سۈيدۈك تۇتالماسلىق
سۈيدۈكنىڭ ئىختىيارسىز ھالدا مېڭىپ كېتىشى سۈيدۈك تۇتالماسلىق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەللىك، سۈيدۈك چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ تۇغما كەمتۈكلۈكى، دوۋساق مۇسكۇللىرىنىڭ زەخىملىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان سۈيدۈك كونترول قىلغىلى بولماي ئىختىيارسىز چىقىپ كېتىش ئالامىتى كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۈرلەرگە بۆلۈنىشى
سۈيدۈك تۇتالماسلىق سەۋەبلىرىگە قاراپ بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ
1. پەۋقۇلئاددە سوغۇقلۇق ۋە ھۆللۈك تەسىرىدىن سۈيدۈكلۈك ياكى سۈيدۈك خالتىسىنى ئوراپ تۇرغۇچى سېرىقئەتلەر بوشاپ كېتىپ، سۈيدۈك سۈيدۈكلۈككە توپلانماي تۇرۇپلا چىقىپ كېتىدۇ.
ئالامىتى: بەدەندە سوغۇق ئاشقانلىقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، سۈيدۈك ئاق كېلىدۇ. ئاغرىق ۋە ئېچىشىش ئەھۋاللىرى بولمايلا سۈيدۈك ئىختىيارسىز ھالدا چىقىپ كېتىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ھۆل ۋە سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەردە، سوغۇق ۋە ھۆللۈكتىن بولغان كېسەللىكلەردىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. تىل تېنى سۇس بولۇپ، ئۈستىنى ئاق گەز باغلايدۇ. تومۇرى بوش، ئاستا سوقىدۇ.
2. بەل ئومۇرتقىلارنىڭ سىرتقى تەرەپتىن زەخىملىنىشى بىلەن بىللە سۈيدۈكلۈكنىڭمۇ زەخىملەنگەنلىكى تۈپەيلىدىن سۈيدۈك تۇتالماسلىق كېلىپ چىقىدۇ.
بۇنىڭدا ئىككى خىل ئەھۋال بولىدۇ:
1) ئومۇرتقىلار زەخىملىنىش بىلەن بىرگە سۈيدۈكلۈك بوغۇنچىلىرىدىن بىرەرسى ئۈزۈلگەن بولىدۇ.
ئالامىتى: يەرلىك ئورۇن جاراھەتلىنىدۇ، قاتتىق ئاغرىيدۇ، ھەتتا ھوشىدىن كېتىدۇ. سۈيدۈك تۇتۇلىدۇ ياكى سىلسىل بەۋل بولىدۇ.
2) بوغۇنچىلار ئۈزۈلمەستىن ئۆز ھالىتىدە بولىدۇ. ئەمما ئومۇرتقىلارنىڭ چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدىن بوغۇنچىلار سۇزۇلۇپ كەتكەنلىكتىن، سۈيدۈك خالتىسى ۋە ئۇنى سىقىپ تۇتقۇچى سېرىقئەتلەر زەرەرگە ئۇچرايدۇ.
3. سۈيدۈكلۈكتە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىقلىق ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكتىن، سۈيدۈك تۇتالماسلىق كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بىمارنىڭ مىزاجىدا ئىسسىقلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. سۈيدۈك قىزغۇچ رەڭدە كېلىدۇ. ئىسسىق نەرسىلەر زىيان قىلىدۇ.
4. سۈيدۈكلۈككە قوشنا ئەزالار ئىششىقى، مەسىلەن: بالىياتقۇ، چوڭ ئۈچەي ئىششىقى تۈپەيلىدىن، سۈيدۈكلۈك سىقىلىپ سۈيدۈك تۇتالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. يېمەكلىكلەر سەۋەبىدىنمۇ سۈيدۈك تۇتالماسلىق كېلىپ چىقىدۇ.
سەۋەبى: شاراب، مېۋە-چېۋە، قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىق سۈيدۈكنى راۋان قىلغۇچى نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.[0]
2-رېتسېپ
تەركىبى: قەلەمپۇر، ئاقىرقەرھا، زۇرانبات، جويۇز، مەستىكى رۇمى، زەنجىۋىل، تۇخۇمى خەشخاش، خولىنجان 60 گىرامدىن، قىزىلگۈل، ئانارگۈل، لاچىندانە ھىندى، بۇقا ئالىتى 30 گىرامدىن، ناۋات بىر ھەسسە، ھەسەل ئىككى ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ناۋاتنى قىيام قىلىپ، ھەسەل، ناۋات قىيامى ۋە باشقا دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ 30 كۈن تۇرغۇزۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: ئاقاقىيا، ئانارگۈلى توققۇز گىرامدىن، ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل ئالتە گىرامدىن، ھەببۇلئاس سەككىز گىرام، كۇندۇر ئۈچ گىرام، قىزىل ماش، قەسبۇس زەرىرە، قىيمىقۇ ئۇرۇقى، سەمغى ئەرەبى، تاباشىر ئالتە گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، مېۋە قىيامى بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىر تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى
http://www.tibbiyjawhar.com/html/medical/burek/2013/1208/358.html
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.