ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار دەۋالاشقۇچىلارغا ياردەم بىرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمە

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە ھەقىقەتەن قىيىن

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار دەۋالاشقۇچىلارغا ئەدلىيە جەھەتتىن ياردەم بىرىش ھەققىدىكى بەلگىلمىسى 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمسى سوت ھەيئەتنىڭ 1124-قېتىملىق يىغىندا ماقۇللانغان، 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمسى سوت ھەيئەتلىرىنىڭ 1347-قېتىملىق يىغىندا تۈزىتىلگەن.


ئۇيغۇرچە نامى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار دەۋالاشقۇچىلارغا ئەدلىيە جەھەتتىن ياردەم بىرىش ھەققىدىكى بەلگىلمىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于对经济确有困难的当事人提供司法救助的规定
تۈزىتىلگەن ۋاقتى 2005-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-ماددا بۇ بەلگىلمە ئىقتىسادى جەھەتتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بۇيىچە يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش مەقسىتىدە ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى، مەمۇرى دەۋا قانۇنى ۋە خەلق سوت مەھكىملىرىنىڭ دەۋا ھەققى ئېلىش چارىسىگە ئاساسەن تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ بەلگىلمىدە كۆرسىتىلگەن ئەدىليە جەھەتتىن يارىدەم بىرىش دىگەندە خەلق سوت مەھكىملىرى دەۋالاشقۇچىلار ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن خەلق سوت مەھكىمسىگە ھەق تەلەپ دەۋا ، مەمۇرى دەۋا قىلغان، ئەمما ئىقتىسادى جەھەتتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقلىرى بولغانلىرىغا دەۋا ھەققىنى كېمەيتىش، كىچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، كەچۈرۈم قىلىشنى تەتبىقلاشنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا دەۋالاشقۇچىلاردىن بۇ بەلگىلمىنىڭ 2-ماددىسىغا ئۇيغۇن كەلگەن ھەمدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى خەلق سوت مەھكىمسىگە ئەدىليە جەھەتتىن يارىدەم بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ.

1) قاراش ھەققى، بېقىپ تەربىيلەش ھەققى، بىقىش ھەققى، بەپىقە پۇلى بىرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا

2) ئىگە-چاقسىز ياشانغانلار، يىتىم بالىلار ۋە يېزلاردىكى «بەشتە كاپالەتلەندۈردىغان ئائىلە»لەر بولسا:

3) تۇرمۇشتا مۇقىم كىرىمى يوق، مىيىپ، ئىغىر كىسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا:

4) دۆلەت بەلگىلگەن ئالاھىدە يار-يۆلەكتە بولۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئوبىكتىلىرى بولغان بولسا؛

5) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى، ئەمگەك ھەققى ۋە ئىقتىسادى تۇلۇقلىما پۇلى بىرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا؛

6) قاتناش ھادىسىسى، داۋالاش ھادىسىسى ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىيىتىگە دەخلى يەتكۈزۈش ۋەقەلىرىدىكى زىيانلانغۇچىلار تۆلەم تەلەپ قىلماقچى بولسا؛

7) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن، ياكى جامائەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش يولىدا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇ مەنپەتى دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، ئۆزى ياكى يېقىن تۇققانلىرى تۆلەپ بىرىشنى ياكى ئىقتىسادى تۇلۇقلىما بىرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا؛

8) شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلۋاتقانلار ئەمگەك ھەققى تەلەپ قىلماقچى ياكى قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەئىتى دەخلى تەرۇزگە ئۇچراپ تۆلەم بىرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا ؛

9) شەھەردىكى ئەڭ تۇۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بۇلىۋاتقانلار، يېزىلاردىكى قۇتقۇزۇشقا تاينىدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار ياكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بۇلىۋاتقانلار، باشقا كىرىمى بولمىغانلار؛

10) تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان كۈچ سەۋەبىدىن تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان، جەمئىيەتنىڭ قۇتقۇزۇشىدىن بەھرىمەن بۇلىۋاتقان ياكى ئائىلە ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكىنى داۋاملاشتۇرالمايۋاتقانلار بولسا؛

11) دىھقانلاردىن مەمۇرى ئورگانلار قانۇنغا خىلاپ مەجبۇرىيەت ئۈتەشنى تەلەپ قىلدى، دەپ ئەرز قىلغان بولسا؛

12) باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قانۇن ياردىمىنى قۇبۇل قىلۋاتقانلار بولسا؛

13) دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنى، ياشانغانلار ساناتۇرىيىسى، يار-يۈلەكتە بۇلۇش دوختۇرخانىسى، روھى كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، sosبالىلار كەنتى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئورنى، ئالاھىدە مائارىپ ئاپپاراتى قاتارلىق ئىجتىمائىي جامائەت پاراۋانلىق ئورۇنلىرى بولغان بولسا؛

14) باشقا ئالاھىدە ئەھۋاللار بۇلۇپ، ئەدىلىيە جەھەتتىن ياردەم بىرىشكە تىگىشلىك بولسا.

4-ماددا دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئەدىلىيە جەھەتتىن ياردەم بىرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىلتىماس قىلسا ياكى قايتا ئىلتىماس قىلغاندا، يازما ئىلتىماس سۇنۇشى ھەمدە ئىقتىسادى جەھەتتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادى جەھەتتىن ھەقىقەتەن قىيىنىچلىقى بار ياكى ئاساسى تۇرمۇش خىراجىتى بىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئەدىلىيىلىك ياردەم بىرىشنى تەلەپ قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ھەمدە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ شۇ جايدىكى خەلق ئىشلار تارماقلىرى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت  تارماقلىرى قاتارلىق ئورۇنلار بەلگىلىگەن ئىقتىسادى قىيىنچىلىق ئۆلچىمىگە چۈشىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك 

5-ماددا خەلق سوت مەھكىمىللىرى دەۋالاشقۇچىلارنى ئەدىلىيە جەھەتتىن ياردەم بىرىش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ بەلگىلىمىنىڭ 3-ماددىسىدىكى ئەھۋالغا ماس كىلىدۇ، دەپ قارىسا دىلو تۇرغۇزغاندا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھەققىنى كىچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك.

6-ماددا خەلق سوت مەھكىملىرى داۋالاشقۇچى بىر تەرەپكە ئەدىلىيە جەھەتتىن ياردەم بىرىشنى قارار قىلغان، قارشى تەرەپ دەۋادا يېڭىلگەن بولسا، دەۋا ھەققىنى قارشى تەرەپنىڭ تاپشۇرۇشىنى ھۈكۈم قىلىشى كېرەك، تاپشۇرمىغانلىرى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا بۇلىدۇ.

قارشى تەرەپ دەۋالاشقۇچى دەۋادا يەڭگەن بولسا، ئەدىلىيە جەھەتتىن ياردەم بىرىشنى ئىلتىماس قىلغان دەۋالاشقۇچى تەرەپنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا قاراپ دەۋا ھەققىنى كىمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلىش كېرەك. دەۋا ھەققىنى كىمەيتىپ تاپشۇرۇش نىسبىتى %30 تىن كەم بولسا بولمايدۇ. بۇ بەلگىلىمىنىڭ 3-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 9-تارمىقىغا ئۇيغۇن كەلگەن ئەھۋاللار بولسا، دەۋا ھەققى كەچۈرۈم قىلىنسا بۇلىدۇ.

7-ماددا دەۋالاشقۇچىلار دەۋا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان دېلودا دېلو بېجىرگۈچى، سوتچى ياكى كېڭەشمە سوت خادىملىرى ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوللېگىيە باشلىقىنىڭ تەستىقلىشغا يوللايدۇ. كېمەيتىپ تاپشۇرۇش، كەچۈرۈم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلغانلىرىدا دىلو بىجىرگۈچى سوتچى ياكى كىڭەيشىمە سوت خادىملىرى ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، كوللىگىيە باشلىقى تەستىقلاپ قۇشۇلغاندىن كىيىن مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ

8-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھەققىنى كېمەيتىپ تاپشۇرۇشنى، ئۈنى كۈچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلغاندا، بۇنى قانۇن ھۆججەتلىرىدە ئىزاھلاپ قۇيۇشى كېرەك.

9-ماددا دەۋالاشقۇچىلار ئەدلىيىلىك ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا كۈز بۇيامچىلىق قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۇلارنى دەۋا ھەققىنى تۇلۇقلاپ تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، تاپشۇرمىغانلىرىنى دەۋا ئىشلىرىغا دەخلى قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ

10-ماددا بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#