ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى

ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى

ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى 1922-يىلى قۇرۇلغان. BBC قىسقارتىلما ئىسمى. ئۇنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى، ئىلغار ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرى بار.

ئۇيغۇرچە نامى ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى
قىسقارتىلما نامى BBC
باش شىتابى ئەنگىلىيە
خىزمەتچى سانى 23 مىڭ ئادەم
ئىگىلىكى ئاممى تاراتقۇ
ئىنگىلىسچە نامى British Broadcasting Corporation
قۇرۇلغان ۋاقتى 1922-يىلى
شىركەت خارەكتىرى رادىئو شىركىتى
كەسپى رايونلىرى دۇنيا مىقياسىدا
مەھسۇلاتى تور، رادىئو، تىلىۋىزىيە قاتارلىقلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

BBCBritish Broadcasting Corporationئەنگلىيە رادىئو شىركىتى 1922-يىلى قۇرۇلغان. BBC قىسقارتىلما ئىسمى. ئۇنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسى، ئىلغار ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرى بار. BBCBritish Broadcasting Corporation نىڭ قىسقارتىلمىسى BBC .

ئۇ دەسلەپتە ئالتە چوڭ سىمسىز رادىئو شىركىتى ۋە ئېلېكتر سايمانلىرى ياساش شىركىتىنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان ۋە شۇ يىلى11-ئايدا تۇنجى قېتىم ئاڭلىتىش بەرگەن. 1927-يىلى جامائەت كارخانىسىغا ئۆزگەرتىلىپ، كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى تەيىنلىگەن مۇدىرىيەت ئىگىدارچىلىق قىلغان. 

خىراجىتى تېلېۋىزورى، رادىئوسى بارلار تۆلەيدىغان نومۇر ھەققى ۋە ھۆكۈمەت بېرىدىغان مالىيە قوشۇمچە ياردىمىدىن كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ شىركەت نامدا «مۇستەقىل» ، تىجارەتتە «ئەركىن» بولغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە تىزگىنلەش ھوقۇقى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئاڭلىتىشىنى خالىغان ۋاقىتتا توختىتىپ قويالايدۇ.BBC ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلانلارنى ياكى ياردەم بېرىلىدىغان پروگراممىلارنى ئاڭلىتالمايدۇ، ئېقىم مەسىلىلىرى ۋە جامائەت ئىشلىرى سىياسىتى توغرىسىدا ھېچقانداق پىكىر بايان قىلالمايدۇ. BBC نىڭ ئەنگلىيىنىڭ ئۆزىدە ئاڭلىتىش بېرىدىغان تۆت تورى، سىرتقا قارىتىلغان ئىككى رادىئو-تېلېۋىزىيە تورى بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا ھەر كۈنى40 نەچچە خىل تىلدا جەمئىي100 سائەتتىن ئارتۇق ئاڭلىتىش بېرىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، تىڭشىغۇچىلىرى 100 مىليوندىن ئاشىدۇ. BBC رەڭسىز تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى سىناق تەرىقىسىدە كۆرسىتىشنى1929-يىلىلا باشلىغان، 1936-يىلى11-ئايدا «ئەنگلىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» قۇرغان، 1967-يىلى ياۋروپادا تۇنجى بولۇپ رەڭلىك تېلېۋىزىيە پروگراممىسى كۆرسەتكەن.


  • BBC

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

BBC

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#