مالىخۇلىيا

مالىخۇلىيا

ﻣﺎﻟﯩﺨﯘﻟﯩﻴﺎ ﯮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﯨﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﭖ، سەۋەبسىز ﻏﻪﻡ ﯬﻧﺪﯨﺸﯩﺪﻩ ﯲﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺭﻭھﯩﻲ كېسەللىككە ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. 

غەرب تېبابىتى نامى مالىخۇلىيا
كېسەللىك سەۋەبى ﺳﯧﻠﻜﯩﻨﯩﺶ، ﻗﯧﻘﯩﻠﯩﺶ ھﺎﺩﯨﺴﺴﻰ،ﺟﻪﺳﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﻮﺭﻗﯘش
ئاساسلىق ئالامىتى بىھۇدە ﻛﯚﭖ ﯮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ، ﯬﻧﺴﯩﺮﻩﺵ،خىياللارنى سۈرۈش
خەنزۇچە نامى 忧郁症

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مالىخۇلىياسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئاشقازان، تال، جىگەر، قاپقاق ۋېنالاردا ھەر خىل سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدىغان سېسىق بۇخاراتلارنىڭ مېڭە ۋە يۈرەككە تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﺳﻪﯞﺩﺍ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﻯ (ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﮔﺎﺯﻟﯩﺮﻯ) ﻳﯘﻗﯘﺭﻏﺎ ﯲﺭﻟﻪﭖ ﻣﯧﯖﻪ، ﯬﺳﻪﺑﻜﻪ ﺋﯩﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻰ، ﯪﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ھﻪﻳﺰﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﯩﺘﺴﯩﺰ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻫھﻪﻳﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﻮھﯩﻢ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﯰﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﮕﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﯧﻘﯩﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﯮﻣﻮﻣﻰ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﯧﻠﻜﯩﻨﯩﺶ، ﻗﯧﻘﯩﻠﯩﺶ ھﺎﺩﯨﺴﺴﻰ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﯪﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺟﻪﺳﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯬھﯟﺍﻟﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ. [0]

ئالامىتى: بىمارنىڭ روھىي ھالىتى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قالايمىقانلىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

ﺑﯩﻤﺎﺭﺩﺍ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻜﻪ ﻣﺎﺱ ھﺎﻟﺪﺍ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩھﯘﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﯮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ، ﯬﻧﺴﯩﺮﻩﺵ، باش ئاخىرى يوق خىياللارنى سۈرۈش، ﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ، ﺟﯩﺪﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺶ، ﯮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﯮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﯪﻏﺮﯨﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﺷﺘﻪﻙ ﯪﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻳﯜﺭﻩﻙ ھﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﻤﺎﺭﺩﺍ ﯲﻟﯜﻡ ﯞﻩھﯩﻤﯩﺴﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﻪﺳﺘﻪ ﯰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﯬﺳﻪﺑﯩﻴﻠﻪﺭﭼﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.[0]

 

1-رېتسېپ

مالىخۇلىياتەركىبى: گاۋزىبان 25 گىرام، بادرەنجى بۇيىنى، ئۈستقۇددۇس، گۈلى بىنەپشە، نېلۇپەر، كاسىنە يىلتىزى، كەرەپشە يىلتىزى، بەرەنجاسىپ، بىخ كەبىر، سۇزاپ ئۇرۇقى ھەرى 10 گىرامدىن، زەنجىۋىل، ئەنگۈرشىپا ھەر بىرىدىن 13 گىرامدىن، چىلان، بادام مېغىزى، سېرىق ئوت، سانالارنىڭ ھەر بىرى 30 گىرامدىن، ئەينۇلا 60 گىرام، قىزىلگۈل 15 گىرام، سېرىق ھېلىلە 45 گىرام، قارا ھېلىلە 21 گىرام، خىيارشەنبەر 45 گىرام، تەرەنجىبىندىن 200 گىرام، شېكەر 250 گىرام، سۈت 300 مىللىلىتىر، سۇ ئىككى لىتىر

تەييارلاش ئۇسۇلى: سۈت، سىركىدىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، سۇنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سۈزۈپ تەييارلانغان دورا سۈيىگە سانا، خىيارشەنبەر، تەرەنجىبىنلەر چىلانغان سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا سۈت، سىركىنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن شېكەر بىلەن قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: مەرۋايىت، بىخ مارجان، كەھرىۋا، دۇرنەج ئەقرەبى، قىرقىلغان پىلە، زورەنباتد، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن 90 گىرامدىن، قەلەمپۇر، ئۆشنە، سۇمبۇل، لاچىندانە، زەپەر، مەستىكى، سازەج ھىندى، دارچىن، تاباشىر، ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل، ئىپار 30 گىرامدىن، ئەنبەر 45 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

مالىخۇلىياتەركىبى: سېرىق ئوت، قېلىن دارچىن، ئۈستقۇددۇس، ھەببى بىلسان، ئاسارۇن، قەلەمپۇر 12 گىرامدىن، زۇرانبات، دۇرۇنەج ئەقرەبى، تېشىلمىگەن مەرۋايىت، كەھرىۋا، مارجان، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، سازەج ھىندى، قاقىلە، قۇندۇز قەھرى توققۇز گىرامدىن، كۆيدۈرۈلگەن پىلە ئالتە گىرام، پىلپىل، زەنجىۋىل ئۈچ گىرامدىن، شېكەر، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شېكەرنى قاينىتىپ قىيام قىلىپ، قىيامغا دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

80 خالتا ئۇيغۇر تېبابىتى تورىدىن ئېلىندى 

http://www.80halta.com/?p=529

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

80 خالتا ئۇيغۇر تېبابىتى تورىدىن ئېلىندى

http://www.80halta.com/?p=529

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#