بۈگۈر توغراق ئورمىنى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۈگۈر توغراق ئورمىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى تەڭرىتاغ نىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقى نىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. بۇ دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ زىچ تارقالغان، ھايات قېلىش دەرىجىسى ئەڭ ياخشى «ئۈچىنچى دەۋر تىرىك قاتما» ___ 400 مىڭ مو يەردە تەبىئىي توغراق ئورمىنى بار. توغراقلىق تارىم دەرياسى ۋادىسىنى تىپىك چۆللۈك ئورمان چىملىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى تىپى، يۇقىرى ئېقىنىدىكى دەريا جىلغىسى، تۆۋەن ئېقىندىكى دەريا قىنىغا تەكشى تارقالغان. توغراق ئورمان قۇرۇلمىسى نىسبەتەن ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن كۈچلۈك زونالىق ئېكولوگىيەلىك قىممىتىگە ئىگە.
شىنجاڭ بۈگۈر ناھىيەسى نىڭ جەنۇبى قۇملۇق تاشيولى 70 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى شىنجاڭدىكى توغراق ئورمىنىنىڭ ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە 1200 ئورمان باغچىسى ئىچىدىكى بىردىنبىر قۇملۇقتىكى توغراق ئورمان باغچىسى، تاماشا قىلدىغان ۋاقىتلىرى بولسا 10-ئاينىڭ 20-كۈنلىرىدن 11-ئاينىڭ باشلىرىغىچە.
ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە، دۇنيادىكى توغراق مۇتلەق كۆپ قىسمى جۇڭگودا ئۆسىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسى %90 تىن ئارتۇق توغراق ئۆسىدۇ. تارىم توغراق ئورمىنى مەنزىرە رايونى تارىم دەرياسىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى توغراق مەنزىرىسى، قۇملۇق مەنزىرىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ئىپتىدائىي توغراقلىق مۇھاپىزەت رايونى دىيىشكە بولىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.