سرلانكا

سرىلانكا

ھىندى ئوكياندىكى سرىلانكا بىر گۈزەل ئارال دۆلەت. ئۇ خۇددى كۆك دېڭىز يۈزىدە لەيلەپ تۇرغان نېلۇپەر گۈلىگە، كۆك مەخمەل ئۈستىگە قادالغان گۆھەرگە ئوخشايدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى سىرىلانكا دېموكراتىك سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى سرىلانكا
پايتەختى سىرى جاياۋاردەناپورا-كوتتە
يەر مەيدانى 65610 كۋادرات كىلومېتىر
دۆلەت بايرىمى كۈنى 1948-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى
خەنزۇچە نامى 斯里兰卡民主社会主义共和国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا قىتئەسى
نوپۇسى 2064 تۈمەن (2014)
چەتئەلچە نامى The Democratic Socialist Republic of Sri Lanka
نۇپۇس زىچلىقى 315.8/ كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سرىلانكاھىندى ئوكياندىكى سرىلانكا بىر گۈزەل ئارال دۆلەت. ئۇ خۇددى كۆك دېڭىز يۈزىدە لەيلەپ تۇرغان نېلۇپەر گۈلىگە، كۆك مەخمەل ئۈستىگە قادالغان گۆھەرگە ئوخشايدۇ. سىرى لانكىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 434 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 225 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 65610 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

سرىلانكا بۇ تۇخۇم شەكلىدىكى ئارالدا ئالاھىدە بولغان تروپىك بەلۋاغ مەنزىرىسى، بۇددا دىنىغا دائىر ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەشھۇر جايلار بار بولۇپ، «ئېكۋاتوردىكى جەننەت» دېگەن نامى بار. سىرى لانكىنىڭ ئەسلى ئىسمى سېيلون، جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرىدا «شىر دۆلىتى» دەپ ئاتالغان، 1000 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ ئارال ئېكۋاتور ئەتراپىدا بولۇپ، شىمالدا پاللىك بوغۇزى ئارقىلىق ھىندىستان سۇب چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ شەرقىي ۋە غەربىي ھىندى ئوكيان دېڭىز يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەلگە جايلاشقان بولۇپ، «ھىندى ئوكياننىڭ ئاچقۇچى» دېگەن نامى بار.بۇ يەرنىڭ تۆت پەسلى ياز بولۇپ، يىل بويى كۆكىرىپ تۇرىدۇ. چاي، كاۋچۇك ۋە پالما—سىرى لانكىنىڭ «ئۈچ گۆھىرى» ھېسابلىنىدۇ. «سېيلون» قىزىل چېيى تەمىنىڭ تەملىك ھەم خۇش پۇراقلىقى بىلەن داڭلىق. سرىلانكا، جۇڭگو ۋە ھىندىستان دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ چاي ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتتۇر.

«سرىلانكا» دېگەن سۆز سانسكرىت تىلىدا «ياقۇت» دېگەن مەنىدە، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق قويۇلغان نام، چۈنكى ئارالنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىن جۇلالىنىپ تۇرغان ياقۇت قېزىۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، سرىلانكا قانۇنىدا: ھەرقانداق ئادەمنىڭ تېرىقچىلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن باشقا، ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز يەرلەرنى قېزىش ۋە ئاغدۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ قاتتىق بەلگىلەنگەن. سىرى لانكىدىن ياقۇت، قىزىل ياقۇت، كۆك ياقۇت، يېشىل ياقۇت قاتارلىق 22 خىل ياقۇت چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى «مۈشۈك كۆز ياقۇت» ئەڭ قىممەتلىكتۇر. ئۇنداق ياقۇت ئادەتتە ياپيېشىل ھەم سۈزۈك بولۇپ، كۈن نۇرىدا خۇددى مۈشۈك كۆزىدەك كۆرۈنىدۇ. گەرچە سرىلانكا بىر يېزا ئىگىلىك دۆلىتى بولسىمۇ، لېكىن يەنە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ياقۇت قېزىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ھەم ئۇنى ئېلىپ-سېتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ياقۇت سرى لانكىنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#