چىڭ سۇلالىسى

چىڭ سۇلالىسى - نۇرخاچ

مىلادىيە 1644-يىل 5-ئاينىڭ 28-كۈنى لى زىچېڭ 200 مىڭ كىشىلىك دېھقانلار قوشۇنىنى باشلاپ شەنخەيگۇەن بوسۇغىسىدا سەپ تۈزۈپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ باش بۇغى ۋۇ سەنگۇي بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. جەڭ شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا، توساتتىن مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئۆرۈمە چاچلىق چىڭ قوشۇنى يوپۇرۇلۇپ چىقىپ، دېھقانلار قوشۇنىنى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. ئەسلىدە، ۋۇ سەنگۇي ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇنلا چىڭ قوشۇنلىرىغا تەسلىم بولۇپ، چىڭ قوشۇنلىرىنى شەنخەيگۇەندىن باشلاپ كىرگەنىدى.

چىڭ قوشۇنلىرى غەلىبە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بېيجىڭنى ئىگىلەپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى تارتىۋېلىپ، جۇڭگودا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىدى.

ئۇيغۇرچە نامى چىڭ سۇلالىسى
خەنزۇچە نامى 清朝
ئاساسلىق مىللىتى خەنزۇ، مانجۇ، مۇڭغۇل، خۇيزۇ
ئاساسلىق دىنى لاما دىنى، بۇددا دىنى
مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى قارا دىۋان، ئالتە ۋازارەت
ئەلباشى نۇرخاچ، قونتەيجى،كاڭشى، يۇڭجېڭ،چيەنلۇڭ
نوپۇسى 436 مىليون
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا
پايتەختى بېيجىڭ
سايلام تۈزۈمى ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىڭ سۇلالىسى خان جەمەتىنىڭ فامىلىسى ئەيشىن كورو، مانجۇ مىللىتىدىن. مانجۇ مىللىتى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇرجىتلار دەپ ئاتالغان، ئەيشىن كورو جەمەتى جيەنجۇ جۇرجىتلىرىغا تەۋە بولۇپ، ھازىرقى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنبىڭ ناھىيىسى ئەتراپىدا ياشايتتى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، نۇرخاچ جۇرجىت قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈردى، 1616-يىلى كېيىنكى جىن سۇلالىسىنى قۇرۇپ، مىڭ سۇلالىسى پادىشاھىغا ئىتائەت قىلمايدىغان بولدى. ئۇنىڭ ئوغلى قونتاجى سەددىچىن سېپىلىنىڭ سىرتىدىكى كەڭ رايونلارنى ئىگىلەپ، دۆلەت نامىنى چىڭغا ئۆزگەرتتى. چىڭ قوشۇنلىرى شەنخەيگۇەندىن كىرگەندىن كېيىن، جۇڭگودا چىڭ سۇلالىسىنىڭ 268 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى باشلاندى.

چىڭ سۇلالىسى تېررىتورىيەسىچيەنلۇڭ زامانىسىدا جۇڭگودا بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت مۇستەھكەملىنىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، زېمىنى شىمالدا سىبىرىيىگە، شەرقتە تىنچ ئوكيانغا، شەرقىي جەنۇبتا تەيۋەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارغا، جەنۇبتا نەنخەي تاقىم ئاراللىرىغا، غەربتە پامىر(كۆكئارت) غا، شەرقىي شىمالدا تاشقى ھىنگان تېغى، ساخالىن ئارىلىغا يېتىپ، ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. 

چىڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرىنۇرخاچ، قونتەيجى،كاڭشى، يۇڭجېڭ،چيەنلۇڭ

مانجۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا سەككىز خوشۇنلۇق تەشكىلىي قۇرۇلمىدا ياشايتتى. بۇ خىل سەككىز خوشۇنلۇق تۈزۈم ئىقتىسادىي، مەمۇرىي، ھەربىي ھوقۇقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل فۇنكسىيىگىمۇ ئىگە بولۇپ، خوشۇندىكىلەر ئادەتتە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەسكەر بولاتتى. سەككىز تۇغلۇق خوشۇن ۋە خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان يېشىل بارگاھلىق قوشۇن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاساسىي لەشكىرىي كۈچى ئىدى. سەككىز تۇغلۇق خوشۇننىڭ كۆپ قىسمى پايتەخت بېيجىڭنىڭ ئىچى-سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى، قالغانلىرى ھەرقايسى شەھەرلەرنى قوغداشقا قويۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى كونترول قىلاتتى.

چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن مۇستەبىت ھاكىمىيەت مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكىدىنمۇ كۈچەيدى. دۆلەتنىڭ زور ھەربىي ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي پادىشاھ ئۆزى بىر تەرەپ قىلاتتى، جايلاردىكى ھەربىي، مەمۇرىي سەردارلارمۇ بىۋاسىتە پادىشاھنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇناتتى. ھۆكۈمرانلار بىر تەرەپتىن ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئۆزىگە قارىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئالاھىدە ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى ئارقىلىق تەشرىپدارلارنى تاللاشنى يولغا قويدى. يەنە بىر تەرەپتىن كەڭ كۆلەمدە يېزىق سورىقى ئېلىپ بېرىپ، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئىدىيىسىنى قاتتىق تەقىب قىلدى.

چىڭ سۇلالىسىكاڭشى، يۇڭجېڭ، چيەنلۇڭ پادىشاھلارنىڭ زامانلىرىدا، ھۆكۈمرانلار قايتا-قايتا بوز يەر ئېچىش پەرمانى جاكارلىدى ھەمدە بوز يەر ئېچىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتنى يەرلىك ئەمەلدارلارنى تارتۇقلاش ياكى جازالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلدى. خوشۇنغا قاراشلىق جايلاردىكى قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ خوشۇندىن چىقىپ ئاددىي پۇقرا بولۇشىغا رۇخسەت قىلىپ، بۇرۇنقى يانچىلىق تۈزۈمىدىكى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتنى بىكار قىلدى، ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ھۈنەرۋەنچىلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىپ، تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنىڭ قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشىغا رۇخسەت قىلدى. زور كۈچ چىقىرىپ دەريا ئېقىنلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، دېڭىز توسمىسى ياساش ئارقىلىق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى ۋە مەھسۇلات مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. مەملىكەت ئىچىدە يېڭىدىن گۈللەنگەن بىر تۈركۈم شەھەرلەر بارلىققا كېلىپ، بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار شەكىللىنىشكە باشلىدى. يىپەك توقۇمىچىلىق، پاختا توقۇمىچىلىق، قەغەزچىلىك، مېتال تاۋلاش قاتارلىق تارماقلاردا قول سانائەت ئىشخانىلىرى كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەندى. سودا كاپىتالى ئېشىپ، دەللال سودىگەرلەر كۆپىيىپ، كاپىتالىزم بىخلىرى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدى. تاشقى سودا پەيدىنپەي گۇاڭجۇ ئېغىزىغا مەركەزلەشتى، يىپەك، چاي، ساپال بۇيۇم قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ياۋروپا، ئامېرىكىلارغا ئېكسپورت قىلىندى. ئەپيۈن ئۇرۇشى ھارپىسىغىچە، جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى ئىزچىل ئاكتىپ بالانىسلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. بىراق، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى بېكىنمىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، تاشقى سودىنى چەكلەش توغرىسىدا بىرنەچچە قېتىم يارلىق چۈشۈردى، مەملىكەت ئىچىدە يەنە تاموژنا توساقلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇپ، تاۋارلاردىن ئېغىر باج ئالدى، شۇنداقلا قول سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كۆلىمىنى چەكلەپ، كاپىتالىزم بىخلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى.

چىڭ سۇلالىسىكاڭشى، چيەنلۇڭ پادىشاھلار چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا ئالتە قېتىمدىن بېرىپ، مانجۇ-خەنزۇ بىرلەشمە ھاكىمىيىتىنى بەرپا قىلدى. ئۇلار موڭغۇل ۋاڭ-گۇڭلىرىغا ئېتىبار بېرىپ، موڭغۇلىيىدە بىرلەشمە خوشۇن تۈزۈمىنى يولغا قويدى؛ شىزاڭغا ئامبال ئەۋەتىپ، دالاي ۋە بەنچەنلەرگە ئوتۇغات نامى بېرىپ، بۇ جاينى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (7 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    57.1%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    28.6%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    14.3%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#