قىزىل بويۇن بۇلبۇل

قىزىل بويۇن بۇلبۇل

قىزىل بويۇن بۇلبۇل جۇڭگو نىڭ قىممەتلىك قەپەزدە بېقىلىدىغان قۇشى. يەنە بىر ئىسمى قىزىل بوغۇز بۇلبۇل، ھاشارەتخور قۇش. 

ئۇيغۇرچە نامى قىزىل بويۇن بۇلبۇل
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى بۇلبۇل ئۇرۇقدىشى
لاتىنچە ئىلمىي نامى Luscinia calliope
خەنزۇچە ئاتىلىشى 红点颏
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
ئائىلىسى تۇردۇس ئائىلىسى
تۈرى قىزىل بويۇن بۇلبۇل
پىنيىنچە يېزىلىشى hóng diǎn kē

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قىزىل بويۇن بۇلبۇلقىزىل بويۇن بۇلبۇلنىڭ يەنە بىر ئىسمى قىزىل بوغۇز بۇلبۇل. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 14 ~ 17 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 16 ~ 27 گرام. ئەركەك قۇش باش قىسمى، يۇقىرىقى گەۋدە قىسىمى ئاساسلىقى زەيتۇن رەڭدە. قاش سىزىقى ئاق رەڭلىك. ئېڭەك، بوغۇز قىسمى قىزىل رەڭدە، ئەتراپىدا قارا رەڭلىك تار سىزىقچىلار بار. كۆكرەك قىسمى كۈل رەڭ، قورساق قىسمى ئاق رەڭدە بولىدۇ. چىشى قۇشنىڭ ئېڭەك، بوغۇز قىسمىدىكى يوللىرى ئاق رەڭلىك. رەڭدار پەردىسى قوڭۇر رەڭدە. تۇمشۇقى قارامتۇل قوڭۇر بولىدۇ. پۇت رول ئوينايدۇ. 

قىزىل بويۇن بۇلبۇل خاراكتېرلىك كۆچىدىغان پەسىل قۇشلىرى تۈرىگە تەۋە، ئورمانغا يوشۇرۇنغان، ئادەتتە ئېرىقلارغا يېقىن جايلارغا جايلاشقان. سەكرەيدۇ ياكى ئەتراپتا يەر يۈزىدە يۈگىرەيدۇ، كۆپلىرى سۇ يەر يۈزىگە يېقىن جايلاشقان. ئاۋازى ناھايىتى يېقىملىق ھەم مۇڭلۇق. دائىم تۈزلەڭلىك، قومۇش ۋە كىچىك ئورمان ئىچىدە پائالىيەت قىلىدۇ، يېنىك سەكرەيدۇ ھەرىكىتى جانلىق. ھاشارەتخور قۇش، ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ئاساسلىقى تۈز قاناتلىقلار ئەترىتى، يېرىم قاناتلىقلار ۋە پەردە قاناتلىقلار ئەترىتى قاتارلىق ھاشاراتلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، يەنە ئاز مىقداردىكى ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ. سىبىرىيە، موڭغۇلىيە، ياپونىيە، چاۋشيەن، ھىندىستان، بېنگال، بىرما، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلى، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە تەيۋەن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. 

كۆك بويۇن بۇلبۇل، جىگدىچى بۇلبۇل ئۈچ ئاچا-سىڭىل دەپ ئاتىلىدۇ، جۇڭگونىڭ قىممەتلىك قەپەزدە بېقىلىدىغان قۇشى.

قىزىل بويۇن بۇلبۇلقىزىل بويۇن بۇلبۇلنىڭ ئەركىكىنىڭ پەيلىرى كۆپىنچە ساپ زەيتۇن رەڭدە، ماڭلىيى ۋە بېشىغا بىر قەدەر تۇتۇق قوڭۇر رەڭ يۇقۇپ قالغان بولۇپ، قاش ۋە مەڭز سىزىقچىلىرى ئاق، كۆزىنىڭ ئالدى، يۈزى قارا، قۇلاق پېيى زەيتۇن رەڭدە، بەزىدە سەل ئىنچىكە سۇس قوڭۇر رەڭلىك ۋە قوڭۇر ئاق رەڭلىك پەي غول سىزىقچىلىرى بولىدۇ. ئىككى قانىتى بىلەن قاپلانغان پەيلىرى ۋە ئۇچۇش پەيلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە، باشقا پەينىڭ تۈكچىللىرى پەي گىرۋىكى قوڭۇر رەڭلىك. قۇيرۇق پەيلىرى زەيتۇن رەڭ سەل سېرىق ئارىلاشقان قوڭۇر، قۇيرۇق پېيى قارامتۇل قوڭۇر، سۇس قوڭۇر رەڭلىك پەيلىرى بار. گەۋدە ئاستى ئېڭەك، بوغۇز يوللىرى بار، ئەتراپى قارا، كۆكرىكى كۈل رەڭ قوڭۇر، قورسىقى ئاق، بەزىلىرى سۇس قوڭۇر سېرىق رەڭلىك، ئىككى بېقىنى ۋە قويرۇقىنىڭ ئاستىدىكى قىسقا پەيلىرى قۇم قوڭۇر ياكى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. 

ئەركەك قۇش، چىشى قۇشنىڭ پېيىنىڭ رەڭگى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن ئېڭەك، بوغۇز قىسمى ئۈچۈن يوللىرى بار ھەم ئاق، كۆكرەك قۇم قوڭۇر، قاش ۋە مەڭز سىزىقلىق سۇس سېرىق ھەم كۆرۈنەرلىك ئەمەس. قېرى چىشى قۇشنىڭ ئېڭەك، كېكىردەك ھەممىسى قىزىل رەڭلىك ئەركەك قۇش بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. 

رەڭدار پەردىسى قوڭۇر ياكى قارامتۇل قوڭۇر بولىدۇ، قۇشنىڭ تۇمشۇقى قارا قوڭۇر ياكى قارامتۇل قوڭۇر، تۈۋى بىر قەدەر سۇس، سېرىق رەڭلىك بولىدۇ.

چوڭ كىچىكلىكى: ئېغىرلىقى ♂16 ~ 27 گىرام، ♀15 ~ 23 گىرام، تەن ئۇزۇنلىقى ♂135 ~ 178 مىللىمېتىر، ♀127 ~ 160 مىللىمېتىر، تۇمشۇقى ♂10 ~ 14 مىللىمېتىر، ♀11 ~ 14 مىللىمېتىر، قانىتى ♂69 ~ 81 مىللىمېتىر، ♀67 ~ 75 مىللىمېتىر، قۇيرىقى ♂67 ~ 75 مىللىمېتىر، ♀ 71 ~ 50 مىللىمېتىر، تاپان سۆڭىكى ♂26 ~ 32 مىللىمېتىر، ♀25 ~ 30 مىللىمېتىر (♂ ئەركەك، ♀ چىشى).

قىزىل بويۇن بۇلبۇلقىزىل بويۇن بۇلبۇل ئاساسلىقى، تۈزلەڭلىكلەردىكى پەس تاغلىق، ئېدىرلىق ۋە تاغ باغرىدا، كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەر بىلەن ئارىلاش ئورمان ئىچىدە، يەنە تۈزلەڭلىكلەردىكى بۈك قومۇشلۇق ياكى ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا ياشايدۇ، بولۇپمۇ ئېقىن قاتارلىق سۇغا يېقىن جايلاردا ياشايدۇ. يەردە ياشايدىغان قۇش بولغانلىقى ئۈچۈن كۆچۈش مەزگىلىدە، ئاسانلا يۇقىرى بولغان قۇرۇق ئوت-چۆپلەر ئارىسى، بۇغدايلىق، كۆك پۇرچاق، قوناقلىق ئېتىز، كېۋەزلىك، قوناقزارلىق ياكى يېقىن قومۇشلۇق كۆللەردە ئۇلارنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىدە يەنە كۆكەرتىش بەلبىغى ياكى ئورمان ۋە مېۋىلىك باغلاردا ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. دائىم سۇدىن يىراققا ئايرىلىپ كۆچمەيدۇ، تاغلىق ياكى ئويمانلىقلاردا ناھايىتى ئاز، تۈزلەڭلىك ۋە دېڭىز ياقىسىدا كۆپرەك، كۆچكەندە جۇڭگودا، شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكى ۋە دېڭىز بويى رايونلىرىدا كەڭ كۆلەمدە كۆرۈلىدۇ.

كۆچۈشى

قىزىل بويۇن بۇلبۇل كۆچىدىغان قۇش ئۇرۇقدىشى، يازدا جۇڭگونىڭ ئەڭ شىمالدا كۆپىيىدۇ، كۈزنىڭ ئاخىرى جۇڭگونىڭ ئەڭ جەنۇبىغا كۆچۈپ قىشلايدۇ. 

ھەرىكىتى

قىزىل بويۇن بۇلبۇل يەردە ياشايدىغان پەسىل قۇشى بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ چوڭ ھەرىكىتى يوق، لېكىن يەر يۈزىگە تېز سۈرئەتتە يۈگىرەلەيدۇ. 

ئوزۇقلىنىشى

قىزىل بويۇن بۇلبۇل ئاساسەن ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ئاز مىقداردىكى ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ. ئاساسلىق تۈز قاناتلىقلار ئەترىتى، يېرىم قاناتلىقلار ۋە پەردە قاناتلىقلار ئەترىتى قاتارلىق تۈردىكى ھاشاراتلەرنى  ئوزۇق قىلىدۇ.

سايرىشى

قىزىل بويۇن بۇلبۇلنىڭ ئەركەك چىشىسىنىڭ پەي رەڭگى چىرايلىق، ھەم سايراشقا ئۇستا، ئادەتتە سەھەردە، كېچىدە سايرايدۇ، ئاۋازى مۇڭلۇق ھەم ئىنچىكە يۇمشاق، گۈزەل لىرىك، ناھايىتى يېقىملىق. 

قىزىل بويۇن بۇلبۇلئەسلى جايى: بۇتان، كامبودژا، جۇڭگو، شياڭگاڭ، ھىندىستان، ياپونىيە، قازاقىستان، چاۋشيەن خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، كورېيە، لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، موڭغۇلىيە، بىرما، نىپال، فىلىپپىن، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، تايلاند، ۋيېتنام

ئۆتكۈنچى قۇشلار: بىرۇنېي دارۇسسالام دۆلىتى، كانادا، دانىيە، مىسىر، فىنلاندىيە، گېرمانىيە، ئىسلاندىيە، ئىتالىيە، مالايسىيا، پاراۋ، شۋېتسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا

كۆپىيىشى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن گەنسۇنىڭ جەنۇبى ۋە سىچۈەنگىچە. قىشتىن ئۆتۈشى جۇڭگونىڭ جەنۇبى، تەيۋەن ۋە خەينەن ئارىلى غىچە. رايون خاراكتېرلىك بولمىغان ئاز ئۇچرايدىغان قۇش.

قىزىل بويۇن بۇلبۇلنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى 5 ~ 7 ئاي، كۆپىيىش مەزگىلىدە مۇڭلۇق ئاۋازىنى دائىم سەھەردە، قاش قارايغاندا، ھەتتا ئايدىڭ كېچىدە ئاڭلىغىلى بولىدۇ. يەنە چاتقال ياكى ئوت-چۆپ ، دەرەخزارلىق دالدا يەر يۈزىدە، ياۋا ئوت-چۆپلەر، يۇمران يىلتىز، خازان قاتارلىق ماتېرىياللاردىن تەركىب تاپقان ئېللىپس شەكىللىك ئۇۋا ياسايدۇ، ئۇۋا ئۈستىنى يۇمىلاق شەكىلدە ياپىدۇ، ئادەتتە چاڭگىسىنىڭ يان تەرەپتە بىر كىرىش-چىقىش ئېغىزى بولىدۇ. ئۇۋا ئەتراپىنى قويۇق چاتقال ياكى ئوت-چۆپلەر بىلەن قوغدايدۇ، ئاسان باشقىلار تەرىپىدىن بايقالمايدۇ. ھەربىر ئۇۋىغا 4 ~ 5 تال توخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمى پارقىراق كۆكۈچ يېشىل، تۇخۇم بېسىش ۋاقتى تەخمىنەن 13 ~ 14 كۈن بولىدۇ. چۈجىلىرى كېچىكىپ يېتىلىدۇ، ئەركەك-چىشى قۇش بىللە چۈجە چىقىرىدۇ، چۈجىسىنىڭ چاڭگا مەزگىلى 31 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ.

قىزىل بويۇن بۇلبۇلقىزىل بويۇن بۇلبۇلنىڭ تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، جانلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئاجىز، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان كىرتىك قىممەت ئۆلچىمىگە يېقىنلاشمىغان( تارقالغان رايونلار ياكى تەۋرىنىش دائىرىسى 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن كىچىك، ياشاش سۈپىتى، تۈر توپى كۆلىمى رايونلارغا پارچە-پۇرات تارقالغان)، تۈر توپىنىڭ سانى تۇراقلىق، شۇڭا يوقىلىش خەۋىپى يوق جانلىق تۈرى دەپ قارالغان.

قىزىل بويۇن بۇلبۇل «دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» (IUCN) قىزىل تىزىملىك 2013-يىلىدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرگە كىرگۈزۈلگەن 3.1 ver — خەتىرى تۆۋەن (LC).[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#