ئۆسۈملۈك، دەرەخ

قارىغاي

مەملىكىتىمىز خەلقى ئىچىدە «ئۆمرى نەنشەن تېغىدىكى قارىغايدەك ئۇزۇن» دەيدىغان ئوخشىتىش بار. بۇ، قارىغايلارنىڭ ئۆمرىنىڭ بىرقەدەر ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ گۈيشەن ناھىيەسىدىكى نەنشەن بۇتخانىسىنىڭ ئارقا سارىيىنىڭ غار ئېغىزىدىكى تىك ياردا 3000 نەچچە يۈز ياشلىق بىر تۈپ «قېرىماس قارىغاي» قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قارىغاي
تارقالغان رايونلار جۇڭگو شەرقى شىمال يەنە خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى كونىفېرىل تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى قارىغاي ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئىسمى 松树
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى كونىفېرىل سىنىپى
ئائىلىسى قارىغاي ئائىلىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

   قارىغايدا قەيسەرانە قارشىلىشىش روھى بولۇپ، «كۈچلۈك قارىغاي» دەپ مەدھىيىلىنىپ يۈكسەك پەزىلەت ۋە ئېسىل خىسلەتنىڭ سىمۋولى قىلىنىدۇ. خەينەن ئارىلىدىكى جەنۇبىي ئاسىيا قارىغىيى ℃65 لۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قاقلىنىپمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ؛ شەرقىي شىمالدىكى قىزىل قارىغاي ℃50 − لۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىمۇ توڭلاپ قالمايدۇ؛ ئوتلاق(نەم يەر) قارىغىيى 12 بال تەيفېڭ بورىنىدىمۇ يىقىلمايدۇ. يەنە ئۇزۇندىن داڭقى چىقىپ كەلگەن قىل يوپۇرماقلىق قارىغاي، خۇاڭشەن تېغىدىكى يىڭكېسۇڭ قارىغىيى(ساھىبخان قارىغاي) ، لۇشەندىكى پلائون(قىيا قارىغىيى) ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە دەرىخى بولغان سېرىق قارىغاي، ئاق قوۋزاقلىق قارىغاي، يۈننەن قارىغىيى، خەينەنداۋ قارىغىيى، قاتتىق قارا ئارچا، قىزىل پوست قارىغاي، پودوكارپۇس قارىغىيى، گۈزەل قارىغاي قاتارلىقلار جۇڭخۇا زېمىنىغا تارالغان. يولداش چېن يى جياڭشىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسىدە قالغاندا مۇنداق بىر شېئىر يېزىپ قالدۇرغان:

«ئاپئاق قار قاپلىسىمۇ قارىغاينى،

يېشىل تۇرۇپ پۈكمەيدۇ ھېچ قەددىنى، 

پاكلىق ۋە چىداملىقنىڭ تىمسالى ئۇ، 

تىك تۇرار ئۇ، قار كېتەر يۇتۇپ دەردىنى» .

پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 230 تۈردىن ئارتۇق قارىغاي بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرى شىمالىي يېرىم شارغا تارالغان، جۇڭگودا 115 تۈرى بار.

   قارىغايزارلىقتا ھايات كۈچى ئەڭ قەيسەر، ئۆسۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولىدىغان قىل يوپۇرماقلىق قارىغاي ئەڭ ئادەتتىكى ئورمان بىنا قىلىش دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. قىل يوپۇرماقلىق قارىغاي قارىغاي ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 40 مېتىرغا يېتىدۇ، غول دىئامېتىرى 2 مېتىر كېلىدۇ، يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسۈپ ئات قۇيرۇقىغا ئوخشايدۇ. كىسلاتالىق تۇپراقنى ياخشى كۆرىدۇ، يۇمران مايسىسىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، ئورمان بىنا قىلىنسىلا، نەچچە يىل ئۆتمەيلا قارىغاي شاۋقۇنى قۇلاققا ياقىدىغان، دېڭىزدەك دولقۇنلاپ تۇرىدىغان قارىغايزارلىققا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، مۇھىتنى كۆكەرتىشنىڭ ئاۋانگارت دەرىخى دېيىلىدۇ.

قىل يوپۇرماقلىق قارىغاينىڭ ياغىچىنىڭ ئۆرۈش سىزىقلىرى تۈز، ئېلاستىكلىقى بار بولۇپ، قۇرۇلۇش، كان تۈۋرۈكى، شىپال قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. غولىدىن سمولا(دېۋىرقاي) يىغىشقا بولىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ كانىفول(دېۋىرقاي) مەھسۇلاتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ %90 ى قىل يوپۇرماقلىق قارىغايدىن يىغىۋېلىنىدۇ. ياغىچى مايسىزلاندۇرۇلغاندىن كېيىن قەغەز ياساشقا بولىدۇ، يىڭنە يوپۇرماقلىرى ئۇچۇچان ماي، ۋىتامىن C ھەم تالا ئېلىشنىڭ ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. ئۇرۇقىدىن چىقىرىلغان ماينى يېمەكلىك مېيى قىلىشقا بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#