شىنجاڭ سودا مەكتىپى

 1980-ۋە 1994-يىللىرى مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم قىلىپ بېكىتىلگەن. 1999-ئەنگلىيە شىمىس سودا ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇپ، شىنجاڭ شىمىس خەلقئارالىق سودا ئىنستىتۇتىنى قۇرغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ سودا مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1989-يىلى
خەنزۇچە نامى 新疆商业学校
مەكتەپ تۈرى كەسپى مەكتەپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1959-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلۇپ، 1961-يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىگە كۆچۈرۈلۈپ، قەشقەر مالىيە مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭ سودا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1962-يىلى مەكتەپ تاقىۋېتىلگەن. 1964-يىلى 9-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ سودا مەكتىپى قايتا قۇرۇلغان. 1965-يىلى مەجبۇرىي تاقىۋېتىلگەن. 1973- يىلى قايتىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، 1980-ۋە 1994-يىللىرى مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم قىلىپ بېكىتىلگەن. 1999-ئەنگلىيە شىمىس سودا ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇپ، شىنجاڭ شىمىس خەلقئارالىق سودا ئىنستىتۇتىنى قۇرغان. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىگە تەۋە. ئوقۇتۇش خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

سودا بوغالتىرلىقى، بازار مۇلازىمىتى، خەلقئارا سودا، مېھمانخانا مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش، كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋە سودىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، سودا بېزەكچىلىكى، بوغالتىرلىق تىجارىتى قاتارلىق توققۇز كەسىپ تەسىس قىلغان.

 مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 40333 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 26000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، كومپيۇتېر ئىشخانىسى، بوغالتىرلىق تەقلىدى تەجرىبىخانىسى، ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش ئۆيى، تىل ئۆيى، يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور سىنىپى ۋە مەكتەپ تورى قاتارلىقلارنى قۇرغان. كۇتۇپخاندا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 13500 پارچىدىن ئارتۇق. 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 96 نەپەر ( ئالىي لىكتور 20 نەپەر، لېكتور 48 نەپەر) . ئوقۇغۇچى سانى 1636 نەپەر.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#