتا ئاغزاكى چاقىرتىش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ ياكى چاقىرتىش گۇۋاھنامىسىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. ئاغزاكى چاقىرتىشتا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى كىشىگە شۇ جايدىلا ئېيتىش كېرەك؛ يازما چاقىرتىشتا «چاقىرتىش گۇۋاھنامىسى» تەييارلاش ھەمدە ئېلان قىلىپ بولغاندىن كېيىن چاقىرتىلغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىش لازىم. قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى شۇ مەيداندا بولمىسا، «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، «چاقىرتىش گۇۋاھنامىسى»نى چاقىرتىلغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

35-ماددا ئورۇنلۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ ئاغزاكى چاقىرتىشنى قوبۇل قىلمىغان ياكى چاقىرتىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلارنى مەجبۇرىي چاقىرتىشقا بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك )ناھىيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى ئوخشاش دەرىجىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا يوللاپ تەستىقلىتىپ، ئىھتىيات قوراللىرىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

ئىككىنچى پاراگراف ماتورلۇق، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش

36-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان، لېكىن باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ شوپۇرى ۋاكالىتەن ھەيدەپ بەرمىگەن، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشى تېخى تۈگىمىگەن، تەكشۈرۈش، رازۋېتكا قىلىشقا تېگىشلىك ياكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە جازالىشىنى قوبۇل قىلىشقا بېرىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن دەرھال يول يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇشقا بولىدۇ.

1. مەست ھالەتتە ياكى ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگەنلەر؛

2. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بولمىغان ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ۋە قوشۇمچە كىنىشكىسى تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگەنلەر؛

3. ئۆتنە ئالغان، ئىشلىتىۋېلىش ئۈچۈن ئالغان، ئۆزگەرتىلگەن، يالغاندىن ياسىۋالغان، باشقىلارنىڭ نامىنى سېتىپ ئېلىۋالغان، كۈچتىن قالغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىلەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگەنلەر؛

4. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىدىكى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تىپىغا باب كەلمەيدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەنلەر؛

5. ئۆگەنچى شوپۇرلاردىن «يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ 27-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

6.پراكتىكا مەزگىلىدە «يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ 28-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار؛

7. قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يول يۈرۈشىگە توسالغۇ بولىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا ياكى قاتتىق چارچىغاندا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگەنلەر؛

8. چاقلىق موتسىكلىت ھەيدىگەندە بېشىغا بىخەتەرلىك قالپىقى كىيمىگەنلەر؛

9. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى ياكى يول يۈرۈش كىنىشكسىنى ئۆزگەرتكەنلەر، يالغاندىن ياسىۋالغانلار، باشقىلارنىڭ نامىنى سېتىپ ئېلىۋالغانلار، ئىشلىتىۋالغانلار، ئۆتنە ئالغانلار، كۈچتىن قالغان نومۇر ۋە كىنىشكىلارنى ئىشلەتكەنلەر؛

10. تەكشۈرۈلگەن ياكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەنلەر؛

11. نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسى يوق ھەمدە ۋاقىتلىق باشقا قانۇنلۇق ئىسپاتى يوق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى؛

12. نومۇر تاختىسى ياكى ماتور، رام نومۇرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىدە يېزىلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلار؛

13. قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان ياكى قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلغان ھەمدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالى بار گۇماندارلار؛

14. تەكشۈرۈپ تۇتماقچى بولغان ئەتكەس ياكى ئوغرىلانغان، بۇلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئالاھىدىلكى بىلەن ئوخشايدىغانلار.

37-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرسا بولىدۇ:

1. ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەن كىشىگە جەرىمانە قويۇلغان بولۇپ، شۇ مەيداندا جەرىمانە پۇلىنى تاپشۇرالمىسا؛

2. ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىگە مېخانىكىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىلىرىنى ئورنىتىلغان بولسا؛

3. ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇر تاختىسى بولمىسا؛

4. قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان ياكى قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلىش شۇنداقلا قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايەت ئۆتكۈزدى دېگەن گۇمان بولسا؛

5. تەكشۈرۈپ تۇتماقچى بولغان، ئوغرىلانغان ياكى بۇلانغان ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوخشاش بولسا.

38-ماددا ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە بېجىرىش كېرەك:

1. «ھۆججەت» كېسىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىش. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ناھىيىدىن يۇقىرى )ناھىيە دەرىجىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى شۇ دەرىجىگە تەڭ بولغان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا يوللاپ تەستىقلىتىش كېرەك؛

2. ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى كۆرسىتىلگەن جايغا توختىتىپ قويۇش ھەمدە مۇۋاپىق ساقلاش لازىم. ھەرقانداق كىشىنىڭ ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ، ئىشلىتىپ بۇزىۋەتكەن بولسا، رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ياكى تۆلەپ بېرىش لازىم؛

3. ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش سەۋەبى تۈەىگەندىن كېيىن ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرغان قاتناش ۋاسىتىسىنى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىش لازىم. قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايەت گۇماندارلىرىنى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش لازىم.

39-ماددا ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە قارىتا تۆۋەندە بەلگىلەنگەن بەلگىلىمە مۇددەت بويىچە يۈرگۈزۈلىدۇ:

1. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ شوپۇرىغا جازا بېرىشكە توغرا كەلسە، ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتىنى 3كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛

2. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى كېلىش مەنبەسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە توغرا كەلسە، ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتىنى 7 كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ ئۇزارتىشقا توغرا كەلگەندە، بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا يوللاپ تەستىقلىتىش لازىم، لېكىن ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 3 كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛

3. قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان ياكى قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلىش گۇماندارلىرىنى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتى جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ يول قاتناش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يۈرگۈزۈلىدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ شوپۇرى «ئىسپات»تىكى ئىناۋەتلىك مۇددەت ئىچىدە جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى قوبۇل قىلىشقا بارمىسا، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇددەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.

ئۈچىنچى پاراگراف قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سۆرىتىپ ئەكىتىش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ چاقىنى قۇلۇپلاش

40-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قاتناش ساقچىلىرى توسالغۇ تازىلاپ ئاپتوموبىلنى ئەۋەتىپ قاتناش ۋاسىتىلىرىنى قاتناشقا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان جايغا ياكى كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا سۆرىتىپ ئەكەتسە بولىدۇ:

1. قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يول ئۈستىدە قائىدىگە خىلاپ توختاتقان، شوپۇرى نەق مەيداندا بولمىغان ياكى ھەيدەپ كېتىشنى رەت قىلغان بولسا؛

2. كاشىلا تۈپەيلىدىن يول يۈرەلمەيدىغان، شۇنداقلا دەرھال رېمونت قىلى پئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، قاتناشقا دەخلى يەتمەيدىغان جايغا يۆتكەپ كېتىشكە ئامال بولمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بولسا؛

3. قاتناش ھادىسىسى تۈپەيلىدىن يول يۈرەلمەيدىغان ياكى ھادىسىنى تەكشۈرۈشكە، باھالاپ بېكىتىشكە تېگىشلىك بولغان بولسا.

41-ماددا قائىدىگە خىلاپ توختىتىپ قويۇلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدە تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ چاقىنى قۇلۇپلاپ قويۇشقا بولىدۇ:

1. سۆرىتىپ ئەكەتسە بۇزۇلۇش ئېھتىمالى بولغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى؛

2. شوپۇرى نەق مەيداندا بولمىغان ياكى يۆتكەپ كېتىش رەت قىلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى.

42-ماددا قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سۆرىتىپ ئەكىتىش، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ چاقىغا قۇلۇپ سېلىشنى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە يۈرگۈزۈش لازىم:

1. قائىدىگە خىلاپ توختىتىپ قويۇلغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئەكەتكەندە، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ چاقىغا قۇلۇپ سېلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىدىغان جاي ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ قويۇش لازىم.

2. قائىدىگە خىلاپ توختىتىپ قويغان ۋە ھادىسە تۇغدۇرغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى كۆرسىتىلگەن جايغا سۆرىتىپ ئەكىتىش؛ كاشىلىسى بار ئاپتوموبىلنى قاتناشقا توسالغۇ بولمايدىغان جايغا ياكى شوپۇرلار تاللاپ بېكىتكەن رېمونت زاۋۇتىغا سۆرىتىپ بېرىش لازىم.

3. قائىدىگە خىلاپ توختىتىپ قويۇلغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سۆرىتىپ ئەكەتسە، توسالغۇ تازىلاش ھەققى ئېلىشقا بولىدۇ. توسالغۇ تازىلاش ھەققى ئالغاندا، ھەق ئېلىش تالونى كېسىش شۇ مەيداندىلا قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرىغا تاپشۇرۇش لازىم. قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ شوپۇرى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا، تالونغا ئەھۋالنى ئېنىق ئىزاھلاپ، يېزىپ يەتكۈزۈلدى دەپ قارىلىدۇ.

4. قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى جازانى قوبۇل قىلغان ۋە توسالغۇ تازىلاش ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، قاتناش ۋاسىتىسىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ چاقىغا سېلىنغان قۇلۇپنى ئېچىۋېتىش لازىم.

تۆتىنچى پاراگراف قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكسىنىڭ قوشۇمچە كىنىشكىسى ياكى رەسمىي كىنىشكىسى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش

43-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچە كىنىشكىسىنى ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ:

1. جەرىمانە پۇلىنى شۇ مەيداندا تاپشۇرالمىسا؛

2. مەزكۇر قاراشلىق رياونغا تەرە بولمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ شوپۇرلىرىدىن جەرىمانىنى ۋاكالىتەن ئېلىش ئاپپاراتىغا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان ياكى ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە جازا قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلار.

44-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ رەسمىي كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ:

1. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچە كىنىشكسى بولمىغان ھەم «ئىسپات» بولمىغانلار؛

2. «ئىسپات»نىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەۋەرگەنلەر؛

3. «ئىسپات» كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە قائىدىگە يەمە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلغانلار.

45-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ رەسمىي كىنىشكىسىنى ۋە قوشۇمچە كىنىشكىسىنى بىرلا ۋاقىتتا تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ:

1. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېسىپ قويۇش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىكلەر؛

2. قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قويۇلغان نومۇر بەلگىلەنگەن نومۇر چېكىگە يەتكەنلەر؛

3. قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغانلار ياكى قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلىش شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايەت ئۆتكۈزۈش گۇماندارلىرى؛

4. تەكشۈرۈپ تۇتماقچى بولغان ئەتكەس ياكى ئوغرىلانغان، بۇلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوخشايدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگەنلەر.

مۇشۇ ماددىنىڭ 3- ۋە 4-تۈرىدىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولسىلا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكسىنى بىرلا ۋاقىتتا تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ.

46-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچە كىنىشكىسىنى ياكى رەسمىي كىنىشكىسىنى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكسىنى تۇتۇپ قېلىشتا، تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئىشلەش لازىم:

1. ئادەتتىكى تەرتىپ بويىچە جازا بېرىلىدىغانلىرىنى ناھىيىدىن يۇقىرى )ناھىيە دەرىجىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى شۇ دەرىجىگە تەڭ بولغان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىنكېيىن، «ئىسپات» يېزىپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان كىشىگە تاپشۇرۇش لازىم؛

2. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى كۈچتىن قالدۇرۇش، قانۇنسىز نومۇر تاختىسى، كىنىشكىلىرىنى يىغىۋېلىش ۋە قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىرىدىن باشقا، تۇتۇپ قېلىش سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن تۇتۇپ قېلىنغان گۇۋاھنامىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىش لازىم. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن تەكشۈرۈپ تۇتماقچى بولغان ئەتكەس ياكى ئوغرىلانغان، بۇلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئوخشايدىغان ئالاھىدىلكى بارلىرى، شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپباشقا جىنايەت ئۆتكۈزۈش گۇمانى بارلىرىنى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش لازىم.

47-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچە كىنىشكىسى ياكى رەسمىي كىنىشكىسىنى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قېلىش مۇددىتىنى 15 كۈندىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. لېكىن ماتورلۇق قاتنباش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىدىن «ئىسپات» كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە جەرىمانە پۇلىنى تاپشۇرمىغانلار، بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلمىغانلار، ئىمتىھانغا قاتناشمىغانلار ياكى ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرغان ياكى قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلىش گۇماندارلىرىنى تۇتۇپ قېلىش مۇددىتى جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن ئىجرا قىلىنىدۇ.

48-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچە كىنىشكىسى تۇتۇپ قېلىنغانلىرى «ئىسپات» كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ رەسمىي كىنىشكىسى ۋە «ئىسپات»نى تۇتۇپ تۇرۇپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىسە بولىدۇ.

بەشىنىچى پاراگراف قانۇنسىز ئورنىتىۋالغان قۇرۇلمىلار ياكى نومۇر تاختا، كىنىشكىلارنى يىغىۋېلىش

49-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، قانۇنسىز ئورنىتىۋالغان قۇرۇلمىلار ياكى نومۇر تاختىسى ۋە كىنىشكىلارنى يىغىۋېلىشقا بولىدۇ:

1. ئۆتنە ئالغان، ئىشلىتىۋېلىشقا ئالغان، ئۆزگەرتكەن، يالغاندىن ياسىۋالغان، باشقىلارنىڭ نامىنى سېتىپ ئېلىۋالغان، كۈچتىنقالغان شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىلەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگەنلەر؛

2. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى ياكى يول يۈرۈش كىنىشكىسى ئۆزگەرتىلگەن، يالغاندىن ياسالغان، باشقىلارنىڭ نامىنى سېتىپ ئېلىۋالغان، ئىشلىتىۋېلىشقا ئالغان، ئۆتنە ئالغان، كۈچتىن قالغان بولسا؛

3. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە قانۇندا بېكىتىلمىگەن بەلگە ئېسىلغان، نومۇر تاختىسى، كىنىشكىلارنى ئورنىتىۋالغان بولسا؛

4. قانۇنسىز ھالدا سىگنالىزاتور ۋە بەلگە چىرىغى ئورنىتىۋالغان بولسا؛

5. ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرىگە مېخانىكىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈش قۇرۇلمىسى ئورنىتىۋالغان بولسا.

50-ماددا قانۇنسىز ئورنىتىلۋاغان قۇرۇلمىلار ياكى نومۇر تاختا، كىنىشكىلارنى يىغىۋېلىش تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە يۈرگۈزۈلىشى لازىم:

1. ناھىيىدىن يۇقىرى (ناھىيە دەرىجىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى شۇ دەرىجىگە تەڭ جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، «ئىسپات» يېزىپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛

2. ئۆتنە ئالغان ۋە ئىشلىتىۋېلىشقا ئالغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى شوپۇر جازالانغاندىن كېيىن كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ.

6-باب باشقا بەلگىلىمىلەر

51-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ شوپۇرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا ياكى ئورۇنلۇق سەۋەبى يوق 3 ئايدىن ئاشۇرۇۋەتسە، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۇنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتسە بولىدۇ:

1. جەرىمانە پۇلىنى تاپشۇرمىغانلار؛

2. جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى قوبۇل قىلىشقا بارمىغانلار؛

3. قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا نومۇر قويىۇش ئىمتىھانىغا قاتناشمىغانلار؛

4. تۇتۇپ قېلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قوشۇمچە كىنىشكىسى، رەسمىي كىنىشكىسىنى ئېلىپ كېتىشكە ئۇقتۇرۇش قىلسىمۇ يەنىلا ئېلىپ كەتمىگەنلەر؛

ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرغان قاتناش ۋاسىتىسىنى، تۇتۇپ قېلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئېلىپ كېتىشكە ئۇقتۇرۇش قىلىپ 6 ئاي ئۆتۈپ كەتسىمۇ جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا بارمىسا، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى شۇ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتسە ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە قاتناش ۋاسىتىسىنى مالىيە تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.

52-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، قائىدىگە خىلاپ قىلمىش يۈز بەرگەن جايدىكى ناھىيىدىن يۇقىرى (ناھىيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى ناھىيە دەرىجىلىككە تەڭ بولغان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى چىقىرىدۇ ھەمدە قانۇنىي ھۆججەت تەييارلاپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى ياكى قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىگىسى شۇ مەيداندا بولمىسا، 7 كۈن ئىچىدە «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن قانۇنىي ھۆججەتنى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىغا ياكى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان شوپۇرلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى 1 يىل ئىچىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى قايتىدىن ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

53-ماددا بۇ جايدا تەكشۈرۈپ تارقاتمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىلەن بۇ جايدا تىزىمغا ئالدۇرمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا، ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە ئالاقىدار نومۇر تاختىسى، كىنىشكا ۋە ھۆججەتلەرنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ تارقاتقان، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى تىزىمغا ئالغان جايدىكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىجرا قىلىشىغا ئەۋەتىپ بېرىش لازىم.

54-ماددا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى كىشى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى چىقارغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي ەھەتتە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي جەھەتتىن دەۋا قىلسا بولىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

55-ماددا بۇ بەلگىلىمىدە...دىن يۇقىرى ... دىن تۆۋەن دەپ ئاتىلىپ، ئالاھىدە ئىزاھات بېرىلگەندىن باشقىلىرى شۇ ساننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

56-ماددا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارغا شۇ مەيداندا جازا بېرىش ۋە مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشتا، مۇشۇ بەلگىلىمىگە قوشۇمچە قىلىنغان ھۆججەت بويىچە تولدۇرۇپ ئەۋەتىلىدۇ. باشقا جازا بېرىشتە جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكى تۈزگەن بىرلىككە كەلگەن ھۆججەت نۇسخىسى بويىچە تولدۇرۇپ ئەۋەتىلىدۇ. ئىجرا قىلىشتا باشقا ھۆججەت بەلگىلەش ياكى كۆپەيتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى نازارەتلىرى، ئىدارىلىرى ئۆز ئالدىغا تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

57-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى نازارەتلىرى، ئىدارىلىرى بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يولغا قيۇشنىڭ تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

58-ماددا بۇ بەلگىلىمە 2000-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1988-يىلى ۋە 1991-يىلى جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان «قاتناش باشقۇرۇش بويىچە جازالاش تەرتىپى بەلگىلىمە»سى بىلەن «قاتناش باشقۇرۇش بويىچە جازالاش تەرتىپى قوشۇمچە بەلگىلىمە»سى تەڭلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. باشقا بەلگىلىمىلەر بۇ بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىسا، مۇشۇ بەلگىلىمە ئۆلچەم قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#