يەر شارىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى تۇنجى قېتىم ئۆلچىگەن ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەر شارى نىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئەڭ بۇرۇن كىم ئۆلچىگەن؟ تارىخىي ماتىرياللاردا يېزىلىشىغا قارىغاندا، قەدىمقى يۇنانلىق ئېرا توسفېن ئۆلچىگەن.

مىلادىدىن ئىلگىرى 240-يىلى 21-ئىيۇن چۈشتە، شىمالىي تروپىك سىزىقىغا جايلاشقان قەدىمقى سېن دېگەن مىسىر شەھىرىدە كۈن دەل ئادەمنىڭ چوققىسىغا چۈشكەن، قۇدۇق توسىقىنىڭ كۆلەڭگىسى چۈشمىگەن، تىك سىزىق بىلەن سىناق قىلغاندا، قۇياش نۇرى بىلەن تىك سىزىق ئۈستمۇ-ئۈست چۈشكەن. لېكىن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا سېن شەھىرىنىڭ شىمالىدا تەخمىنەن 800 كىلومېتىردىن ئارتۇقراق نېرىدىكى ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە بولسا، شۇڭا ئۇنىڭدىن كۆلەڭگە چۈشكەن. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ ئېرا توسفېن بۇ ھەقتە ئەستايىدىل ئويلىنىدۇ، ئەينى زاماندا كىشلەر يەرشارىنى ئومۇميۈزلۈك چاسا دەپ قارايتتى. ئېرا توسفېن: ئەگەر يەر شارى ھەقىقەتەن چاسا بولسا، يۇقۇرىقى ئەھۋالنى قانداق چۈشەندۈرگىلى بولسۇن؟ چوقۇمكى، يەر شارى ئەگرى بولغانلىقتىن شۇنداق بولغان، دەپ ئويلايدۇ. ئېرا توسفېن ئاخىر سانلىق ئاساسنى، يەنى يەرشارىنىڭ پېرىمېتىرى 46240 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى تاپقان. مەلۇمكى، ھازىر يەرشارى ئېكۋاتورىنىڭ ئۆلچەپ چىقىلغان پېرېمېتىرى 40075 كىلومېتىر كېلىدۇ. مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، ئېرا توسفېننىڭ سانلىق ئاساسى بۇنىڭدىن تەخمىنەن % 15 چوڭ، لېكىن ئەينى زاماندىكى شەرت-شارائىتتىن ئالغاندا، بۇ سانلىق ئاساسنى تېپىش ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. (دىڭ يىجۇڭ)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#