دېڭىز-ئوكيان

دېڭىزئوكيان

دېڭىز بولسا ئوكياننىڭ قۇرۇقلۇققا تۇتاشقان ياكى قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرگەن بىر بۆلىكى، سۈيى تۇزلۇق بولىدۇ. ئوكيان بولسا يەر شارى يۈزىنىڭ سۇ بىلەن يېپىلغان كەڭ ئورۇنلىرى بولۇپ، يەر شارىنىڭ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى دېڭىز-ئوكيان
چەتئالچە نامى The marine/sea/ocean/mare/profound
خەنزۇچە نامى 海洋
باشقا نامى دېڭىز، ئوكيان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېڭىز بولسا ئوكياننىڭ قۇرۇقلۇققا تۇتاشقان ياكى قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرگەن بىر بۆلىكى، سۈيى تۇزلۇق بولىدۇ. مەسلەن: بالتىق دېڭىزى، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى، ياۋروپادىكى قارا دېڭىز، ئاسيادىكى قىزىل دېڭىز، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى قاتارلىق.

ئوكيان بولسا يەر شارى يۈزىنىڭ سۇ بىلەن يېپىلغان كەڭ ئورۇنلىرى بولۇپ، يەر شارىنىڭ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. يەر شارىدا تىنچ ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، ھىندى ئوكيان ۋە شىمالىي مۇز ئوكياندىن ئىبارەت تۆت ئوكيان بار. 

دېڭىزئوكيانيەر شارىدىكى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ كۆلىمى قۇرۇقلۇق كۆلىمىدىن كۆپ ئارتۇق. ئەگەر پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغان تىنچ ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، ھىندى ئوكيان ۋە شىمالىي مۇز ئوكياننى، يەنە چوڭ-كىچىك سانسىزلىغان دېڭىزلارنى، مەسىلەن، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى، ياۋروپادىكى قارا دېڭىز، بالتىق دېڭىزى، ئاسيادىكى قىزىل دېڭىز، جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى قاتارلىقلارنى قوشقاندا، ئۇلارنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى يەر شارى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 71 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنداقتا، ھەممىسى ئوخشاشلا تۇزلۇق دېڭىز سۈيى تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بەزىسى ئوكيان، بەزىسى دېڭىز دەپ ئاتىلىدۇ؟ دېڭىز بىلەن ئوكيان بىر گەپمۇ؟

ئەسلىدە، گېئوگرافىيىدە دېڭىز بىلەن ئوكياننى پەرقلەندۈرشنىڭ ئاساسلىق ئۆلچىمى مۇنداق: بىرىنچىدىن، ئۇلارنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراق-يېقىنلىقىغا قارىلىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر قەدەر يىراق، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، سۇ رەڭگى ئالاھىدە قېنىق بولغان جايلار ئوكيان دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرۇقلۇققا يېقىن، كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك، سۇ رەڭگى سۇس بولغان جايلار دېڭىز دەپ ئاتىلىدۇ. مۇشۇ ئۆلچەمگە ئاساسلانغاندا، شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، تىنچ ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان، ھىندى ئوكيان ۋە شىمالىي مۇز ئوكيانلارنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ بىر قەدەر يىراق، شۇڭا «ئوكيان» دەپ ئاتاش ئۆلچىمىگە توشىدۇ. مەسىلەن، تىنچ ئوكياننى ئالساق، ئۇنىڭ كۆلىمى يەر شارىدىكى بارلىق قۇرۇقلۇقنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. كۆلىمى ئەڭ كىچىك بولغان شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ كۆلىمى 13 مىليون كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ئۇ ياۋروپا قىتئەسى بىلەن ئوكيانىيىنىڭ قۇرۇقلۇق كۆلىمىدىنمۇ چوڭ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#