مورولار

مورۇلار

مورولار _____ ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبى خوشنىسى بولغان ئافرىقىدىكى موروككو-ماراكەش، ۋە ماۋرتانىيە دىگەن دۆلەت نامىمۇ مۇشۇ مورو دىگەن نامدىن كېلىپ چىققان.

ئۇيغۇرچە نامى مورولار
ئىنگىلىزچە نامى Moro
ئىتىقادى ئىسلام دىنى
تارقىلىشى فىلىپىننىڭ جەنۇبى
خەنزۇچە نامى 摩洛人
تىلى مالاي تىل سېستىمىسى بىسايان تىللار ئائىلىسىگە تەۋە
نوپۇسى 8مىليۇن230مىڭ (2007-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مورولار مورولار ماھىيەتتە فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولۇپ، ئىسپانىيىلىكلەر فىلىپپىنغا كەلگەندە بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسپانىيەنى بويسۇندۇرغان ئافرىقا قوشۇنلىرىغا ئوخشاش ئىبادەت ۋە تۇرمۇش شەكلى تۈپەيلى ئىسپانىيەلىكلەر فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ مورولار دەپ ئاتىغان( ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبى خوشنىسى بولغان ئافرىقىدىكى موروككو-ماراكەش، ۋە ماۋرتانىيە دىگەن دۆلەت نامىمۇ مۇشۇ مورو دىگەن نامدىن كېلىپ چىققان).

مورولار چوڭ جەھەتتىن ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان تاۋى-تاۋى ۋە پالاۋان تاقىم ئاراللاردىكى مالاي تىل سېستىمىسى بىسايان تىللار ئائىلىسىگە تەۋە تاۋسۇگ (نوپۇسى بىر مىليۇن) قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن  باسلان ئارىلىدىكى مېسو تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە ياكان (200 مىڭ)، ساما (550 مىڭ) قاتارلىق مىللەتلەر ۋە مىندانائو چوڭ ئارىلىدىكى  جەنۇبى فىلىپپىن تىل ئائىلىسىگە تەۋە ماگۇنداناۋ (بىر مىليۇن 820 مىڭ)، ماراناۋ(نوپۇسى بىر مىلىيۇن 50 مىڭ)، مىنداناۋنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى سۇبانۇن (نوپۇسى 370 مىڭ)، سۇلۇ (نوپۇسى 200 مىڭ) قاتارلىق چوڭراق مىللەتلەر ۋە نوپۇسى يۈز مىڭغا توشمايدىغان 20 دىن كۆپ  قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئون نەچچە مىللەتنى كۆرسىتىدىغان مىللەتلەر تۈركۈمى

 مالاي، ئەنگىلىز ۋە ئەرەب تىللىرى بۇ رايونلاردا مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ. 

تارقىلىشى 2007-يىلىدىكى سىتاتىسكىدا فىلىپپىندىكى مورولارنىڭ جەمى نوپۇسى 8مىليۇن230مىڭ بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايونىدىن باشقا يەنە مىندانائو ئارىلىسىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە ۋە  پالاۋان قاتارلىق جەنۇپتىكى ئاراللارغا تارقالغان. مورولارنىڭ مالايسىيا ۋە ھىندونوزىيەدىكى مىللەتلەر بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار.

    مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مورولار ئىلگىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە مورو مىللى ئازاتلىق فىرونتى «مورو جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشنى نىشان قىلغان مىندانائو ۋە پالاۋان ئارىلىنىڭ 21 مىليۇن نوپۇسىدا مورولار %31 نى ئىگەللەيدۇ. 

تارىخى    مورولار ياشىغان رايون تارىختا بىرۇنىي سۇلتانلىقى، سۇلۇ سۇلتانلىقى ۋە ماگىنداناۋ سۇلتانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ئامېرىكا كېلىشتىن بۇرۇن ئاساسەن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن نىسبى مۇستەقىل ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ ئىسپانىيە كاتولىك مەدەنىيىتى مورولارغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. ئامېرىكا فىلىپپىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە گەرچە يەرلىك سۇلتانلارنىڭ ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ ئەمما سۇلتان جەمەتى يەنىلا دىنى داھىلىق ئورنىنى ساقلاپ قالغان.

    مورولار مول بېلىقچىلىق ۋە دېڭىز قاتنىشى سودا تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت تىپىغا ئىگە.[2][1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

2.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/688940.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#