تېرىق دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تېرىق (خام دورا)
  2. تېرىق (ئاشلىق، دانلىق زىرائەت )
خام دورا
تېرىق

تېرىق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئارپىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، دېنى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تېرىق
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 粟米

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېرىقتېرىق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئارپىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى يىپسىمان يوپۇرماق، باشىقى سۇس سېرىق بولۇپ، ئاقلىغاندىن كېيىن سېرىق دېنى چىقىدۇ. دېنى ئادەتتە سۆكتىن چوڭراق بولۇپ، پىشۇرغاندىن كېيىن يېپىشقاق ھالەتكە كېلىدۇ.

تەبىئىتى

بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

خۇسۇسىيىتى

سۈيدۈك ھەيدەش، بەدەننى قۇرۇتۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

تېرىقنىڭ دېنى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە ئورىۋېلىپ، خاماندا تېپىپ دېنىنى ئايرىپ، شۇ پېتى ياكى ئۇن تارتىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

تېرىقتېرىق ئۇنىدا نان يېپىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازاندىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ. 

تېرىق ئۇنىنى قايماق بىلەن يۇغۇرۇپ تاماق قىلىپ ئىستېمال قىلسا، بەدەننى قۇرۇتۇپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. 

تېرىق ئۇنىنى سۈت بىلەن يۇغۇرۇپ، تاماق قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىستىسقا ۋە ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#