مۇنزىچى سەپرا

 مۇنزىچى سەپرا غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى پىشۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.

دورا نامى مۇنزىچى سەپرا
تونۇش نامى Muniziqi Saifula Heji
ئاساسلىق دورىسى بىنەپشە
خەنزۇچە نامى 木尼孜其赛甫拉合剂
ياسالما شەكلى ئەرەق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ سۇس جىگەررەڭلىك سۇيۇقلۇق بولۇپ، خۇشپۇراق،تەمى تاتلىق.

مۇنزىچى سەپرانىڭ ئاساسلىق مىقدارى
 نامى  مىقدارى نامى  مىقدارى نامى  مىقدارى نامى  مىقدارى
 بىنەپشە 30  گرام   شاھتەررە    30 گرام  نىلۇپەر     30   گرام چىلان       40  گرام
 كاسىن ئۇرۇقى     40  گرام    كاسىن يىلتىزى     30  گرام قىزىلگۈل   30   گرام    تەرەنجىۋىل  80 گرام 

يۇقۇرىدىكى 8خىل دورىغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ، ℃70~60 تا 4 سائەت چىلىغاندىن كېيىن 1 سائەت قاينىتىمىز،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 300ml ئەرەق يىغىۋالىمىز؛دورا قالدۇقىغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ 1 سائەت قاينىتىپ،سۈزۈپ،سۈزۈلمىنى بىرلەشتۈرۈپ،تىنچ تۇرغۇزۇپ،سۈزۈپ،سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنى مۇۋاپىق مىقداردا قۇيۇلدۇرۇپ،شېكەر ۋە چىرىشكە قارشى تۇرغۇچىلارنى قوشۇپ قىزىتىپ ئېرىتىپ،سوۋۇتۇپ،ئەرەق قوشۇپ ئومومى مىقدارنى 1000ml غا تەڭشەپ،تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆلچەم

ھەر بىر قۇتىغا 500ml دىن قاچىلىنىدۇ. 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى 

كۈنىگە 3 قېتىم،ھەر قېتىمدا 100ml دىن ئىچىلىدۇ.

ساقلاش 

ئېغىزى ھىم ئېتىلىپ، سالقىن سايە ئورۇندا ساقلىنىدۇ.

 بۇ دورا قاينىتىلما ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل، قوشۇمچە IJ) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.

دورىدىن 100ml ئېلىپ،20ml دىن ئېتىل ئاتسىتات قوشۇپ 2 قېتىم چەككىلەيمىز، ئېتىل ئاتسىتاتنى بىرلەشتۈرۈپ،پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،دورا قالدۇقىغا 1ml مېنتانول قوشۇپ ئېرىتىپ سىناق ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلايمىز. خۇپىسۇ (quercetin)سېلىشتۇرما دورىسىدىن ئېلىپ، مېنتانول قوشۇپ،ھەر1ml دورىدا 1 مىللىگرام دورا تۇتقان سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلايمىز.نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن،سىناق قىلىنغۇچى دورا ئېرىتمىسىدىنµl10، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورا ئېرىتمىسىدىنµl2 شۈمۈرۈپ ئېلىپ،نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل گرام لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (5∶4.5∶0.5) تولۇئول-ئېتىل ئاتسىتات-فورمات كىسلاتانى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، تاختا ئۈستىگە %3لىك ئاليومىن ئۈچ خلورىد ئېتانول ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ،℃105 لۇق ھارارەتتە بىر قانچە مىنۇت قىزىتىپ،ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرلۇق(nm 365)لامپا ئاستىدا كۈزىتىمىز.سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=3&contentNameId=665

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#