جامىس مېدىسون

جامىس مېدىسون

جامىس مېدىسون ـــ ئامېرىكىنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى. 1751-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى توغۇلۇپ، 1836-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋاپات بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جامىس مېدىسون
باشقا نامى جېم، ئاساسى قانۇن ئاتىسى
يۇرتى ۋىنگىرىيە ئوبلاستنىڭ كاڭ پورتى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1836-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى
كەسپى سىياسىيون، ئادۋوكات
خەنزۇچە ئاتىلىشى 詹姆斯·麦迪逊
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1751-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 164cm
پۈتتۈرگەن مەكتىپى پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جامىس مېدىسونپاكار بويلۇق تۆھپىكار، ئالاھىدە ئەقىل ئىگىسى جامىس مېدىسون ئامېرىكىنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى. ئۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەت قۇرغۇچى تۆھپىكارلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگۈچى. ئۇ ئاق سارايدا ئىككى نۆۋەتلىك پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

قەلبىدە ئۇلۇغۋار غايىلەرنى پۈككەن بۇ ۋېرگىنىيەلىك ياش جامىس مېدىسون ئەسلى دېھقانچىلىق مەيدانى خوجايىنىنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1751-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ۋېرگىنىيە شىتاتىدىكى بوۋىسىنىڭ ئۆيىدە دۇنياغا كەلگەن. مېڭتېبىلىدا ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا چوڭ بولغان. ئۇنىڭ ئالدىدا پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن جېففىرسوننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دېھقانچىلىق مەيدان خوجايىنى» بولغان.

ئۇنىڭ يۇرتى جېففىرسوننىڭ يۇرتى بىلەن ئىنتايىن يېقىن. ئېكىنزارلىقتىكى تۇرمۇش مېدىسوننىڭ يۈرىگىنى تۇتۇپ قالالمىغان. ساغلام ئۆسۈۋاتقان زىرائەتلەرگە قاراپ بولسىمۇ، ئۇ دادىسىنىڭ خوجايىنلىق سالاھىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى ئويلىمىغان.

18 ياشقا كىرگەندە ئۇ پىرېنسىتوندىكى يېڭى جېرسىي ئۇنۋېرستىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ھەمدە تارىخ ۋە سىياسەتكە ئالاھىدە قىزىقىپ قالغان. مېدىسون زامانىسىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ بويى ئانچە ئېگىز ئەمەس بولۇپ، ئەمما مېدىسوننىڭ بويى شۇ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىنمۇ بەك پاكار بولۇپ، بويى 1.60 مېتىرغا ئاران يېتەتتى، بەدەن ئېغىرلىقىمۇ 50 كىلوگرامدىن ئاشمىغان.

شۇ سەۋەبلىك ئۇ دائىم باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالغان.

ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىدە ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى جەلپ قىلغۇدەك ھېچنىمە يوق. ئەمما دەل بۇ پاكىنەك ئادەم ئۇزۇن ئۆتمەيلا كىشلەرگە ئۆزىنىڭ بوش ئادەم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغان. ئۇ 25 ياشقا كىرگەن چاغدىلا ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ ئاساسى قانۇن تۈزۈش خىزمىتىگە ئىشقا چۈشكەن ھەمدە ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ پالاتا ئەزاسى بولغان.

شۇڭلاشقا ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ سالاپەتلىك سىرتقى تۇرقى ئارقىلىق جان باققان ئەمەس، راست گەپنى قىلغاندا ئۇنىڭ بۇنداق قىلغۇدەك ھېچقانداق قىياپەت دەسمايىسىمۇ يوق، ئۇنىڭ سىياسى جەھەتتىكى ئۇتۇقى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئالاھىدە بولغان ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرگەن.

ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە بولغاندا، ئۇنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىسى، ئۇ پىرىزدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتتا «فېدراتسىيە ئاساسى قانۇنى» بىلەن «كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى»نى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشقان.

ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي نۇقتىئىينەزەرلىرىدىلا ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ سىياسىي ھاياتىدىمۇ ئۆزىنىڭ دوستى ۋە ئۇستازى جېففىرسونغا ئوخشاش. ئەمما ئۇنىڭ سىياسىي رەقىبلىرى، مېدىسون ھەقىقەتەنمۇ جېففىرسونغا قارىغاندا ئۇلۇغ شەخىس دەپ قارالغان.

جامىس مېدىسون1771-يىلى، مېدىسون پرىنسىتوننىڭ يېڭى جېسىي ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يۇرتى ۋېرگىنيەگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە شۇ يەردىكى سىياسى كۈرەشلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان. ئۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكىلىقلار ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتاتتى. ئۇ سىياسىي نەزەرىيلەرگە ئامراق ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان كىشى بولماستىن، ئەكسىچە ئەمەلىيەتچان بىر ياش بولغاچقا ئۇنىڭ دەل مانا مۇشۇنداق ئەمەلىيەتچانلىقى ئۇنى ئاستا-ئاستا سىياسى ساھەگە باشلاپ كىرگەن.

مېدىسون ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك جاچالىق تىرىشىشى ئارقىسىدا، بەش يىلدىن كېيىنكى 1776-يىلى ۋېرگىنىيەنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، ئەنگىلىيە جاھانگىر دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلغان. 25 ياشلىق مېدىسون ۋەتەنپەرۋەرلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان.

بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاي يېڭى بىر شىتات ھۆكۈمىتى قۇرۇش ئۈچۈن چاقىرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر قارالما ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ ئاساسى قانۇن تېزىسىنى تۈزۈش بولغان.

بىرىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا سايلىنىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇ جېففىرسون بىلەن ئۇچراشقان. جېففىرسون ناھايىتى تېزلا ئۆزىدىن ئالتا ياش كىچىك بۇ ياش مېدىسوندىكى ئەقىل پاراسەتنى بايقاپ ھەيران بولغان. تاشقى قىياپىتى ئادەتتىكىچە، ئاۋازىمۇ ئىنچىكە بۇ مېدىسون جېففىرسوننىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولۇپ قالغان.

ئەينى ۋاقىتتىكى جېففىرسونمۇ ئاللىبۇرۇن بىر داڭلىق شەخس بولۇپ قالغان. بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش بۇ ئىككىيلەننى ئۆمۈرلۈك دوستلۇققا ئېرىشتۈرگەن. ئەمما، ئىككىنچى نۆۋەتلىك شىتات قۇرۇلتىيىدا مېدىسون بەزىبىر ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇقۇپ، سايلىنالماي قالغان، ئادەتتە باشقا ئامېرىكىلىقلار ئۆزىنى سايلىغۇچىلارنى ئېسىل شاراپلار بىلەن مېھمان قىلاتتى، ئەمما مېدىسون بۇ تەرەپكە ئانچە كۆڭۈل بۆلەلمىگەچكە، ئۆزىمۇ بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا قۇرۇلتايغا قاتنىشىش سايلىمىدا مەغلۇب بولغان. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، شىتات باشلىقى ئۇنى پالاتاغا ۋەزىپىگە قويغان، كېيىن ئۇنىڭ دوستى جېففىرسون شىتات باشلىقى بولغان مەزگىلدە ئۇ ئوخشاشلا پالاتا خىزمىتىگە قاتناشقان.

جامىس مېدىسون1780-يىلىدىن 1783-يىلىغىچە، ئۇ ۋېرگىنىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەت پارلامېنتىغا قاتناشقان، يېڭىدىن ماقۇللىقتىن ئۆتكەن «فدراتسىيە قانۇن لايىھىسى»گە ئاساسەن پۈتۈن مەملىكەت ھۆكۈمىتى قۇرۇشقا يارددەملەشكەن. گەرچە ئىدىيە جەھەتتە جېففىرسوننىڭ دېموكراتىك تەشەببۇسىنى قوللىسىمۇ، ئەمما ئۇ كۈچلۈك بولغان مەركىزى ھۆكۈمەت قۇرۇشقا تېخىمۇ بەك مايىل بولغان.

مېدىسون فېدراتسىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇش جەھەتتىكى كۆز قارىشى جورجى ۋاشىنگتوننىڭ ئېتىبارىنى قوزغاپ، ئۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۈنگەن. مېدىسون ئانناپولىس يىغىنىغا قاتناشقان. بۇ قېتىملىق يىغىن مۇزاكىرە قىلغان شىتات خەلقئارا سودا مەسىلىسى بەكمۇ چوڭ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن، ئەمما مېدىسون ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى بۇ قېتىملىق يىغىننى ئامېرىكا تارىخىدىكى سىتىراتىگىيىلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى قىلغان. ئۇلار قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى ھەرقايسى شىتات ۋەكىللىرى قاتناشقان بىر قۇرۇلتاي چاقىرىپ، «فېدراتسىيە بەلگىلىمىلىرى»گە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە ماقۇل قىلدى. ۋاشىنگتون بۇ ھەرىكەتنى ئىنتايىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مۇبادا بىزنىڭ سىياسىي پىروگراممىمىز ئۆزگەرمەيدىكەن، ئۇنداقتا بىزنىڭ يەتتە يىللىق قان-تەر كۈرىشىمىز ئارقىلىق قۇرۇلۇپ چىققان يۇقىرى قاتلام قۇرۇلمىمىز ھامان ھالاك بولىدۇ».

ۋەكىللەر پېنسىلۋانىيەدە يىغىن ئېچىۋاتقاندا، 36 ياشلىق مېدىسون دائىملا بۇ يىغىننىڭ مۇنازىرىلىرىگە قاتناشقان، ھەمدە مۇنازىرىلەر داۋامىدا ئۆزىنىڭ قالتىسلىقىنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ خاتىرە قالدۇرۇشىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، كېيىنكىلەرگە ئىنتايىن تەپسىلىي بولغان ماتېرىياللارنى قالدۇرۇپ قويغان. بىر ۋەكىل مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «ھەر بىر كىشى ئۇنىڭ ئىنتايىن قالتىس ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلاتتى، ئۇ بىلىم دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ سىياسىيون ئىدى، شۇنداقلا بىر ئالىم ئىدى. يىغىندا، ھەربىر سىتىراتىگىيىلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئۇ دائىملا باشلامچىلىق رولنى ئالاتتى. گەرچە ئۇ تېخى بىر مۇنازىرىشۇناس بولمىسىمۇ، ئەمما ئالقىشلانغان ۋە كىشىنى قايىل قىلىدىغان ناتىق ئىدى.... ئۇ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرىغا قارىتا ھەممىنى ئېنىق بىلەتتى. ھەمدە فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىدىكى ھەرقانداق بىر ئادەمنى ياخشى چۈشىنەتتى».

كېيىنكى ۋاقىتلاردا، كىشىلەر ئۇنى ھۆرمەت بىلەن «ئاساسى قانۇن ئاتىسى» دەپ تىلغا ئالغان ۋاقىتتا، مېدىسون ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن، ئاساسى قانۇن ھەرگىزمۇ بىر كىشىنىڭلا تۆھپىسى ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، دەپ ئېيتقان.

مېدىسون ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىشى، ئامېرىكىنى ئاخىرى ئامېرىكا قىلىپ چىقتى، بۇ كىشىلەرمۇ شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ تۆھپىكارلىرىدىنبولۇپ قالدى. بۇ پاكار، ۋىجىك ئامېرىكىلىق، ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ شەخسى يەنى پىرىزدېنتى بولۇپ قالغان.

36 ياشلىق مېدىسون ئاساسى قانۇن پارلامېنت ۋەكىلى سۈپىتىدە پېنسىلۋانىيەدىكى ئاساسى قانۇن تۈزۈش چوڭ يىغىنىغا قاتناشقان، يىغىندا ئۇنىڭ ئوينىغان رولى مىسلىسىز بولدى، ئەينى ۋاقىتتىكى چوڭ يىغىن رەئىسى دەل ئامېرىكىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى ۋاشىنگتون ئىدى. ئەمما ئۇ چاغدا ۋاشىنگتون تېخى پىرىزدېنت بولمىغان.

مېدىسون يىغىن مەزگىلىدە ۋاشىگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغان، ھەمدە بارلىق مەخپىي يىغىنلاردا مۇزاكىرە قىلىنغان ئەھۋاللارنى تولۇق خاتىرىلەپ، كېيىنكىلەرگە ئىنتايىن قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ يېڭى فېدراتسىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇكەممەل بولغان پىلان ــــ «ۋېرگىنىيە لايىھىسى»نى تۈزۈپ بەرگەن. مېدىسون ئىلگىرى كۆپ قېتىم چوقۇم خەلق ئارىسىدىن پارلامېنت شەكىللىنىشى كېرەك، چۈنكى بۇ دېموكراتىك ھۆكۈمەت قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دېگەن، بۇ «ئاساسى قانۇن» 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىنىشقا قارار قىلىنغان.

بۇ قېتىملىق يىغىن يېپىلىش ئالدىدا، مېدىسون ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى فېدراتسىيە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى تۈزۈپ بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر فدراتسىيە تۈزۈمىنى تېخى قوللىمىغان. مېدىسوننىڭ بۇ ھۆججەتلىرى ئالدى بىلەن نيۇيوركتىكى بىر قانچە ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان، كېيىن 1788-يىلى يىغىپ توپلىنىپ كىتاپ قىلىپ چىقىرىلغان. مانا بۇ مەشھۇر بولغان «فدراتسىيىزىم ھىمايىچىلىرى»دۇر. ئۇنىڭ ماقالىلىرى خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئىنتايىن ئاكتىپ بولغان مۇھىم رول ئوينىدى.

ۋاشىنگتون مېدىسوندىن ئىنتايىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن. ئۇ مېدىسوننىڭ مەزكۇر شىتاتنىڭ «ئاساسى قانۇن»نى تەستىقلاش قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ يازغان خېتىدە، ئىنتايىن ئىشەنگەن ۋە ئۈمىدكە تولغان ھالدا مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: يېڭى «ئاساسى قانۇن» توغرىسىدا چوقۇم چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك، پەقەت سىزلا ئەڭ توغرا، ئەڭ مۇۋاپىق بولغان چۈشەندۈرۈشلەرنى بېرەلەيسىز».

بۇ قېتىمقى يىغىندا، مېدىسون ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن نەپىس نۇقتىدا تۇتۇپ رەقىبىنى يەڭدى ھەمدە يېڭى ئاساسى قانۇننى تەستىقلاشقا ئېرىشتۈرگەن.

مېدىسوننىڭ ئىنتايىن كۆزگە كۆرۈنگەن ئىپادىسى سەۋەبلىك، ئۇ فدراتسىيە تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھەمدە سىياسىي ساھەدىكى يوللىرىغا توزاقلار قۇرۇلغان. مېدىسون پالاتا ئەزالىقىغا نامزاتلىققا سايلانغاندا، ئۇنىڭ سىياسىي رەقىبلىرى ھەتتا ئىنتايىن ئاشۇرما قىلىپ كۆپتۈرۈپ، «مۇبادا مېدىسون سايلىنىپ قالسا بىر قېتىملىق ئىنقىلابنى قوزغايدۇ، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ھەممە تۇپرىقى قان بىلەن بويىلىشى مۇمكىن» دېگەن.

مېدىسون «ئاساسى قانۇن»غا بەرگەن چۈشەنچىسى ۋە مۇنازىرىسى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ سىياسى رەقىبلىرىنىڭ يارىسىغا تېگىپ قالغان بولغاچقا، ئۇنىڭ سىياسى رەقىبلىرى ـــــ فدراتسىيە تۈزۈملىرىگە قارشى ئاشۇ ئەبلەخلەر ئامال قىلىپ ھەر خىل سورۇنلاردا مەغلۇب قىلىشنى ئويلىغان. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى، ۋاشىنگتوننىڭ نوپۇزىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بەك يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئوڭ قول سول بېلەكلىرىنى يىقىتىشنىڭ بىر قەدەر ئاسانلىقىنى بىلگەن.

ئەمما مېدىسونغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەقەت چىرايلىق گەپ سۆزلەر ۋە گۈزەل چىراي بىلەنلا ئۇنى مەغلۇب قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر ئەمەلىي ئىلىمگە باي ئەرباب ئىدى. ئوخشاشلا، مېدىسوننىڭ سىياسى رەقىبلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىدى، ئۇلار ئىلگىرى مېدىسوننىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇش ئارزۇسىنىمۇ يوق قىلالىغان، ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئىنتايىن ئەمەلىي كۈچكە ئىگە رىقابەتچىنى ئۇنىڭ بىلەن پالاتا ئەزالىق سايلىمىدا رىقابەتچى بولۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئىنتايىن جاپالىق كۈرەشلەردىن كېيىن، مېدىسون ئىنتايىن ئاجىز بولغان پەرق بىلەن دۈشمىنىنىڭ سۈيقەستىنى بەربات قىلىپ، پالاتا ئەزالىقىغا ئوڭۇشلۇق سايلانغان.

ئۇنىڭ رىقابەتچىلىرىمۇ ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئەمەس ئىدى، ھەمدە ئەينى دەۋردە كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ئالقىشلىرىغىمۇ ئېرىشكەنلەردىن بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ مېدىسوندىن كېيىن تەختكە چىققان ـــ جامىس مونرو.

مېدىسون بىر خىل ئۇلۇغۋار ئىدىيىنى تىكلىگەن، دەل مانا مۇشۇ ئىدىيىنىڭ كونكېرت يولغا قويۇلىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ (بۈگۈننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سىياسەت ئەندىزىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ئىدىيەنىڭ يادروسى دەل ھۆكۈمەت چوقۇم قانۇن تۇرغۇزۇش، مەمۇرىيەت ۋە ئەدلىيە قاتارلىق ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تېپىشى كېرەك، مانا بۇ يادرولۇق مەزمۇن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلىتىنىڭ ئاساسىغا ئەڭ ئاخىرقى ئاساسنى قۇرۇپ بەرگەن. مېدىسون بىلەن جېففىرسون بىرلىكتە شۇ زاماندىكى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇپ چىقتى، دەل مانا مۇشۇ سىياسىي پارتىيە كېيىنكى دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئالدىنقى ئەندىزىسى بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مېدىسوننىڭ «فېدراتسىيە ئاساسى قانۇن»ى ھەقىقەتەنمۇ پىرىزدېنتلىق تۈزۈمنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھەمدە ئامېرىكىنى دۇنيادىكى پىرىزدېتلىق تۈزۈمنى يولغا قويغان تۇنجى دۆلەت قىلغان.

بۇ ئىشلارنى ئاشۇ فېئوداللىق تۈزۈمدىكى جاھانگىر دۆلەتلەر بىلەن پادىشاھلىق تۈزۈمنى ياقلايدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن تەس بولغان چۈشىنىشىنى قوزغىغان، چۈنكى كىشىلەر دائىم چەكسىز ھوقۇققا ئىگە بولغان بىر شەخسنىڭ بۇ ھوقۇقنى ئۆزلىگىدىن تاپشۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، پەقەت خەلق ئۇنى تەختتىن زورلاپ چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغاندىلا ئۇ ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، دەپ ئويلايتتى. دەل مانا شۇنداق ئىدىيە بولغانلىقى ئۈچۈن، مېدىسون كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئۈچ ھوقۇقنى بۆلۈنۈش (قانۇن، مەمۇرىيەت، ئەدلىيىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى) سىنكاسىنى لايىھىلاپ بەرگەنىدى، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر بولسا يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ قەلبىدىكى باتۇر ئەزىمەتنى ياكى ياخشى بىر پادىشاھنى ئىزدەپ يۈرگەن.

مېدىسوننىڭ ئىدىيىسى، ئەقىل-پاراسىتى ئادەتتىكى كىشىلەر بوي-تۇرۇق جەھەتتە ئىنتايىن تولۇق كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى كىشىلەر «ئاساسى قانۇن ئاتىسى» دەپ ئاتىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

مېدىسوننىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى ھەمدە چىرايى دائىملا كىشىلەرنىڭ مەسخىرە ئوبېكتىغا ئايلىنىپ قالاتتى. بەزىلەر ئۇنى قۇرۇپ قالغان ئالما دەپ زاڭلىق قىلغان،

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ پالاتادا ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا، مېدىسون چوقۇر ئويلىنىش ۋە پىششىق تەپەككۈر قىلىش ئارقىلىق، ھەمدە ئۆزىدىكى بارلىق ئەقىلنى سەرپ قىلىپ تۇرۇپ «كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى»نىڭ ئاساسى قانۇنغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقتى ھەمدە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى بۆلۈملىرى ئۈچۈن قانۇن بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىققان. ئۇ يەنە ئىلگىرى ۋاشىنگتوننىڭ مەسلىھەتچىسىمۇ بولغان بولۇپ، ۋاشىنگتونغا ياردەملىشىپ «ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتۇقى» ۋە «ۋىدالىشىش نۇتۇق»لىرىنىڭ تېزىسىنى تۈزۈشۈپ بەرگەن.

فېدراتسىيە پارتىيىسىدىكى جون ئادامىس پىرىزدېنتلىققا چىققاندىن كېيىن، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى، مېدىسون پالاتادىن چېكىنىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتىدىكى ئېكىنزارلىقىغا قايتىپ كەلدى. ئېكىنزارلىقتا، مېدىسون ئۆزى كىچىكىدىن باشلاپلا ئويناپ چوڭ بولغان زېمىنغا ئۇ بۇرۇنقىدەكلا قىزىقمىدى.  ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ قىزىقىدىغىنى يەنىلا دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر ئىدى.

ئۇ ئاللىبۇرۇنلا سىياسىي ساھەگە كىرىپ بولغانىدى، ئۇ ئەمدى ئۆزى قىزىقىدىغان بۇ ساھەدىن ئۇ ھەرگىزمۇ چېكىنىپ چىقالمىغان. شۇ سەۋەبلىك، فېدراتسىيە پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئاممىنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا ھەرىكەت قىلغاندا، پىكرى ئۆتكۈر مېدىسون دەماللىققا ئىنتايىن قاتتىق غەزەپلەندى، ئۇ ئۆزى پۈتۈن قان-تەرىنى سىڭدۈرگەن «كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى»نىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىشغا چىداپ تۇرالمايتتى، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ بۇ يەردە تەبىئەتنىڭ گۈزەل قوينىغا چۆكۈپ بەھىرلىنىپ كەتمىگەنىدى. بىر ياخشى دېھقانچىلىق مەيدان خوجايىنى بولۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن يامان ئەمەس ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قۇللارغا تايىنىپ تۇرۇپ ئۇنداق ئىش باشقۇرۇشنى ياقتۇرمىغان.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر قەلىمىنى يەنە قايتىدىن قولىغا ئېلىپ، «ۋېرگىنىيە قارار لايىھىسى»نى يېزىپ، «مۇھاجىرلار باشقۇرۇش قانۇنى» بىلەن «ئېسكانيارلارنى جازالاش قانۇنى»نى ئەيىبلىدى ۋە تەنقىد قىلدى. ئۇ بۇ ئىككى تۈرلۈك قانۇن لايىھىسىنى مۇقەددەس ئاساسى قانۇنغا قىلىنغان دەپسەندە قىلىش دەپ بىلگەن. بۇ قىلمىش مېدىسوننى يەنە داۋاملىق دېھقانچىلىق مەيدانىدا تۇرۇۋېرىشتىن ياندۇردى. خەلقنىڭ ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، ئۆزى تۈزگەن ئاساسى قانۇنغا كىشىلەرنىڭ ئاڭلىق رىئايە قىلىشى ئۈچۈن، مېدىسون يەنە بىر قېتىم سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ، مەزكۇر شىتاتنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان.

1800-يىلى، مېدىسون جېففىرسوننىڭ پىرىزدېنتلىق سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشىغا ياردەم بەرگەن. جېففىرسون غەلبە قازانغاندىن كېيىن، ئۇ بۇيرۇققا بىنائەن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. مېدىسون بۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى، ھەقىقەتەنمۇ ھېچقانداق بىر دېپومات تەجرىبىسى يوق. ئەمما دېپلوماتىك سىياسەت تەرەپتە، ئۇ جېففىرسون بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ياۋروپا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ بىتەرەپ سىياسىتىنى ياخشى يۈرگۈزگەن ھەمدە لۇئىسئاننانى سېتىۋېلىشقا تۆھپە قوشقان.

17-ئەسىر ۋە 18-ئەسىرلەردە، ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە ئىككىلىسى كۈچلۈك دۆلەتلەر بولۇپ شۇ سەۋەبلىك ياۋروپا ئۇرۇشى ئاساسلىقى ئەنگىلىيە، فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكە زېمىن تالىشىش كۈرىشىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەلۋەتتە روسىيەمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان چوڭ ئىمپىرىيە ئىدى. ياۋروپادىكى زوراۋانلىق تالىشىش كۈرەشلىرىدە، ئامېرىكا شۈبھىسىزكى ئاجىز بولغان. دۆلەت كاتىپى بولغان مېدىسون ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغان. ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، مېدىسون جېففىرسون بىلەن بىرلىكتە بىتەرەپ تۇرۇش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، بۇ ياش دۆلەتنىڭ بۇ قېتىمىق كۈرەشتە ھەرقانداق بىر زەربىگە ئۇچرىشىدىن ساقلانغان.

ياۋروپادىكى كۈچلۈك زوراۋانلىق كۈرىشىدە، مېدىسون دېپلوماتىيە ئىشلىرىدا كۆپلەپ قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان. ئامېرىكا قىتئەسى غەربىي ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر مەجبۇرىي مۇستەملىكىسىگە ئېلىۋالغان رايون بولۇپ، بۇ زېمىندا ھەممىسىنىڭ مەنپەئەتى مەۋجۇت بولغان. ئەمما ئەنگىلىيە نەچچە مەيدان كۈرەشتىن كېيىن، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى كۆپ قىسىم مۇستەملىكىلىرىنى تارتىۋالغانىدى. شۇ سەۋەبلىك، شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 مۇستەملىكە رايون ئەنگىلىيىگە قارشى كۈرەش قوزغىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تاجاۋۇزچى دۆلەتلەر ئامېرىكىغا ياردەملىشىپ، ئەنگىلىيىگە قارشى تۇرغان. گەرچە ياردەم قىلىشتىكى شەكىل ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ھەممىسى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان.

مۇبادا بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغاندا، ئامېرىكا مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان بولاتتى. ھەتتا ئامېرىكىنى ئۇرۇش قوينىغا تارتىپ كىرىش خەۋپىمۇ بار ئىدى. شۇ سەۋەبلىك، دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە مېدىسون ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولغان، ئۇ ئامېرىكىنىڭ تېخى بىرەر قېتىملىق ئۇرۇش قىلغۇدەك مادارى يوق، شۇڭلاشقا، ئامالنىڭ بارىچە ئۇرۇشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىشىمىز كېرەك، ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتنىڭ سودا مەپەئەتىدىنمۇ ۋاز كېچىش كېرەك، دەپ ئويلىغان. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ چېچەن پاكار بويلۇق كىشى غەلبە قىلغان. ئۇ ئامېرىكىنى ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدىغان بىر قېتىملىق خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى، ئامېرىكا شۇنىڭ بىلەن تېنچ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان.

مېدىسون جېففىرسوننىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فىرانسىيە، ئەنگىلىيەنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان زوراۋانلىق كۈرىشىدە، ئارىلىقتا قالغان ئامېرىكا يۈز تۇتۇۋاتقان بەزىبىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ئۇرۇش داۋامىدا ئامېرىكا ھوقۇقىغا تەسىر يەتكۈزگەن. مېدىسون ئىككى تەرەپكە توختىماستىن بۇ توغرىسىدىكى قارشلىقىنى بىلدۈردى. ئۇرۇش پاراخوتلىرى ئالدىدا بۇنچىلىك قارشلىقلارنىڭ غەلبىلىك بولۇشى ئىنتايىن تەس ئىدى. دۆلەت ئىچىدە، مېدىسون يەنىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن دېموكراتىك ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن. سايلام ھوقۇقىنى ئومۇملاشتۇرغان، ھوقۇقنىڭ مەركەزگە توپلىنىپ قېلىشىنى ئازايتقان، ئۆزىنىڭ دېموكراتىك ئىدىيىسىدە ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن توختاۋسىز تىرىشىشتا چىڭ تۇرغان.

دۆلەت بايرىقىنى ئالدى تەرەپكە قارىتىش ئۇ مۇقەررەرلىك، خەلق چوقۇم باتۇرلارچە ئالدىغا ئۆتۈپ بۇ بايراقنى قوغدايدۇ. بايلىقنىڭ تەقسىملىنىشتىكى پەرقى بىلەن تەڭسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك ۋە ئەڭ ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان توقۇنۇشلارنىڭ كېلىش مەنبەسىدۇر.

بىر قىسىم كىشىلەرنى بىر قىسىم كىشىلەر باشقۇرۇدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق: سىز ئالدى بىلەن چوقۇم ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇلىدىغان شۇ بىر قىسىم كىشىلەرنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان قابىلىيەتكە ئىگە قىلىشىڭىز، ئاندىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى كونترۇل قىلالايدىغان قىلىشىڭىز كېرەك.

ئالقىشلانغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ مۇبادا ئالقىشقا ئېرىشكەن ئۇچۇر ياكى بۇ خىل ئۇچۇرغا ئېرىشىشتىكى ئۇسۇلى بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ ھۆكۈمەت بىر قېتىملىق ئۇيۇن ياكى تىراگىيدىيەنىڭ كىرىش قىسمىلا بولۇپ قالىدۇ ـــ بەلكىم بۇ ئىككىلىسىمۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

مېدىسون جېففىرسون ئۆز قولى بىلەن سايلىغان دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ نامزاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنتايىن ئاسانلا فېدراتسىيە پارتىيىسىدىكى پېننىكنى مەغلۇب قىلغان.

بۇ قېتىملىق سايلامدا مېدىسون 122 بېلەتكە پېككىن 47 بېلەتكە ئېرىشكەن. مېدىسون ئاق سارايغا كۆچۈپ كىرىپ، ئاق ساراينىڭ يېڭى خوجايىنى يەنى ئامېرىكىنىڭ تۆتىنچى نۆۋەتلىك پىرىزدېنتى بولغان.

ئەمما، ئۇنىڭ ئاساسى قانۇننى تۈزۈپ مۇقىملاشتۇرغان چاغدىكىسىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭ يۈز تۇتۇۋاتقىنى نۆۋەتتىكى پۈتۈن قىيىنچىلىقلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن ئامېرىكا ئىدى. دۆلەت سىرتىدا، ئەنگىلىيە ئامېرىكىنىڭ بىتەرەپلىك ئورنىغا پەرۋامۇ قىلىپ قويماي، دائىملا قەستەنگە ئىش تېرىپ، ئۇرۇش ئوتى قوزغاش مەقسىتىدە بولغان، دۆلەت ئىچىدە، فېدراتسىيە پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن شىماللىقلارنىڭ ھەمممىسى ئەنگىلىيە تەرەپدارلىرى، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىلەن جەنۇبلۇقلار بولسا فىرانسىيە تەرەپدارلىرىدىن بولغاچقا، ئۇرۇش ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىي بولغان.

ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا، ئازادە، يېنىك ھالەتتىكى جېففىرسونغا ئوخشىمايدىغان يېرى، مېدىسون ئالاھىدىلا ھارغىن كۆرۈنەتتى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ئىشىلىرى كاتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن مېدىسون دۆلەتنىڭ نۆۋەتتە يۈز تۇتۇۋاتقان ۋەزىيىتىنى ئېنىق چۈشىنەتتى. ئۆزىنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنى تېخىمۇ ئوبدان دەڭسىيەلەيتتى. ئەلۋەتتە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنى كۈتۈۋاتقىنىنىڭ سەككىز يىللىق پىرىزدېتنلىق ئىكەنلىكىدىن ئۇ قىلچە خەۋەرسىز ئىدى.

گەرچە ئۆزى يۈز تۇتۇۋاتقان قىيىنچىلىق ئەھۋالنى ئۇ ئىنتايىن ئېنىق چۈشەنسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتۇقىدا ھاياجان ئىچىدە مۇنداق دېدى:

«مەن كىشىلەرنى ئالقىشىغا ئەڭ سازاۋەر بولغان سابىق پىرىزدېنت تىكلىگەن شۇ ئۈلگىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشنى ئەسلا خالىمايمەن، مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەن دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ھەمدە قاتتىق تەلەپ-ئۆلچەملەردىن كېيىنكى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇۋاتقان ھېسسىياتىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمەن. بىر ئەركىن، ئادىل بولغان دۆلەت، ئىنتايىن ئېھتىيات ۋە تېنچلىق ئىچىدىكى سايلامدا پېقىرگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى، بۇ ھەرقانداق بىر ئەھۋال ئاستىدا مېنىڭ مىننەتدارلىقىمنى ھەمدە ئۆزۈمنى بېغىشلاش روھىمنى ئۇرغىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەن بۇ ئىشەنچكە ئېرىشكەنلىكىمدىن قورقۇش ھېس قىلماقتىمەن. ھەرقانداق بىر ئەھۋال مۇشۇ دەقىقىنى ئالاھىدە تەنتەنىلىك قىلىۋېتەلەيدىغانلىقى سەۋەبلىك، مەن ماڭا بېرىلگەن شان-شەرەپ ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن....... مەن ئىنتايىن تەلەيلىك، چۈنكى مېنىڭ ئالدىمدىكى پىرىزدېنتلار تولىمۇ مۈشكۈل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۈكسەك بولغان مۇلازىمەت دائىرىسىنى غەلبىلىك تىكلەپ بەرگەن، مېنىڭ قاراپ ماڭماقچى بولغان شۇ يولۇمنى يورۇتتى...

مېدىسون گەرچە ئىشەنچكە تولغان سۆزلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدىكى يول ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن مۈشكۈل ئىدى. كىشىلەر بەلكىم ئۇنىڭ ئىنچىكە، تۆۋەن ئاۋازىغا ئانچە قىزىقمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە بولغان ئىشەنچىسى تولىمۇ قەتئىيلىكى ئۇنىڭ ئېرىشكەن بېلەت سانىدىن بىلىنىپ تۇراتتى، ئەلۋەتتە.

ئەنگىلىيە، فىرانسىيەلەرنىڭ تالىشىش كۈرەشلىرى تەرەپتە، مېدىسون كۈچىنىڭ بارىچە ئوتتۇرىدا تۇرۇش پوزىتسىيىسىدە بولغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى پىرىزدېنت دەۋرىدىمۇ، ھۆكۈمەت خەلق كۆڭلىگە مايىل بولمىغان «توشۇشنى چەكلەش قانۇنى»نى ئېلان قىلغان. چۈنكى بۇ قانۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتقاچقا، بۇ قانۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلمىغانىدى: مەزكۇر قانۇن ئامېرىكا دۆلەت مەھسۇلاتلىرىنى ھېچقانداق بىر دۆلەتكە توشۇشقا بولمايتتى، ھەمدە ئامېرىكا پاراخوتلىرىنىڭمۇ ھېچقانداق دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈشى چەكلىنەتتى. جېففىرسون ياكى ئۇرۇش قىلىش كېرەك، ياكى بولمىسا توشۇشنى چەكلەپ ئوتتۇرىدا جىم تۇرۇش كېرەك دەپ قارىغان. ئەمما جېففىرسون ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بۇ «چەكلەش قانۇنى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «سودا ئېلىپ بارماسلىق قانۇنى»نى ئېلان قىلغان.

بۇ دېگەنلىك ئامېرىكا، ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيىدىن باشقا ھەرقانداق دۆلەت بىلەن سودا ئالاقىسى قىلسا بولىدۇ، دېگەنلىك ئىدى.

ھاكىمىيەت تۇتقان بىرىنچى يىلى، پىرىزدېنت مېدىسون ئالدىنقى سابىق پىرىزدېنتنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن سودا قىلىشنى چەكلىدى. 1810-يىلى 5-ئايدا، دۆلەت پارلامېنتى ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ئىككى دۆلەت بىلەن سودا ئېلىپ بېرىشنى يولغا قويدى، ئەمما مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، مۇبادا ھەرقانداق بىر تەرەپ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىدا تۇتۇش ھوقۇقىنىڭ پىكرىنى قۇبۇل قىلالىسا، ئامېرىكا شۇ زاماتلا يەنە بىر تەرەپ بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى چەكلەيدۇ.

ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ نەپكە ئېرىشىش، ھىيلە-مىكىرگە ئۇستا ناپالىيون بۇ شەرتنىڭ ساددا بىر تەرىپىدىن پايدىلىنىپ، يالغاندىن ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىگە قوشۇلغان بولۇۋالدى. 1810-يىلنى ئاخىرى، مېدىسون ئەنگىلىيە بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ناچارلىشىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇرۇش قىلىشنى ياقلايدىغان گۇرۇھتىكىلەر كۈچىيىپ كېتىپ، پىرىزدېنتتىن تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت ئارقىلىق، چېگرانى قوغداش، ئەنگىلىيىلىكلەرنى دېڭىز ياقىسىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغان.

ئەينى دەۋردىكى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىنى ئاساسلىق سەۋەبى دېڭىز تىرانسىپورت مەسىلىسى بولۇپ، ئەنگىلىيە ئامېرىكا كېمىلىرىنى زورلۇق بىلەن ئىشلىتىشكە تارتىۋالاتتى ھەمدە ئىچىدىكى ماللارنى بۇلىۋالاتتى. مېدىسون كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا، گەرچە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ياقمىسىمۇ، ئامال يوق بۇلارغا يول قويۇشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئەنگىلىيە ئەينى دەۋردىكى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ، ئەنگىلىيە بىلەن كۈچ سىنىشىش چوڭ تەۋەككۈلچىلىك تەلەپ قىلاتتى. مېدىسون بۇ تەرەپنى ئىنتايىن ئېنىق چۈشىنەتتى، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرچە ھېچقانداق باشقا تاللىشى يوق ئىدى.

1812-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، مېدىسون دۆلەت پارلامېنتىدىن ئەنگىلىيەگە قارشى ئوت ئېچىش تەكلىپى بېرىشنى سورىدى. 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، پارلامېنت ھەمدە 13كە قارشى 19 بېلەت بىلەن، ئاۋام پالاتاسى 49گە قارشى 79 بېلەت بىلەن بۇ قارار لايىھىسىنى مەجبۇرىي دېگۈدەك ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزگەن. ئەمەلىيەتتە، ئەينى دەۋردىكى ئامېرىكا ئۇرۇش قىلىش تەييارلىقىنى ھېچقانداق پۇختا قىلمىغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ مەسخىرە خاراكتېرىنى ئالغان يېرى شۇكى، ئۇرۇش ئېچىشنى جاكارلىغان ۋاقىتتا، ئۇرۇش  ئېچىشنىڭ سەۋەبى يوق بولۇپ قالغانىدى. ئۇرۇش باشلانتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، ئەنگىلىيە ئامېرىكىغا قاراتقان بىر قاتار چەكلەش پەرمانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، دەل مانا مۇشۇ چەكلەش پەرمانلىرى ئامېرىكىنىڭ ئەنگىلىيىگە ئوت ئېچىش سەۋەبى ئىدى. ئەمما ئەينى دەۋردىكى ئالاقىلىشىش شارائىتى ئىنتايىن قالاق بولغانلىق سەۋەبى بىلەن، ئامېرىكا ئەنگىلىيىنىڭ بۇ يېڭى قارارىدىن پەقەتلا خەۋەرسىز ئىدى، ئەنگىليىنىڭ بۇ توغۇرلۇق خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە بولسا، ئامېرىكا ئاللىبۇرۇن ئۇرۇش ئېچىشنى جاكارلاپ بولغان.

ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئۇرۇش قىلىشقا ھېچقانداق بىر تەييارلىقى يوق ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا قۇرۇقۇق ئارمىيىسى تەخمىنەن ئون مىڭ كىشىلىك ھەربىي كۈچىلا بار ئىدى. دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز ئۇرۇش پاراخوتلىرى 24 كىمۇ يەتمەيتتى. كېيىن خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلدىن كېيىن، مېدىسون تارىخشۇناسلارغا بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكىنىڭ ھېچقانداق بىر تەييارلىقسىز ھالەتتە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەتتىم، ئەمما دۆلەت بايرىقىنى ئالدىمزغا قارىتىپ قاداش زۆرۈر ئىدى. خەلق ھاياجان ئىچىدە ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ بۇ بايراقنى چوقۇم قوغدىيالايتتى».

ئۇرۇش جاكارلىغاندىن كېيىنكى نەچچە ئايدا، ھېچقانداق ئالاھىدە ئىش بولماي، تېنچ ئۆتتى. مېدىسون تەشكىللىگەن قوراللىق كۈچلەر بىلەن كۈچ ئېلىشقاندىن كېيىن، بەزىلەر بۇلارنى بىر چەتتە تۇرۇپ مەسخىرىمۇ قىلغانىدى.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا، مەيلى قۇرۇقلۇقتا ۋە ياكى دېڭىزدا بولسۇن، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېغىر زەربىلەرگە ئۇچرىدى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇنچىلىكلا قوشۇنى ساپالىق تەربىيىلەنگەن ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ رەقىبى ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ ناپالىئون ئۇرۇشىنىڭ ئاللىبۇرۇن ياۋروپادا ئاخىرلاشقاچقا، ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھېچقانداق بىر ئىككىلىنىدىغان يېرى قالماي، ئۆزلىرىنى قويۇۋېتىپ ئۇرۇش قىلدى، شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېغىر زەربىلەرگە دۇچار بولدى، ئەنگىلىيە ئارمىيىىنىڭ يۈرۈشى بولسا ئىنتايىن غەلبىلىك بولدى. مېدىسون باشقىچىلا جىددىيلىشىپ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇرۇش باشلىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، بۇ بىچارە باشلىقلىق رولىدىكى پىرىزدېنت قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەرقايسى قوماندانلىق ئىشخانىلىرى ئارا قاتراپ يۈرۈپ ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرگەن.

ئۇرۇش رەسمىي باشلانغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى ئالدىنقى سەپكە ئۆتۈپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى بىردىنبىر ھەم تۇنجى ئۆزى ئالدىنقى سەپكە بېرىپ قوماندانلىق قىلغان پىرىزدېنت بولۇپ قالغان.

گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئۇرۇش يەنىلا ئامېرىكىغا ئىنتايىن پايدىسىز ئىدى. ئەنگىلىيىلىكلەر ھەيۋەت بىلەن چېساپېيىك ئارىلىغا كىرىپ كېلىپ، مېدىسون ۋە دۆلەت پارلامېنتىنى ۋاشىگتوندىن قوغلاپ چىقاردى. ئەسەبىيلەشكەن ئەنگىلىيە ئارمىيىسى ئۆزلىرىنىڭ جىنايەتكە تولغان كونا ئۇسۇلىنى ئويناپ، ئاق ساراي  ۋە باشقا ئاممىۋىي قۇرۇلۇشلارغا ئوت قويدى. پۈتكۈل ۋاشىنگتون شەھىرىنى ئوت يالقۇنى ئىچىگە قويۇپ، ئېچىنىشلىق مەنزىرە ھاسىل قىلدى. ئەمما، كېيىن ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلىنىشقا باشلىنىپ، ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىغا قەتئىي قارشلىق كۆرسەتتى. بالتېمورىدا، ئوق تېگىپ چۇل-چۇل بولۇپ كەتكەن ئامېرىكا بايرىقى، ئەنگىلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن 25 سائەت توختىماي زەمبىرەك ھۇجۇمىدىمۇ شۇ يەردە تۇردى. بۇ بايراق ھېلىھەم ئامېرىكاك مۇزىيخانىسىدا ساقلىنىپ كەلگەن.

ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ نەچچە قېتىملىق غەلبىسى، تېنچلىققا بولغان ئۈمىدنى يەنە بىر قېتىم ئۇرغۇتقان.

1814-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئىككى تەرەپ «كېنت كېلىشىمنامىسى»نى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى بېسىۋالغان يەرلەردىن چېكىنىپ چىقىشنى بېكىتتى. ئەمما كىشىنى ئوڭايسىز بىر خىل ئەھۋالدا قويىدىغىنى شۇكى، ئالاقىلىشىش شارائىتى قالاق، ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشى ئاستا بولغاچقا، كېلىشىمنامە ئىمزالىنىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما 1815-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئىككى تەرەپ ئارمىيىسى يېڭى ئورلىئاندا يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئېلىشتى؛ بۇنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ قېتىم ئامېرىكا ئارمىيىسى غەلبە قىلىپ، ئەنگىلىيە ئارمىيىسى تارمار قىلىندى. ئامېرىكىنىڭ گېنىرالى جېكسون ئەنگىلىيىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان. ئەمما، بۇ بەختسىز ئۇرۇش نەچچە تەرەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئامېرىكىدا كۈچلۈك بولغان دېموكراتىزىملىق خاھىشنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۆلۈنمىچىلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان فېدراتسىيىزمنى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك تەنقىدكە دۇچار قىلدى. فدراتسىيە پارتىسيىدىن ئىبارەت پۈتۈن مەملىكەتلىك سىياسىي پارتىيەنىڭ نوپۇزىنى يوقلا قىلغان.

ئۇرۇش مەزگىلىدە، مېدىسون ئىككى پارتىيە بىرلەشمىسىنىڭ پىرىزدېنت سايلام نامزارى دېرۋېنت  كېلىنتوننى مەغلۇب قىلىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر نۆۋەتلىك پىرىزدېنتلىققا سايلانغان. بۇ قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى سەۋەبلىك، ئامېرىكا ئەنگىلىيەنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى كونتروللىقىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل بولغان كاپىتالىزىم يولىدا تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.

بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتىن كېيىن، مېدىسون بىر قاتار قانۇن لايىھىلىرىنى ئىمزالىدى، بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك ئاجىز سانائەتنى قوغداش، كۈچلۈك بولغان دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيسىنى قۇرۇش قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىمال تەرەپكە كۆچۈش قىزغىنلىقى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى بىردىنلا غىدىقلاپ، مېدىسوننى تېخىمۇ يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە قىلغان.

مېدىسون پىرىزدېنتلىق ئۆتىگەن مەزگىللەردە، ئاساسى قانۇن تۈزگەن چاغدىكىدەك ئۇنداق كۆزنى چاقناتمىدى. ئەنگىلىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇ تېخىمۇ كۆپ بولغان تەنقىد ۋە تىل ھاقارەتلەرگە ئۇچرىدى، بەختكە يارىشا بولغىنى شۇكى، ئۇ قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، ئاخىرىدا ئامېرىكىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرگەن. ئامېرىكا خەلقى ئۇنى بىر ئۇلۇغ پىرىزدېنت، بىر ئۇلۇغ سىياسىيشۇناس.

ئىككىنچى نۆۋەتلىك پىرىزدېنتلىق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، مېدىسون ئۆزى بىلەن ئىلگىرى پارلامېنت ئەزالىق سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان جامىس مېنرونى ۋارىسلىققا تاللىغان. ئەلۋەتتە مېنرومۇ ئۇنىڭ ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىققان.

جامىس مېدىسونمېدىسوننىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى ۋىجىك، ئاۋازىمۇ ئىنچىكە ھەم تۆۋەن بولغاچقا، ئاياللارغا نىسبەتەن ھېچقانداق بىر جەلپ قىلىشتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مۇشۇ سەۋەبلىكمۇ ئەمەسمۇ ئىشقىلىپ، ئۇ نىكاھ ئىشىدا ھەقىقەتەنمۇ خېلى بەك كېچىكتى. بىر تۇل ئايالنى ئەمرىگە ئېلىشتىن ئىبارەت مۇشۇ نۇقتىدىنلا قارىغاندا، مېدىسون تۇنجى نۆۋەتلىك پىرىزدېنت ۋاشىنگتونغا ئوخشاش تەقدىردە ئىدى. ئەمما، ئۇ 43 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، كېلىنچەك ئاران 26 ياشتا ئىدى. مېدىسون توي قىلغاندىن كېيىن پەرزەنتلىك بولمىغان، ئەمما ئۇنىڭ يېڭى كېلىنچىكى ئۇنىڭغا ئىلگىرىكى يولدىشىدىن بولغان بىر بالىنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن بۇ بالا بۇ تارىخشۇناسىمىزنىڭ ھېچقانداق دىققىتىنى قوزغىيالمىغان.

گۈزەل ۋە شوخ دوللى مېدىسون، دوستلىشىش مەزھىپىدە چوڭ بولغان قىز بولۇپ، ئۇ 19 يېشىدا پېنسىلۋانىيەدىكى دوستلىشىش مەزھىپىدىن بولغان ئادوۋكات جون تودى بىلەن توي قىلغان ئىدى. بەختكە قارشى، ئۇنىڭ يولدىشى 1793-يىلدىكى سېرىق قىزىتمىدا ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭغا ئىككى ئوغۇلنى تاشلاپ قويدى. بۇ دوللېينى ئامېرىكا تارىخىغا يېزىلىش پۇرسىتى بىلەنمۇ تەمىنلىگەن بولۇپ قالدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پېنسىلۋانىيەدىكى ۋاقىتتا، مېدىسون ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدى. مېدىسون ئۆزىدىن ئازراقمۇ ئۈمىدسىزلەنمەيتتى. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا تاشقى قىياپەتلىرى ئىنتايىن كېلىشكەن نۇرغۇنلىغان بايۋەتچىلەرمۇ دوللىنى  قوغلىشىپ باققان بولسىمۇ، مېدىسون ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈكى ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ شۇنچىلىك كۆپ رەقىبلىرىنى يېڭىپ غەلبە قىلغان. دوللېي نېمە ئۈچۈن، ياشقا چوڭ، بويى پاكار، تەلەتى سۆرۈن ۋە ئاددى-ساددا مېدىسوننى تاللىدى، بۇنى دوللېي ئۆزىلا بىلىدۇ. ئىشقىلىپ، چىرايلىق ھەم ئوچۇق-يورۇق دوللېي ئۆزىنىڭ ئەكسى بولغان، چىرايى ئادەتتىكىچە مىجەزى چۇس مېدىسوننى ئۆز جۆرىسى قىلىپ تاللاپ، توي قىلغان.

قاملاشقان بىر جۈپ دەپ ئېلىشىمىزدىكى سەۋەپ، ئەرلەردە تالانت ئاياللاردا گۈزەل چىراي بۇ ئىككىسىگە بەكمۇ چۈشكەنىدى. دوللېينىڭ ھەمراھ بولۇشى مېدىسوننىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى كامچىلىقىنى بېسىپ كەتتى. ئاق سارايدىكى ھەرخىل خىزمەت ئىشىلىرىدا دوللېي مېدىسونغا ئاۋارىچىلىقنىڭ ئورنىغا نۇرغۇن ياخشى تەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئاق ساراينىڭ ئىچى-سىرتىدا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مېدىسون خانىمنى ياقتۇراتتى ھەمدە ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى، شۇ سەۋەبلىك دوللىي ئاق سارايدا خېلى زور تەسىر كۈچكە ئىگە ئىدى. مېدىسونمۇ ئۆز كۆڭلىدە مۇۋاپىق ھەمراھتىن بىرىگە يولۇققىنىدىن خۇش بولۇپ، بۇرۇنقىغا قارىغاندا قەددى كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك بولۇپ قالدى. مېدىسون شۇسەۋەبلىك ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك پىرىزدېنت بولۇپ قېلىپ، دۆلەت قۇرغۇچى تۆھپىكارلارنىڭ ئىچىدە ئۇ ئەڭ كېيىن ۋاپات بولغان.

دوللېي ھەقىقەتەنمۇ مېدىسونغا بەكمۇ چوڭ ياردەملەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى، مېدىسون ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قارار ماقۇللاپ مېدىسون خانىمنى دۆلەت كېڭىشىدىكى شەرەپلىك بىر ئورۇنغا ئولتۇرغۇزدى، مانا بۇمۇ ئامېرىكا بىرىنچى خانىملىرى ئارىسىدا ئەزەلدىن بولۇپ باققان ئەمەس.

مېدىسون ئەڭ قىيىنچىلىق كۈنلەردە قالغاندا، دوللېي ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى، ھەمدە ئۇنىڭ بۇ كۈلپەتلىك كۈنلەردىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلدى. دوللېينىڭ شوخ خاراكتېرىدىن مېدىسونمۇ ئىلھاملىنىپ، مېدىسونغا كۆپ تەسەللى بولدى. مېدىسوننىڭ نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشى ئىنتايىن بەختلىك ۋە كۆڭۈللۈك بولدى. دوللېينى مېدىسوننىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىسى بولغان.

مېدىسون كىيىم-كېچەككە پەقەتلا ئېتىبار بەرمەيتتى، شۇڭا ئۇنىڭدا ئۆزگۈرۈش، خاراكتېر كەمچىل بولغاچقا، دائىملا قارا رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ كىشىلەرگە پوپلارنى ئەسلىتىپ قويغان. ئۇنىڭ چېچىمۇ دائىملا  باشقىلارنىڭ مەسخىرە ئوبېكتىغا ئايلىنىپ قالاتتى. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ مېدىسوننىڭ بارلىقى ئەمەس، ھەم بۇ ئارقىلىق مېدىسوننى بىر خۇراپىي ۋە ئاچچىقى يامان جاھىل سىياسىيون دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئۇ دوستلىرى بىلەن بىرگە بولغاندا، باشقىلارغا ئوخشاش كۈلۈپ چاقچاقلىشاتتى ھەتتا بەزىدە ئۆزىنى ئۆزى مەسخىرە قىلىپمۇ قوياتتى. مېدىسون فىرانسوزچىنى ئىنتايىن ناچار سۆزلىسىمۇ، ئەمما ئۇ دائىم باشقىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلاتتى. فىرانسوزلار سۆزلىگەن فىرانسوز تىلىدىن ئۇ پەقەت بىر نەچچە سۆزنىلا چۈشىنەلەيتتى، ئەمما ئۇ فىرانسوزلارغا دېگەن سۆزلىرىدە ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپلا قوياتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنى ھېچقانداق ھېس قىلماي، بۇنى يۇمۇر قىلىپ باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەن.

مېدىسوننىڭ ئەڭ قىيىنچىلىقتا قالغان مەزگىللىرى، ئەنگىلىيە بىلەن ئەمدىلا جەڭ قىلىشقا باشلىغان مەزگىل بولۇپ، كەڭ ئامېرىكا خەلقى بۇ ئۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان. كىشىلەر بۇ قېتىملىق ئۇرۇشنى مېدىسون خەلققە زورلاپ تاڭدى دەپ بىلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ئارمىيىسىمۇ كەينى-كەينىدىن مەغلۇب بولغان.

كىشىلەر ھەتتا ئامېرىكا مېدىسوننىڭ قولىدا ھالاك بولىدىغان بولدى، دېيىشتى. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، بىر ئايال ئۆز چېچىنى يېشىپ، تەڭرىدىن مۇشۇ چاچ بىلەن مېدىسىننى دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەنگىلىيە ئارمىيىسى ۋاشىنگتونغا بېسىپ كىرگەندە، مېدىسون ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى. ئۇنىڭ ئايالى قول-پۇتى يەرگە تەگمەستىن ئۇنىڭغا ھۆججەتلەرنى يىغىشتۇرۇپ بەرگەن ھەمدە ۋاشىنگتون سۈرىتىنى ئىنتايىن ساداقەتمەنلىك بىلەن ساقلىدى. كېيىن ئۆزىنىڭ بىر يېقىن دوستىنىڭ ئۆيىگە كەتتى. ئەمما، ئۇنىڭ دوستى بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، مېدىسوننى ئۆزىنىڭ يولدىشىنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتكىنىدىن نارازى بولۇپ، مېدىسوننىڭ ئۆلۈمىنى تىلىدى. ئاندىن دوللېينى تىللىغىنىچە ئۆيدىن ھەيدەپ چىقاردى. بىچارە بىرىنچى خانىم ھەر ياقلاردا مۆكۈپ يۈردى. ئەڭ ئاخىرىدا ۋېرگىنىيەگە ماڭماقچى بولغان.

مېدىسون بۇ ۋاقىتتا دوللېينى تاپالماي تىت-تىت بولۇۋاتاتتى. ئۇرۇش ئىشلىرى ئىنتايىن جىددى بولۇپ، باش شىتاب باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئامراق ئايالىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىدىغانغىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىغانىدى. ئەمما ئۇنىڭ دوللېيدەك بىر لاياقەتلىك ئايالنى، يېقىن سىردىشىنى يوقىتىپ قويغۇسى يوق ئىدى. مېدىسون ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ بەك سۆيەتتى، شۇڭا ئۇ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاشقا باشلىغان.

ئاخىرى ئىككى ئايرىلىپ 36 سائەتتىن كېيىن يەنە قايتىدىن جەم بولغان.

ئادەم ئىشلىتىشتە مېدىسون ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. بەزى كىشىلەر چوڭ ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇۋالسىلا، دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى مۇھىم ئورۇنلارغا قويۇۋالاتتى. مېدىسون بولسا ئىشلەتكەن ئادىمىنىڭ ئەمەلىي قابىلىيىتىگە دىققەت قىلاتتى. ئۇ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان ۋاقىتتا، بىر كۈنى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن ئىنتايىن ساداقەتمەن بىرى ئۆزىنىڭ شىتات باشلىقلىق خىزمىتىنى بىر ئىشلەپ سىناپ بېقىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى مېدىسوننىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ شىتات باشلىقلىق ئورنىغا ئاللىبۇرۇن مۇۋاپىق بىرى تاللىنىپ بولغان، مېدىسون گەپنىڭ راستىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. ئەمما بۇ كىشى ئەمەلنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ئەھمىيەت بەرمەستىن، باج ئەمەلدارى بولۇشنى ئېيتتى. مېدىسون ئۇنىڭغا بوش ئورۇننىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان، بۇ ئادەم يەنە پوچتا-تېلىگرافنىڭ ئەمەلدارى بولماقچىمۇ بولدى، بۇنىڭغا مېدىسون ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن. ئەڭ ئاخىرىدا ھېلىقى كىشى مېدىسوندىن بىر قانچە كونا كىيىملەرنى ئېلىپ قايتىپ كەتكەن.

مېدىسون ھەرگىزمۇ بىر جىمغۇر ئادەملەردىن ئەمەس ئىدى. پارلامېنت يىغىنىدا ئۇ ئەڭ ئاكتىپ پىكىر بايان قىلىدىغانلاردىن ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ ئىنچىكە ئاۋازى ئۆز مۇنازىرىسىنى ئۇنچە ھەيۋەتلىك ئاڭلاتمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىنتايىن ئەستايىدىل لوگىكا پىكىرلىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئادەملەرگە ئۆز ئىدىيىسىنى سىڭدۈرەلىگەن. ئاساسى قانۇن تۈزگەن ۋاقىتلاردا، ئۇ ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەتچى.

كاللىسىدا بولسا ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇكەممەل چېرتىيوژلارنى سىزىپ بولغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ نۆۋەتتىكى فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىگە ئىنتايىن ئوچۇق بولغان تەتقىق قىلىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى ئارقىلىق ھەربىر كىشىگە تەسىر قىلىشنى ئويلىغان. ئۇ قېتىملىق ئاساسى قانۇن بېكىتىش يىغىنى جەمئىي 86 كۈن ئېچىلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 71 كۈندە ئۇ سۆز قىلغان.

ئۇ بەزىدە قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىپ ئۆزىنى تۇتالماي قالاتتى، ئۇ دەل ئۆزىدىكى مۇشۇ كەمچىلىكنى بېسىش ئۈچۈن مەخسۇس بىرىنى ئۆزىنىڭ بەك قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىشىدىن توسۇش ئۈچۈن يېنىغا ئەكەلگەن. ئەمما، ئۇ بىرلا نۇتۇق سۆزلەشكە چۈشۈپ كەتسە، ئوخشاشلا قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتەتتى، ھېلىقى تەكلىپ قىلغان ئادەممۇ مېدىسونغا قاراپ ئاغزىنى ئېچىپلا قالاتتى. ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ۋە قاتتىق كىرىشىپ كەتكەن تۇرقىغا قاراپ، ئۇ ئادەم مېدىسوننى ھەرگىزمۇ توسۇپ قېلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. شۇ ئىشتىن كېيىن ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «مەن چاقامق چېقىشنى توسۇشقا رازىمەنكى، سېنى نۇتۇق سۆزلىشىڭدىن توسىيالمايمەن».

ئادەتتە كىشىلەر، مېدىسوننىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بەك كۈچلۈك، كۆڭلىدە شەخسىيەتچىلىكى يوق، مىجەزىمۇ ياخشى پىرىزدېنت دەپ قارايتتى. 1812-يىلىدىكى ئۇرۇشتا ئۇ نۇرغۇنلىغان تۆھمەت ۋە ئازابلارغا دۇچار بولدى. ھەتتا تىل-ئاھانەتلەرگە قالدى. يۇقىرىدا ئالىيجاناپ مۆتىۋەرلەر، تۆۋەندە ئادەتتىكى خەلق پۇقرلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئەيىبلىدى ھەمدە نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. ھەتتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ قېتىملىق ئۇرۇشنى «مېدىسون ئۇرۇشى» دەپ ئاتىغان. خېلىدىن كېيىن مېدىسون ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئۇرۇش قىلىشقا ھېچقانداق تەييارلىقىنىڭ يوقلىقىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، ئەمما «دۆلەت بايرىقىنى چوقۇم ئالدىمىزغا قارىتىپ تىكلەش كېرەكلىكىنى، شۇندىلا ئاۋامنىڭ شۇ بايراقنى قوشداش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

قىزىقارلىق بولغىنى شۇكى، بەزىلەر ئۇنىڭ چاچ پاسونىغا ئاساسلىنىپلا مېدىسون چوقۇم ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە ئاسىيلىق قىلىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلغان، چۈنكى ئۇنىڭ چاچ پاسونى ئالىيجاناپ كىشىلەرنىڭكىدەك پاسوندا ئەمەس. يەنە بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ تەلەپچان سىرتقى قىياپىتىدىن ئۇنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان، جاھىللىقتا ئۇچىغا چىققان ئادەم دەپ بىلەتتى. ئەمما، ئۇ ئۆز دۆلىتىگە ئاسىيلىق قىلمىغان، ئۇ ھەم بىر جاھىل ئادەممۇ ئەمەس، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشكىمۇ تەييار ئىدى.

ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، شىمالغا قاراپ كۆچۈش قىزغىنلىقى يەنە ئەۋج ئالغان. بۇ قىزغىنلىق دولقۇنى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا يېڭى گۈللىنىش ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ مېدىسوننىڭ ئابرويىمۇ بارغانسېرى ئۆسۈشكە باشلىدى. ئىقتىسادى سىياسەتتە، ئۇ رىقابەتچىسى فېدراتسىيە پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادى يولىدا مېڭىپ، يۇقىرىراق بولغان چېگرا بېجىنى بېكىتىپ، يېڭى فېدراتسىيە بانكىسىنى قۇرغان.

مېدىسون گەرچە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى لۇشيەنسىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ باقمىدى. ئۇ، «فېدراتسىيە ئاساسى قانۇنى»غا چوقۇم قاتتىق چۈشەنچە بېرىلىشى كېرەك دەپ قارىدى. ئۇ ئاق سارايدىن ئايرىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈندە، ئۇ مەلۇم بىر قانۇن لايىھىسىنى ئىنكار قىلىپ، بۇنى «فېدراتسىيە ئاساسى قانۇنى» بىلەن زىت دەپ قارىغان. شۇڭلاشقا مېدىسوننى بىز ھەم ئۆزگىرىدىغان كىشى، شۇنداقلا ھەم ئۆزگەرمەيدىغان كىشى.

ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئامېرىكا ئىقتىسادىدا گۈللىنىش ھادىسىسى بولۇپ، مېدىسوننىڭ نوپۇزىمۇ خېلى بەكلا كۆتۈرۈلدى. ئىككىنچى نۆۋەتلىك پىرىزدېنتلىق مۇددىتى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، مېدىسون ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆزى بەلگىلىگەن ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە سايلامغا قاتناشقان جامىس مېنروغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، 1817-يىلى دوستانە كەيپىيات ئىچىدە ئاق سارايدىن مېڭىپ چىقىپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ پېنسىيىلىك تۇرمۇشىنى باشلىدى.

مېدىسون 85 ياشقىچە ياشىدى، ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئاساسى قانۇن قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ھەرقانداق بىر خىزمەتدىشىدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى. ئۇ پويىز ۋە پاراخوتلارنىڭ ياسالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. 1831-يىلى، مېدىسون ئەڭ ئاخىرقى بىر دۆلەت قۇرغۇچى تۆھپىكار بولۇپ قالدى. ئۇ ئاساسى قانۇن تۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر ھايات تۇرغۇچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەينى دەۋردە چوڭ قۇرۇقلۇق يىغىنى ۋە 1776-يىلىدىكى ۋېرگىنىيە ئاساسى قانۇن يىغىنىدىكى بىردىنبىر ھايات قالغۇچى ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن باشقا زامانداشلىرىمغا قارىغاندا ئۇزۇن ياشىدىم.». «مەن بۇنچە ئۇزۇن ياشىدىم، كىشىلەرنىڭ مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى ئېسىمدا چىڭ تۇتۇشۇم كېرەك».

ئەينى ۋاقىتتا، ئامېرىكا دۆلەت زېمىنى ئاللىبۇرۇن مېسسېسىپىي دەرياسىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، 25 شىتاتلىق چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان ئىدى. 1826-يىلى، ئۇنىڭ ئالدىدىكى سابىق پىرىزدېنت، شۇنداقلا ئۇنىڭ يېقىن دوستى جېففىرسون ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مېدىسون ئۇنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ۋېرگىنىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. شۇ پېتى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇ ئاساسى قانۇنغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىنى ساقلاپ كەلدى. ئەمما شۇ ئارقىلىق يەنە سىياسىي كاپىتالغا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە بولۇپ باقمىدى. 1829-يىلى ئۇ ۋېرگىنىيە شىتاتى قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلەشمە رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزى 50 نەچچە يىل ئىلگىرى تۈزۈشكە قاتناشقان شىتات ئاساسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزگەن.

مېدىسون ۋېرگىنىيەدىكى ئېكىنزارلىقىغا قايتىپ كەلدى، بۇ يەر ئۇنى ئۆستۈرگەن ئانا ماكانى ئىدى. مېدىسون ئازادە ئېكىنزارلىقتا ئۆزىنىڭ ئايالى بىلەن قالغان ئۆمرىنى راھەت ئىچىدە ئۆتكۈزگەن. ۋېرگىنىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىدىن باشقا، ھېچقانداق ۋەزىپىدە بولۇپ باقمىغان.

1836-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، مېدىسون شۇ يەردە ۋاپات بولدى. ئۇ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، ئۇنىڭ بىر دوستى ئۇنى گەپ قىلماسلىققا تەسەلللى قىلدى، بۇ ۋاقىتتا ئۇ يۇمۇرلۇق قىلىپ: «كارىۋاتتا گەپ قىلسا بەك راھەت ھېس قىلىمەن» دېگەن. ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن، ئۇنى «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنىگىچە ياشىغۇزۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنى بىرخىل روھلاندۇرۇپ ئادەم ھاياتىنى ئۇرغۇتىپ تۇرىدىغان دورىنى ئىچىشنى تەۋسىيە قىلغاندا، ئۇ بۇنى رەت قىلغان. نەتىجىدە، 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇستەقىللىق كۈنىدىن نەچچە كۈن بۇرۇنلا ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئۇزۇن مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

مېدىسون ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئاساسى قانۇن تۈزۈش يىغىنىدىكى قوليازمىلىرىنى ھۆكۈمەتكە سېتىپ بەرگەن. بۇ قىممەتلىك ماتېرىياللاردىن ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر خەۋەرسىز.

بۇ ماتېرىيالنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: كىشىلەرنىڭ مەيلى «فېدراتسىيە ئاساسى قانۇنى»نى ياراتقۇچى ئېنژېنىرلارنى لاياقەتلىك دەپ سايلاش-سايلىماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى ئۇلەر سالغان چوڭ سارايلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەن ئۆزۈمنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس ئېتىقادىنى بىلدۈرۈپ قويۇش مەسئۇلىيىتىم بار دەپ ئويلايمەن، چۈنكى مەن پۇرسەت بولسىلا ئۆزۈم قۇرۇلتايىدىكى كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىمەن، شۇ سەۋەبلىك مەندە تۆۋەندىكىدەك ئېتىقاد شەكىللەندى. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى: 1787-يىلىدىكى ئاساسى قانۇن تۈزۈش يىغىنى ھەمدە يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئىنتايىن ئۇلۇغۋار ھەمدە مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىسىگە يۈكلىگەن. يۈكسەك ساپ مەقسەت بىلەن، كىشىلەر تاپشۇرغان ئۇلۇغۋار نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىر يۈرۈش مۇكەممەل بولغان ئاساسى قانۇن تۈزۈلمىسىنى لايىھىلىدى ھەمدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئەسلىدە بار بولغان ئاساسى قانۇندىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش ئارقىلىق، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەركىنلىكى، بەختىگە كاپالەتلىك قىلغان. بۇنداق يىغىن تارىختا ئەزەلدىن بولۇپ باققان ئەمەس.

كىشىلەر ئادەتتە خەۋەرسىز ئەھۋاللار شۇكى، مېدىسوننىڭ ئىككى مۇئاۋىن پىرىزدېنتلىرىنىڭ ئىككىلىسىلا خىزمەت ۋاقتىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان، شۇ سەۋەبلىك ئۇ ئۆزى ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلغان.

مېدىسون ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ يازغان «دۆلىتىمگە قىلىنغان سەمىمي نەسىھەت» ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا مېدىسون مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: «مەن ئىچ-ئىچىمدىن چىققان سەمىمىي نەسىھەتىم ۋە چوڭقۇر ئېتىقادىم بىلەن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۆلىتىمنى ئاداققىچە قوغدايمەن».[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#