تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى

تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى مايورى يۇرىي گاگارىن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بايكونۇر ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا 1961-يىلى 12-ئاپرېل كۈنى مۇسكىۋا ۋاقتى ئەتىگەن سائەت توققۇزدىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە 6 موتۇرلۇق ئېغىر تىپىتكى راكىتا قويۇپ بېرىلدى. ئاخىرقى ئۇگىدىكى راكىتانىڭ ئۇچىنىڭ دىئامېتىرى 2.3 مېتىر كېلىدىغان شارسىمان قاچا جايلاشتۇرۇلغان. «شەرق-1» ئالەم كېمىسى ئەنە شۇ. شارسىمان قاچىنىڭ ئىچىدە دۇنيا بويىچە تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى-سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مايورى يۇرىي گاگارىن ئولتۇرغان. شۇ چاغدا گاگارىن 27 ياشقا كىرگەن ئىدى. «شەرق-1» سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئادەم چۈشكەن تۇنجى ئالەم كېمىسى بولۇپ، ئاخىر ئۇگىدىكى راكىتا بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7.35 مېتىر، ئېغىرلىقى 4725 كىلوگىرام كېلىدۇ. ئالەم كېمىسى يەر شارى ئوربىتىسىدا جەمئىي 108 مىنۇت ئۇچتى. بۇ جەرياندا گاگارىن 89 مىنۇتنى ئېغىرلىقىنى يۇقاتقان ھالەتتە ئۆتكۈزدى. ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى سىناقنى ھېچقانداق زىيان-زەخمەتسىز ئۆتكۈزدى. ئۇ ئالەم كېمىسىدە ئولتۇرۇپ : «ئۇچۇش نۇرمال، ئېغىرلىقىنى يۇقاتقاندىن كېيىنكى ئەھۋالىم ناھايىتى ياخشى» دەپ مەلۇمات يوللىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە : ئادەم تېنىنىڭ راكىتا ئۇچقان چاغدا ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە تامامەن بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش جەريانىدا ئېغىرلىق يوقىلىش مۇھىتىغىمۇ ماسلىشالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

گاگارىن يەر شارىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، موسكىۋانىڭ شەرقى جەنۇبىدا 805 كىلومېتىر نېرىدىكى ساراتۇۋ دېگەن جايغا تېنچ-ئامان چۈشتى. شۇ چاغدا پۈتۈن دۇنيادىكى گېزىتلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ئۇنىڭ رەسىمى بېسىلدى. ئۇ 1968-يىلى مارتتا كۈتۈلمىگەن ھالدا ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا تاپتى. بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 34 ياشقا كىرگەن ئىدى. 

سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى يېقىندا گاگارىن غەلىبە بىلەن قايتقاندا بېسىپ ئۆتكەن يەرگە-موسكىۋادىكى ئاۋات لېنىن كوچىسىغا گاگارىن خاتىرە مۇنارىنى سېلىشنى، مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 40 مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گاگارىننىڭ 12 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھەيكىلىنى ئورنىتىشنى قارار قىلدى. (تەن دېتۇڭ، چىڭ مىڭجياڭ)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#