ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتەپ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1961-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق يولىدا قۇرۇلغان، شەھەر قارمىقىدىكى كادىرلار پەرزەنتلىرى ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتىپى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە بىۋاستە قاراشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ دەپ ئاتالغان، شەھەرلىك مىللىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى رەھبەرلىك قىلاتتى. مەكتەپ ئادرېسى ھازىرقى شىمالىي ئىتتىپاق يولى 4-كوچا بولۇپ، 1968-يىلى ھازىرقى ئورنىغا كۆچۈرۈلگەن. 1969-يىلى 12-ئايدا تىيانشان رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1976-يىلى ئۇيغۇر سىنىپى تەسىس قىلىپ ئۇيغۇر، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ بولغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 23755 كۋادرات، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 4320 كۋادرات مېتىر. مەكتەپنىڭ 1999-يىلىدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 117 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 2541 نەپەر.ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ.
1978-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1982-يىلى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپ» بولۇپ باھالانغان. 1983-يىلى «مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت بىرلەشكەن تەربىيە كومىتېتى» قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا ئائىلە تەربىيىسى توغرىسىدا لېكسىيە ئېلىپ بارغان. 1985-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىكى تۇنجى ئاتا-ئانىلار مەكتىپىنى قۇرغان. 1986-يىلى 6-ئايدا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك ئىلغار ئاتا-ئانىلار مەكتىپى» بولۇپ باھالانغان. شۇ يىلى 9-ئايدا مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.