جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى» 2015-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللانغان، ھازىر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى» ئېلان قىلىنغان، 2015-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورۇن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دائىمىي كومىتېتى
تۈزىتىلگەن ۋاقتى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国广告法
ماقۇللانغان ۋاقتى 1994-يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى
يولغا قۇيۇلغان ۋاقتى 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(1994-يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2015-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن).

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

22-نومۇرلۇق

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى» 2015-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللانغان، ھازىر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى» ئېلان قىلىنغان، 2015-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

                                                  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

                                                     2015-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ئېلان پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئېلانچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە تاۋار تىجارەتچىلىرى ياكى مۇلازىمەتچىلەر مەلۇم ۋاسىتە ياكى شەكىل ئارقىلىق بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئۆزى ساتماقچى بولغان تاۋار ياكى قىلماقچى بولغان مۇلازىمەتنى تونۇشتۇرىدىغان سودا ئېلان پائالىيەتلىرىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلان ئىگىسى دېگىنىمىز، تاۋار سېتىش ياكى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزى ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئېلان لايىھەلەيدىغان، ئىشلەيدىغان، چىقىرىدىغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلان تىجارەتچىسى دېگىنىمىز، ھاۋالە بويىچە ئېلان لايىھەلەيدىغان، ئىشلەيدىغان ۋاكالەت مۇلازىمىتى قىلىدىغان تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلان چىقارغۇچى دېگىنىمىز، ئېلان ئىگىسى ياكى ئېلان ئىگىسى ھاۋالە قىلغان ئېلان تىجارەتچىسى ئۈچۈن ئېلان چىقىرىپ بېرىدىغان تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلان ۋاكالەتچىسى دېگىنىمىز، ئېلان ئىگىسىدىن باشقا، ئېلاندا ئۆز نامى ياكى ئوبرازى ئارقىلىق تاۋار، مۇلازىمەتنى تونۇشتۇرىدىغان، ئىسپاتلايدىغان تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ئېلان چىن، قانۇنلۇق بولۇشى، ئېلان مەزمۇنىنى ساغلام ئىپادىلەش شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلىشى، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

4-ماددا ئېلاندا ساختا ياكى ئىستېمالچىلارنى خاتا يېتەكلەيدىغان، ئالدايدىغان مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئىستېمالچىلارنى ئالداشقا ياكى ئۇلارنى خاتا يېتەكلەشكە بولمايدۇ.

ئېلان ئىگىسى ئېلان مەزمۇنىنىڭ چىنلىقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

5-ماددا ئېلان ئىگىسى، ئېلان تىجارەتچىسى، ئېلان چىقارغۇچى ئېلان پائالىيىتى قىلغاندا، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، سەمىمىي بولۇشى، لەۋزىدە تۇرۇشى، ئادىل رىقابەتلىشىشى كېرەك.

6-ماددا گوۋۇيۈەن نىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەملىكەت بويىچە ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەن نىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك ئېلان باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ تەۋەلىكىدىكى ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئېلان باشقۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

7-ماددا ئېلان ساھە تەشكىلاتلىرى قانۇن-نىزاملاردىكى ۋە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ساھە قائىدىسىنى چىقىرىشى، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىشى، ساھە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئەزالىرىنى ئېلان پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قىلىشقا يېتەكلىشى، ئېلان ساھەسىنىڭ سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

2-باب ئېلان مەزمۇنىنىڭ مىزانى

8-ماددا ئېلاندا تاۋارنىڭ ئىقتىدارى، رولى، ئىشلەپچىقىرىلغان جايى، ئىشلىتىلىش ئورنى، سۈپىتى، تەركىبى، باھاسى، ئىشلەپچىقارغۇچى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ۋە ئۇ ھەقتىكى ۋەدە ياكى مۇلازىمەتنىڭ مەزمۇنى، مۇلازىمەت قىلغۇچى، شەكلى، سۈپىتى، باھاسى ۋە ئۇ ھەقتىكى ۋەدە قاتارلىقلارنى ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە، توغرا، ئېنىق، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەش كېرەك.

ئېلاندا تونۇشتۇرۇلغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە تاۋار ياكى مۇلازىمەت سوۋغا قىلىنىدىغان بولسا، مۇلازىمەتنىڭ تۈرى، ئۆلچىمى، مىقدارى، مۇددىتى ۋە ئۇسۇلى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئېلان مەزمۇنىنى ئېنىق ئىپادىلەش بەلگىلەنگەن بولسا، روشەن، ئېنىق ئىپادىلەش كېرەك.

9-ماددا ئېلاندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ:

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت شېئىرى، دۆلەت گېربى، ئارمىيە بايرىقى، ئارمىيە مارشى، ئارمىيە گېربىنى ئىشلىتىش ياكى باشقا يول بىلەن ئىشلىتىش؛

(2) دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ نامىدىن ياكى ئوبرازىدىن پايدىلىنىش ياكى باشقا ئۇسۇلدا پايدىلىنىش؛

(3) «دۆلەت دەرىجىلىك»، «ئالىي دەرىجىلىك»، «ئەڭ ياخشى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىش؛

(4) دۆلەتنىڭ ئىززىتى ياكى مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛

(5) ئىجتىمائىي تىنچلىققا دەخلى يەتكۈزۈش، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش؛

(6) كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، شەخسىي سىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش؛

(7) جامائەت تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزۈش ياكى ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بۇزۇش؛

(8) شەھۋانىيلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، خۇراپىيلىق، تېررورلۇق، زوراۋانلىققا ياتىدىغان مەزمۇن بولۇش؛

(9) مىللەتنى، ئىرقنى، دىننى، جىنسنى كەمسىتىدىغان مەزمۇن بولۇش؛

(10) مۇھىت ۋە تەبىئىي بايلىق ياكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا دەخلى يەتكۈزۈش؛

(11) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا ئەھۋاللار.

10-ماددا ئېلاندا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە مېيىپلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

11-ماددا ئېلان مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا مەمۇرىي ئىجازەت ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئىجازەت بېرىلگەن مەزمۇن بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك.

ئېلاندا سانلىق مەلۇمات، ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى، تەرمىلەر، سىتات قاتارلىقلار نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولسا، ئۇنىڭ مەزمۇنى چىن، ھەقىقىي، توغرا بولۇشى ھەمدە ئېلىنغان ئورنى ئېنىق ئىپادىلىنىشى كېرەك. سىتات مەزمۇنلىرىدىن تەتبىقلاش دائىرىسى ۋە كۈچكە ئىگە مۇددىتى بولغانلىرىنى ئېنىق ئىپادىلەش كېرەك.

12-ماددا ئېلان پاتېنتلىق مەھسۇلاتقا ياكى پاتېنت ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئېلاندا پاتېنت نومۇرى ۋە پاتېنت تۈرىنى ئىزاھلاپ قويۇش كېرەك.

پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشمىگەنلىرىنى ئېلاندا پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن دەۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

پاتېنت ھوقۇقى بېرىلمىگەن پاتېنت ئىلتىماسى ۋە ئاخىرلاشتۇرۇلغان، بىكار قىلىنغان، كۈچتىن قالغان پاتېنتنى ئېلاندا بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

13-ماددا ئېلاندا باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋىرىنى ۋە مۇلازىمىتىنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.

14-ماددا ئېلان پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان بولۇشى، ئىستېمالچىلار ئېلان ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

ئېلاننى ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ئاخبارات خەۋەرلىرى شەكلىدە باشقىچە يول بىلەن بېرىشكە بولمايدۇ. ئىستېمالچىلارغا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئاممىۋى تاراتقۇلاردا بېرىلگەن ئېلانلارغا ئېلان دېگەن بەلگىنى قويۇپ، ئۇنى غەيرىي ئېلان ئۇچۇرلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئېلان بەرگەندە، گوۋۇيۈەن نىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ۋاقتى، ئۇسۇلى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى ھەم ئېلان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق كۆرسەتمە بېرىشى كېرەك.

15-ماددا ناركوز دورىسى، روھىي دورا، داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان زەھەرلىك دورا، رادىيوئاكتىپلىق دورا قاتارلىق ئالاھىدە دورىلار ۋە زەھەر ياسىۋالغىلى بولىدىغان دورا تۈرىدىكى خىمىيەلىك بۇيۇملار شۇنىڭدەك زەھەر تاشلىتىشقا ۋە داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىسى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى ھەققىدە ئېلان بېرىشكە بولمايدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن رېتسېپلىق دورىلار ھەققىدىكى ئېلاننى گوۋۇيۈەن نىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەن نىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىرلىكتە بېكىتكەن مېدىتسىنا كەسپى، دورىگەرلىك كەسپىي ژۇرناللاردىلا بېرىشكە بولىدۇ.

16-ماددا داۋالاش ئېلانى، دورا ئېلانى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئېلانلىرىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولسا بولمايدۇ:

(1) رولى، بىخەتەرلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ياكى كاپالەت بېرىش؛

(2) ساقىيىش نىسبىتى ياكى دورىنىڭ ئۈنۈم نىسبىتى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش؛

(3) باشقا دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ رولى ۋە بىخەتەرلىكى بىلەن ياكى باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش؛

(4) ئېلان ۋاكالەتچىسى ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش، ئىسپاتلاش؛

(5) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا مەزمۇنلار.

دورا ئېلانىنىڭ مەزمۇنى گوۋۇيۈەن نىڭ دورا نازارەتچىلىك تارمىقى تەستىقلىغان چۈشەندۈرمە بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك ھەمدە پەرھىزى ۋە ئەكس تەسىرىنى ئېنىق ئىپادىلەش كېرەك. رېتسېپلىق دورا ئېلانىدا «بۇ ئېلاننى پەقەت مېدىتسىنا كەسپى، دورىگەرلىك كەسپى خادىملىرىلا كۆرسە بولىدۇ» دەپ ئېنىق ئىپادىلەش كېرەك، رېتسېپسىز دورا ئېلانىدا «دورا چۈشەندۈرمىسى ياكى دورىگەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سېتىۋېلىڭ ۋە ئىشلىتىڭ» دەپ ئېنىق ئىپادىلەش كېرەك.

شەخسلەرگە تونۇشتۇرۇلغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئېلانىدا «مەھسۇلات چۈشەندۈرمىسىنى تەپسىلىي كۆرۈڭ ياكى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سېتىۋېلىڭ ۋە ئىشلىتىڭ» دەپ ئېنىق ئىپادىلەش كېرەك. داۋالاش ئۈسكۈنىسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان ئىسپات، ھۆججەتلىرىدە پەرھىز قىلىش مەزمۇنى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بولسا، ئېلاندا «پەرھىز تۇتۇلىدىغان، دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشكە قاراڭ» دەپ ئىپادىلەپ قويۇش كېرەك.

17-ماددا داۋالاش ئېلانى، دورا ئېلانى، داۋالاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئېلانلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئېلاندا كېسەل داۋالاش رولىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن بولۇش مەنئى قىلىنىدۇ ھەمدە داۋالاش سۆزلىرى ياكى تونۇشتۇرۇلىدىغان تاۋار بىلەن دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئوڭاي ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

18-ماددا ساغلاملىق يېمەكلىكى ئېلانىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولسا بولمايدۇ:

(1) رولىغا، بىخەتەرلىكىگە ھۆكۈم قىلىدىغان ياكى كاپالەت بېرىدىغان مەزمۇن؛

(2) كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش رولىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن؛

(3) ئېلان قىلىنغان تاۋارنى ساغلاملىقنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ شەرتى دېيىلگەن ياكى ئۇ ھەقتە بېشارەت بېرىدىغان مەزمۇن؛

(4) دورا ۋە باشقا ساغلاملىق مەھسۇلاتى بىلەن سېلىشتۇرغان مەزمۇن؛

(5) ئېلان ۋاكالەتچىسى تونۇشتۇرغان، ئىسپات بەرگەن مەزمۇن؛

(6) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا مەزمۇنلار.

ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ئېلانىدا «بۇ مەھسۇلاتنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ» دەپ ئېنىق ئىپادىلەش كېرەك.

19-ماددا رادىيو ئىستانسىلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى، ژۇرنال، ئۈن-سىن نەشرىيات ئورۇنلىرى، ئالاقە تورى، خەۋەرلىشىش، ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ساغلاملىق، كۈتۈنۈش بىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇش شەكلىدىن پايدىلىنىپ داۋالاش، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىسى، ساغلاملىق يېمەكلىكى ھەققىدە ئېلان بەرسە بولمايدۇ.

20-ماددا ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ياكى جامائەت سورۇنلىرىدا ئانا سۈتى ئورنىدا ئىشلىتىشكە تامامەن بولىدىغان ياكى قىسمەن بولىدىغان بوۋاقلار سۈت مەھسۇلاتى، ئىچىملىك ۋە باشقا يېمەكلىك دەپ ئېلان بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

21-ماددا دېھقانچىلىق دورىلىرى، ھايۋانات دورىلىرى، يەم-خەشەك ۋە يەم-خەشەك خۇرۇجلىرىنىڭ ئېلانىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولسا بولمايدۇ:

(1) رولى، بىخەتەرلىكىگە ھۆكۈم قىلىدىغان ياكى كاپالەت بېرىدىغان مەزمۇن؛

(2) پەن تەتقىقات ئورنى، ئىلمىي مۇھاكىمە ئاپپاراتى، تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتى، ساھە جەمئىيىتى ياكى كەسپىي زات، ئىستېمالچىنىڭ نامى ياكى ئوبرازىدىن پايدىلىنىپ تونۇشتۇرىدىغان، ئىسپاتلايدىغان مەزمۇن؛

(3) ئۈنۈمىنى چۈشەندۈرىدىغان مەزمۇن؛

(4) بىخەتەر ئىشلىتىش قائىدىسىگە خىلاپ خەت، سۆز ياكى كۆرۈنۈش؛

(5) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا مەزمۇنلار.

22-ماددا ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ياكى جامائەت سورۇنلىرىدا، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىدا، تالا ئېلانىدا تاماكا ھەققىدە ئېلان بېرىشكە بولمايدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھەرقانداق شەكىلدىكى تاماكا ئېلانلىرىنى ئەۋەتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

باشقا تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئېلانى، جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانىدىن پايدىلىنىپ تاماكىنىڭ نامى، ماركىسى، ئورۇسى، بېزىكى ۋە شۇ خىلدىكى مەزمۇنلارنى تەشۋىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

تاماكا ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى ساتقۇچىنىڭ كۆچۈش، نامىنى ئۆزگەرتىش، تەكلىپ قىلىش قاتارلىق ئىشلىرىدا تاماكىنىڭ نامى، ماركىسى، ئورۇسى، بېزىكى ۋە شۇ خىلدىكى مەزمۇن بولسا بولمايدۇ.

23-ماددا ھاراق ئېلانىدا تۆۋەندىكى مەزمۇن بولسا بولمايدۇ:

(1) ھاراق ئىچىشكە قىزىقتۇرىدىغان، كۈشكۈرتىدىغان ياكى ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىشنى تەشۋىق قىلىدىغان مەزمۇن؛

(2) ھاراق ئىچىۋاتقان كۆرۈنۈش؛

(3) ئاپتوموبىل، كېمە-پاراخوت، ئايروپىلان ھەيدەۋاتقان كۆرۈنۈش؛

(4) ھاراق ئىچسە جىددىيلىشىش ۋە تەشۋىشلىشىشنى تۈگىتىدىغان، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدىغان رولى ۋە ئۈنۈمىنىڭ بارلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان ياكى ئۇنىڭدىن بېشارەت بېرىدىغان مەزمۇن.

24-ماددا ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش ئېلانىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولسا بولمايدۇ:

(1) ئۆرلەپ ئوقۇشقا، ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە، ئىلمىي ئۇنۋان ئېلىشقا، ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشىشكە ياكى لاياقەت گۇۋاھنامىسى ئېلىشقا ۋە ياكى ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش ئۈنۈمىگە ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن كاپالەت ۋەدىسى بېرىدىغان مەزمۇن؛

(2) مۇناسىۋەتلىك ئىمتىھان ئاپپاراتى ياكى ئۇنىڭ خادىملىرى، ئىمتىھان سوئالىنى چىقارغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش، تەربىيەلەشكە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان ياكى ئۇنىڭدىن بېشارەت بېرىدىغان مەزمۇن.

(3) پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىلمىي مۇھاكىمە ئاپپاراتلىرى، مائارىپ ئاپپاراتلىرى، ساھە جەمئىيەتلىرى، كەسپىي زاتلار، مەنپەئەتدارلارنىڭ نامى ياكى ئوبرازىنى تونۇشتۇرىدىغان، ئىسپاتلايدىغان مەزمۇن؛

25-ماددا سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق مەبلەغ سېلىپ پايدا ئېلىشنى كۆزلەيدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئېلانىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار بولغان خەۋپ-خەتەر ھەم خەۋپ-خەتەر مەسئۇلىيىتى ھەققىدە مۇۋاپىق ئەسكەرتمە ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى ھەمدە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك:

(1) كەلگۈسىدىكى ئۈنۈمى، پايدىسى ياكى ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار توغرىسىدا كاپالەت ۋەدىسى بېرىش، دەسمايىنى ساقلاپ قېلىش، خەۋپ-خەتەر يوق بولۇش ياكى پايدا ئېلىشقا كاپالەت بېرىش قاتارلىقلارنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان ياكى ئۇنىڭدىن بېشارەت بېرىدىغان مەزمۇن، دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(2) ئىلمىي مۇھاكىمە ئاپپاراتلىرى، ساھە جەمئىيەتلىرى، كەسپىي زاتلار، مەنپەئەتدارلارنىڭ نامى ياكى ئوبرازىدىن پايدىلىنىپ تونۇشتۇرىدىغان، ئىسپاتلايدىغان مەزمۇن.

26-ماددا ئۆي-زېمىن ئېلانلىرىدا، ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرى راست بولۇشى، كۆلىمىدە قۇرۇلۇش كۆلىمى ياكى ئىچكى قۇرۇلۇش كۆلىمى ئېنىق ئىپادىلىنىشى ھەمدە ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك:

(1) قىممىتى ئاشىدۇ ياكى مەبلەغ سالسا پايدا كېلىدۇ دەپ ۋەدە بېرىدىغان مەزمۇن؛

(2) قۇرۇلۇشنىڭ ئورنىنى شۇ قۇرۇلۇشتىن مەلۇم بىر كونكرېت سېلىشتۇرما جىسىمغا بارغىچىلىك كەتكەن ۋاقىت ئارقىلىق كۆرسىتىدىغان مەزمۇن؛

(3) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار باھا باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ كېلىدىغان مەزمۇن؛

(4) يىرىك پىلان ياكى  قۇرۇلۇۋاتقان قاتناش، سودا، مەدەنىيەت-مائارىپ ئەسلىھەلىرىنى شۇنىڭدەك باشقا شەھەر مەمۇرىيىتى شارائىتىنى باھانە قىلىپ خاتا يېتەكلەيدىغان تەشۋىقات.

27-ماددا زىرائەت ئۇرۇقى، دەل-دەرەخ ئۇرۇقى، ئوت-چۆپ ئۇرۇقى، نەسىللىك چارۋا-قۇش، سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇقى ۋە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئېلانىدىكى سورت نامى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئۆسۈش مىقدارى ياكى مەھسۇلات مىقدارى، سۈپىتى، چىدامچانلىقى، ئالاھىدە ئىشلىتىش قىممىتى، ئىقتىسادىي قىممىتى، تېرىشقا ياكى بېقىشقا باپ كېلىشى ۋە ياكى بېقىش دائىرىسى ۋە شارائىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بايانلار راست، ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولۇشى ھەمدە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك:

(1) ئىلىم-پەندە ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ دەيدىغان ھۆكۈم؛

(2) رولىنى ئىپادىلەيدىغان ھۆكۈم ياكى كاپالەت؛

(3) ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھەققىدىكى تەھلىل، مۆلچەر ياكى كاپالەتلىك ۋەدە؛

(4) پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىلمىي مۇھاكىمە ئاپپاراتلىرى، تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى، ساھە جەمئىيەتلىرى ياكى كەسىپي زاتلار، خېرىدارلارنىڭ نامى ياكى ئوبرازىدىن پايدىلىنىپ تونۇشتۇرىدىغان، ئىسپاتلايدىغان مەزمۇن.

28-ماددا ساختا ياكى خاتا چۈشەنچە بېرىدىغان مەزمۇنلار بىلەن ئىستېمالچىلارنى ئالدايدىغان، خاتا يېتەكلەيدىغان ئېلان ساختا ئېلان بولىدۇ.

ئېلاندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا ساختا ئېلان بولىدۇ:

(1) تاۋار ياكى مۇلازىمەت مەۋجۇت بولمىغان ئېلان؛

(2) تاۋارنىڭ ئىقتىدارى، رولى، ئىشلەنگەن جايى، ئىشلىتىلىشى، سۈپىتى، ئۆلچىمى، تەركىبى، باھاسى، ئشلەپچىقارغۇچى، كۈچكە ئىگە ۋاقتى، سېتىلىش ئەھۋالى، ئېرىشكەن شەرىپى قاتارلىق ئۇچۇرلار ياكى مۇلازىمەت مەزمۇنى، تەمىنلىگۈچى، شەكلى، سۈپىتى، باھاسى، سېتىلىش ئەھۋالى، ئېرىشكەن شەرىپى قاتارلىق ئۇچۇرلار شۇنىڭدەك تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە مۇناسىۋەتلىك ۋەدە قاتارلىق ئۇچۇرلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولمىغان، سېتىۋېلىشقا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېلان؛

(3) ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، ياسىۋېلىنغان ياكى ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان تەتقىقات نەتىجىسى، ئىستاتىستىكا ماتېرىيالى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى، تەرمىلەر، نەقىل كەلتۈرگەن سۆز قاتارلىق ئۇچۇلارنى ئىسپات ماتېرىيالى قىلغان ئېلان؛

(4) تاۋار ئىشلىتىش ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىش ئۈنۈمىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان ئېلان؛

(5) ساختا ياكى كىشىلەرگە خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويىدىغان مەزمۇنلار بىلەن ئىستېمالچىلارنى ئالدايدىغان، خاتا يېتەكلەيدىغان باشقا ئەھۋللار.

3-باب ئېلان ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش

29-ماددا رادىيو ئىستانىسى، تېلىۋىزىيە ئىستانىسى، گېزىت-ژۇرنال، نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن ئېلان كەسپىنى يولغا قويىدىغانلىرى مەخسۇس ئېلان كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس ئاپپاراتلارنى قۇرۇشى، زۆرۈر خادىملارنى قويۇشى، ئۇنىڭدا ئېلان بېرىشكە لايىق سورۇن، ئۈسكۈنىسى بولۇشى ھەمدە ئۇلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئېلان بېرىشنى تىزىملىتىشى كېرەك.

30-ماددا ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان بەرگۈچىلەر ئېلان پائالىيتىدە قانۇن بويىچە يازما توختام تۈزۈشى كېرەك.

31-ماددا ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان بەرگۈچىلەر ئېلان پائالىيىتىدە ھەرقانداق شەكىلدە ناتوغرا رىقابەتلەشسە بولمايدۇ.

32-ماددا ئېلان ئىگىلىرى ئېلان لايىھەلەش، ئىشلەش، ئېلان بېرىشنى ھاۋالە قىلىشتا، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئېلان تىجارەتچىسى ۋە ئېلان بەرگۈچىگە ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

33-ماددا ئېلان ئىگىلىرى ياكى ئېلان تىجارەتچىلىرىدىن ئېلاندا باشقىلارنىڭ نامى ياكى ئوبرازىدىن پايدىلانماقچى بولغانلىرى ئاۋۋال شۇلارنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇلغانلارنىڭ نامى ۋە ئوبرازىدىن پايدىلانماقچى بولغانلىرى ئاۋۋال شۇلارنىڭ ۋەسىيلىرىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

34-ماددا ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان بەرگۈچىلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئېلان كەسپىنى قوبۇل قىلىپ تىزىملاش، تەكشۈرۈش، ئارخىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان بەرگۈچىلەر قانۇن، مەمۇرىي نىزامغا ئاساسەن، ئالاقىدار ئىسپات ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرىدۇ، ئېلان مەزمۇنىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدۇ. مەزمۇنى ئۇيغۇن بولمىغان ياكى ئىسپات ھۆججەتلىرى تولۇق بولمىغان ئېلانلارنى ئېلان تىجارەتچىلىرى لايىھەلىسە، ئىشلىسە، ۋاكالەت مۇلازىمىتى قىلسا، ئېلان بەرگۈچىلەر ئۇنى چىقارسا بولمايدۇ.

35-ماددا ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان بەرگۈچىلەر ھەق ئۆلچىمى ۋە ھەق ئېلىش چارىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

36-ماددا ئېلان چىقارغۇچىلار ئېلان ئىگىلىرى ۋە ئېلان تىجارەتچىلىرىگە بەرگەن قاپلاش نىسبىتى، كۆرۈش نىسبىتى، چېكىلىش نىسبىتى، تارقىتىلىش مىقدارى قاتارلىقلارغا ئائىت ماتېرىياللار راست بولۇشى كېرەك.

37-ماددا قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا ئىشلەش-سېتىش مەنئى قىلىنغانلىقى بەلگىلەنگەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى شۇنىڭدەك ئېلان قىلىش مەنئى قىلىنغانلىقى بەلگىلەنگەن تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس لايىھەلىسە، ئىشلىسە ۋە ۋاكالەتچىلىك قىلسا، ئېلان قىلسا بولمايدۇ.

38-ماددا ئېلان ۋەكىللىرى ئېلاندا تاۋار، مۇلازىمەتنى تونۇشتۇرۇشتا ۋە ئىسپات بېرىشتە، پاكىتقا ئاساسلىنىشى، ئۇ، مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە ئىشلىتىلمىگەن تاۋار ياكى قوبۇل قىلىنمىغان مۇلازىمەتنى تونۇشتۇرماسلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئىسپات بەرمەسلىكى كېرەك.

ئون ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئېلان ۋەكىلى قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن ساختا ئېلان تونۇشتۇرغۇچى، ئىسپات بەرگۈچىگە مەمۇرىي جازا بېرىلىپ، ئۈچ يىل بولمىغانلىرىنى ئېلان ۋەكىلى قىلىشقا بولمايدۇ.

39-ماددا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىدە ئېلان پائالىيىتى قىلىشقا بولمايدۇ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە يەسلى بالىلىرىنىڭ دەرسلىكى، ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرى، مەشىق قوللانمىسى، ئوقۇش قوراللىرى، ئوقۇتۇش قوراللىرى، مەكتەپ فورمىسى، ئوقۇلبۇس قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئېلان چىقىرىشقا ياكى باشقا شەكىل بىلەن ئېلان بېرىشكە بولمايدۇ، لېكىن پاراۋانلىق ئېلانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

40-ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان ئاممىۋى تاراتقۇلاردا داۋالاش، دورا، ساغلاملىق يېمەكلىكى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، ھاراق، ھۆسن تۈزەش ئېلانلىرى شۇنىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا پايدىسىز تور ئويۇنلىرى ئېلانلىرىنى تارقىتىشقا بولمايدۇ.

14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىشلىتىدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئېلانلىرىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولسا بولمايدۇ:

(1) ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئېلاندىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىشقا قىزىقتۇرۇش ھەققىدىكى مەزمۇن؛

(2) دورىسا خەتەر كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكەت.

41-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، تالادىكى سورۇن، بوشلۇق، ئەسلىھە قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تالا ئېلانلىرىنى چىقىرىشقا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، تالا ئېلانلىرىنى چىقىرىش يىرىك پىلانى ۋە بىخەتەرلىك تەلىپىنى تۈزۈشى كېرەك.

تالا ئېلانلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى يەرلىك نىزام، يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىلىرىدە بەلگىلىنىدۇ.

42-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تالا ئېلانلىرىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ:

(1) قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسلىھەلىرى، قاتناش بەلگىلىرىدىن پايدىلىنىش؛

(2) شەھەر مەمۇرىيىتى، جامائەت ئەسلىھەسى، قاتناش بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى ۋە قاتناش بەلگىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەسى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بەلگىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈش؛

(3) ئىشلەپچىقىرىشقا ياكى خەلق تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزۈش، شەھەر قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش؛

(4) دۆلەت ئورگانلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرى ۋە داڭلىق مەنزىرىلىك رايونلاردىكى قۇرۇلۇش كونترول بەلبېغى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تالا ئېلانلىرى ئورنىتىشنى مەنئى قىلغان دائىرىگە تالا ئېلانى ئورنىتىش.

43-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئالاقىدارلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ياكى ئۇلارغا ئىلتىماس قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيى، قاتناش قورالى قاتارلىقلارغا ئېلان ئەۋەتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر يوللاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلان ئەۋەتىشىگىمۇ يول قويۇلمايدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر شەكلىدە ئېلان ئەۋەتىدىغانلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئىپادىلىشى ھەمدە قوبۇل قىلغۇچىغا داۋاملىق قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بېرىشى كېرەك.

44-ماددا ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئېلان پائالىيىتى قىلىشقا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئېلان چىقىرىش، يوللاشتا، خېرىدارلارنىڭ نورمال تور ئىشلىتىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، ئالاقە تور بېتىدە ئېلان چىقىرىش قاتارلىق شەكىللەردە ئېلان چىقىرىدىغانلار ئۆچۈرۈش بەلگىسىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ، بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئۆچۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

45-ماددا جامائەت سورۇنلىرىنى باشقۇرغۇچىلار ياكى تېلېگراف كەسپىي تىجارەتچىلىرى ۋە ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن سورۇنىدىن ياكى ئۇچۇر يەتكۈزۈش، تارقىتىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ ئېلاننى يوللىغان، تارقاتقانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى توسۇشى كېرەك.

4-باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

46-ماددا داۋالاش، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىسى، دېھقانچىلىق دورىسى، ھايۋانات دورىسى ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكى ئېلانلىرى شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تەكشۈرۈش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن باشقا ئېلانلارنىڭ مەزمۇنىنى مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار تارماق (تۆۋەندە ئېلان تەكشۈرگۈچى ئورگان دېيىلىدۇ) ئېلان چىقىرىلىشتىن ئىلگىرى ئېلان مەزمۇنىنى تەكشۈرۈشى كېرەك؛ تەكشۈرۈلمىگەنلىرىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ.

47-ماددا ئېلان ئىگىلىرى ئېلان تەكشۈرتۈشنى ئىلتىماس قىلغاندا، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملار بويىچە، ئېلان تەكشۈرگۈچى ئورگانغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

ئېلاننى تەكشۈرگۈچى ئورگان قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشى ھەمدە تەستىق ھۆججىتىنىڭ كۆچۈرمىسىنى تەڭ دەرىجىلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك، ئېلان تەكشۈرگۈچى ئورگان تەستىقلاتقان ئېلاننى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

48-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئېلاننىڭ تەستىق ھۆججىتىنى ياسىۋېلىشىغا، ئۆزگەرتىۋېلىشىغا ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

49-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ:

(1) قانۇنغا خىلاپ ئېلان پائالىيىتى دەپ گۇمان قىلىنغان سورۇنغا بېرىپ تەكشۈرۈش؛

(2) قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى دەپ گۇمان قىلىنغان ئالاقىدارلار ياكى قانۇنىي ئىگىلەر، ئاساسلىق مەسئۇل كىشىلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن گەپ سوراش، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ياكى شەخسلەرنى تەكشۈرۈش؛

(3) قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى دەپ گۇمان قىلىنغان ئالاقىدارلاردىن بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(4) قانۇنغا خىلاپ دەپ گۇمان قىلىنغان ئېلانغا مۇناسىۋەتلىك-توختام، ۋېكسېل، ھېسابات دەپتىرى، ئېلان ئەسىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش؛

(5) قانۇنغا خىلاپ دەپ گۇمان قىلىنغان ئېلان بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئېلان بۇيۇملىرى، تىجارەت قوراللىرى ۋە ئۈسكۈنىسى قاتارلىق پۇل-مالنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش؛

(6) ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان، قانۇنغا خىلاپ دەپ گۇمان قىلىنغان ئېلانلارنى تارقىتىشنى توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇش؛

(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرى.

سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئېلان كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، كۆزىتىش تەدبىرلىرىنى ياخشىلاپ، قانۇنغا خىلاپ ئېلان قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا بايقىشى ۋە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

50-ماددا گوۋۇيۈەن نىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەن نىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى ئېلان چىقىرىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى چىقىرىدۇ.

51-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، ئالاقىدارلار ياردەملىشىشى، ماسلىشىشى، رەت قىلماسلىقى ۋە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك.

52-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدە بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.

53-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئەرز-شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تېلېفون نومۇرى، خەت ساندۇقى، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانما ئادرېسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى، ئەرز-شىكايەت ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان تارماقلار تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە ئىش كۈنى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە ئەرز قىلغۇچى ۋە پاش قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغان سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنىغا ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان ئۇنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى پاش قىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

ئالاقىدار تارماقلار ئەرز-شىكايەت قىلغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

54-ماددا ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ۋە باشقا ئىستېمالچىلار تەشكىلاتلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يالغان ئېلان چىقىرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش شۇنىڭدەك جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشتەك قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جامائەت نازارەتچىلىكى قىلىدۇ.

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

55-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يالغان، ساختا ئېلان چىقارغانلارنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئېلان چىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئېلان ئىگىلىرىنى مۇناسىپ دائىرىدە ئېلان تەسىرىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئېلان خىراجىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئېلان خىراجىتىنى ھېسابلىغىلى بولمايدىغانلىرىغا ياكى خىراجىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغانلىرىغا 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ئىككى يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىمدىن كۆپ بولغان ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئېلان خىراجىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئېلان خىراجىتىنى ھېسابلىغىلى بولمايدىغانلىرىغا ياكى خىراجىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغانلىرىغا 1 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ ھەمدە ئېلاننى تەكشۈرۈش ئورگىنى ئېلاننىڭ تەستىق ھۆججىتىنى بىكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېلان تەكشۈرتۈش ئىلتىماسىنى بىر يىلغىچە قوبۇل قىلمايدۇ.

داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بەرگەندىن باشقا، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دىياگنوز قويۇش، داۋالاش تۈرلىرىنى بىكار قىلسا ياكى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان چىقارغۇچىلاردىن ئېلاننىڭ ساختىلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، توختىماي ئېلان لايىھەلىگەن، ياسىغان، ۋاكالەتچى بولغان، ئېلان چىقارغانلىرىنىڭ ئېلان خىراجىتىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە ئېلان خىراجىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئېلان خىراجىتىنى ھېسابلىغىلى بولمايدىغانلىرى ياكى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغانلىرىغا 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئىككى يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ياكى باشقا ئېغىر قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئېلان خىراجىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئېلان خىراجىتىنى ھېسابلىغىلى بولمايدىغانلىرى ياكى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغانلىرىغا 1 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار ئۇلارنىڭ ئېلان چىقىرىشىنى توختىتىپ تۇرسا، تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا، ئېلان چىقىرىشنى تىزىملىتىش كىنشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلاردىن مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقى ۋە 3-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

56-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يالغان، ساختا ئېلان چىقىرىپ، ئىستېمالچىلارنى ئالداپ، خاتا يېتەكلەپ، تاۋار ئالدۇرۇپ ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئېلان ئىگىسى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ. ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان چىقارغۇچىلاردىن ئېلان ئىگىسىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى، ئادرېسى ۋە كۈچكە ئىگە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى دەپ بېرەلمىسە، ئىستېمالچىلار ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان چىقارغۇچىلاردىن ئاۋۋال تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

ئىستېمالچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە دائىر يالغان، ساختا ئېلان تۈپەيلىدىن، ئىستېمالچىلار زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، شۇ ئېلان تىجارەتچىسى، ئېلان چىقارغۇچى، ئېلان ۋەكىلى ئېلان ئىگىسى بىلەن بىللە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە دائىر ساختا ئېلان تۈپەيلىدىن، ئىستېمالچىلار زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، شۇ ئېلان تىجارەتچىسى، ئېلان چىقارغۇچى، ئېلان ۋەكىلى ئېلاننىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ، توختىماي لايىھەلىگەن، ئىشلىگەن، ۋاكالەتچىلىك قىلغان، چىقارغان ياكى تونۇشتۇرغان، ئىسپاتلىغان بولسا، ئېلان ئىگىسى بىلەن بىللە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

57-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئېلان چىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئېلان ئىگىسىگە 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى قوشۇمچە بىكار قىلسا بولىدۇ، ئېلان تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ئېلاننى تەكشۈرگەن تەستىق ھۆججىتىنى بىكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېلان تەكشۈرتۈش ئىلتىماسىنى بىر يىلغىچە قوبۇل قىلمايدۇ؛ ئېلان تىجارەتچىسى ۋە ئېلان چىقارغۇچىنىڭ ئېلان خىراجىتىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى، ئېلان چىقىرىشنى تىزىملىتىش كىنىشكىسىنى قوشۇمچە بىكار قىلسا بولىدۇ:

(1) مۇشۇ قانۇننىڭ 9-، 10-ماددىسىدا مەنئى قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئېلانلارنى چىقارغانلار؛

(2) مۇشۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ رېتسېپلىق دورا ئېلانى، زەھەر ياسىۋالغىلى بولىدىغان دورا تۈرىدىكى خىمىيەلىك بۇيۇم ئېلانى، زەھەر تاشلىتىپ داۋالاش ئۈسكۈنىسى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى ھەققىدە ئېلان چىقارغانلار؛

(3) مۇشۇ قانۇننىڭ 20-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئانا سۈتى ئورنىدا ئىشلىتىشكە تامامەن بولىدىغان ياكى قىسمەن بولىدىغان بوۋاقلار سۈت مەھسۇلاتى، ئىچىملىكى ۋە باشقا يېمەكلىك دەپ ئېلان بەرگەنلەر؛

(4) مۇشۇ قانۇننىڭ 22-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تاماكا ئېلانى چىقارغانلار؛

(5) مۇشۇ قانۇننىڭ 37-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلاندىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مەنئى قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرغان ياكى مۇلازىمەت قىلغان ۋە ياكى ئېلان چىقىرىش مەنئى قىلىنغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى تونۇشتۇرغانلار؛

(6) مۇشۇ قانۇننىڭ 41-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان ئاممىۋى تاراتقۇلاردا داۋالاش، دورا، ساغلاملىق يېمەكلىكى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، ھاراق، ھۆسن تۈزەش ئېلانلىرى شۇنىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ روھى ۋە تەن ساغلاملىقىغا پايدىسىز تور ئويۇنلىرى ئېلانلىرىنى چىقارغانلار.

58-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئېلان چىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئېلان ئىگىسىنى مۇناسىپ دائىرىدە ئېلان تەسىرىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئېلان خىراجىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئېلان خىراجىتىنى ھېسابلىغىلى بولمىغان ياكى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئېلان خىراجىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئېلان خىراجىتىنى ھېسابلىغىلى بولمىغان ياكى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغانلىرىغا 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليوندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ ھەمدە ئېلان تەكشۈرگۈچى ئورگان ئېلاننىڭ تەستىق ھۆججىتىنى بىكار قىلىدۇ، ئېلاننى تەكشۈرتۈش ئىلتىماسىنى بىر يىلغىچە قوبۇل قىلمايدۇ:

(1) مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ داۋالاش، دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە دائىر ئېلان چىقارغانلار؛

(2) مۇشۇ قانۇننىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلاندا كېسەل داۋالاش رولىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن بولغان شۇنىڭدەك داۋالاش سۆزلىرى ياكى تونۇشتۇرۇلىدىغان تاۋار بىلەن دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئوڭاي ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلەر؛

(3) مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ساغلاملىق يېمەكلىكى ئېلانى چىقارغانلار؛

(4) مۇشۇ قانۇننىڭ 21-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانچىلىق دورىسى، ھايۋانات دورىسى، يەم-خەشەك ۋە يەم-خەشەك خۇرۇجى ئېلانى چىقارغانلار؛

(5) مۇشۇ قانۇننىڭ 23-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئېلانى چىقارغانلار؛

(6) مۇشۇ قانۇننىڭ 24-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش ئېلانى چىقارغانلار؛

(7) مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سودىگەر چاقىرىش قاتارلىق مەبلەغ سېلىپ پايدا ئېلىشنى كۆزلەيدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئېلانى چىقارغانلار؛

(8) مۇشۇ قانۇننىڭ 26-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي-زېمىن ئېلانى چىقارغانلار؛

(9) مۇشۇ قانۇننىڭ 27-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، زىرائەت ئۇرۇقى، دەل-دەرەخ ئۇرۇقى، ئوت-چۆپ ئۇرۇقى، نەسىللىك چارۋا-قۇش ئۇرۇقى، سۇ مەھسۇلاتى ئۇرۇقى ۋە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئېلانى چىقارغانلار؛

(10) مۇشۇ قانۇننىڭ 38-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئون ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئېلان ۋەكىلى قىلغانلار؛

(11) مۇشۇ قانۇننىڭ 38-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى ئېلان ۋەكىلى قىلغانلار؛

(12) مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىدە ياكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، يەسلى بالىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملاردىن پايدىلىنىپ ئېلان چىقارغانلار؛

(13) مۇشۇ قانۇننىڭ 40-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىشلىتىدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئېلانى چىقارغانلار؛

(14) مۇشۇ قانۇننىڭ 46-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەكشۈرتمەي تۇرۇپ ئېلان چىقارغانلار.

داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇن بويىچە جازا بەرگەندىن سىرت، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دىياگنوز قويۇش، داۋالاش تۈرلىرىنى بىكار قىلسا ياكى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلاردىن مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ توختىماي ئېلان لايىھەلىگەن، ئىشلىگەن، ۋاكالەتچىلىك قىلغان، چىقارغانلىرىنىڭ ئېلان خىراجىتىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ئېلان خىراجىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. ئېلان خىراجىتىنى ھېسابلىغىلى بولمىغان ياكى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغانلىرىغا 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئېلان خىراجىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئېلان خىراجىتىنى ھېسابلىغىلى بولمىغان ياكى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغانلىرىغا 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار تارماق ئۇلارنىڭ ئېلان چىقىرىش كەسپىنى توختىتىپ تۇرسا، تىجارەت كىنىشكىسىنى، ئېلان چىقىرىشنى تىزىملىتىش كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

59-ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلارنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئېلان چىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئېلان ئىگىسىگە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) ئېلان مەزمۇنى مۇشۇ قانۇننىڭ 8-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغانلىرى؛

(2) نەقىل كەلتۈرگەن مەزمۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 11-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغانلىرى؛

(3) پاتېنتقا ئالاقىدار ئېلانلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 12-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغانلىرى؛

(4) مۇشۇ قانۇننىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلاندا باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋارلىرىنى ياكى مۇلازىمىتىنى كەمسىتكەنلىرى.

ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان چىقارغۇچىلاردىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ توختىماي لايىھەلىگەن، ئىشلىگەن، ۋاكالەتچىلىك قىلغان، چىقارغانلارغا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

ئېلان مۇشۇ قانۇننىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، پەرقلەندۈرگىلى بولمىسا ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، داۋالاش، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ساغلاملىق يېمەكلىكى باشقا شەكىلدە ئېلان چىقىرىلغان بولسا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئېلان چىقارغۇچىغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

60-ماددا رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 29-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلان چىقىرىشنى تىزىملاتماي، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېلان چىقىرىش كەسپىنى يولغا قويغانلىرىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

61-ماددا ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 34-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلانچىلىقنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشتا، مۇكەممەللەشتۈرۈشتە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ئېلان مەزمۇنىنى تەكشۈرمىگەنلىرىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

ئېلان تىجارەتچىلىرى ۋە ئېلان چىقارغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 35-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەق ئۆلچىمى ۋە ھەق ئېلىش چارىسىنى ئېلان قىلمىغانلىرىنى باھا مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

62-ماددا ئېلان ۋەكىللىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛

(1) مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ (4) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، داۋالاش، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلاندا تونۇشتۇرغان ۋە ئۇنى ئىسپاتلىغانلار؛

(2) مۇشۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ (5) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساغلاملىق يېمەكلىكىنى ئېلاندا تونۇشتۇرغان ۋە ئۇنى ئىسپاتلىغانلار؛

(3) مۇشۇ قانۇننىڭ 38-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزى ئىشلىتىپ باقمىغان تاۋار ياكى قوبۇل قىلىپ باقمىغان مۇلازىمەتنى تونۇشتۇرغان ۋە ئۇنى ئىسپاتلىغانلار؛

(4) ئېلاننىڭ ساختا-يالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ ئېلاندا تاۋار، مۇلازىمەتنى توختىماي تونۇشتۇرغان ۋە ئۇنى ئىسپاتلىغانلار.

63-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 43-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېلان ئەۋەتكەنلەرنى ئالاقىدار تارماق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئېلان ئىگىسىگە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

مۇشۇ قانۇننىڭ 44-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئېلان چىقىرىشتا ئۆچۈرۈش بەلگىسىنى ئېنىق ئەسكەرتمىگەن، بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئۆچۈرۈۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلمىغانلارنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئېلان ئىگىسىگە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

64-ماددا ئاممىۋى سورۇنلارنى باشقۇرغۇچىلار، تېلېگراف كەسپىي تىجارەتچىلىرى ۋە ئالاقە تور ئۇچۇرى مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 45-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلان پائالىيىتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ توسمىغانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسىپلىرىنى ئالاقىدار تارماق قانۇن بويىچە توختىتىدۇ.

65-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرغان ياكى ساختا ماتېرىيال بەرگەنلەرنىڭ ئېلان تەكشۈرتۈش ئىلتىماسىنى ئېلان تەكشۈرۈش ئورگىنى قوبۇل قىلمايدۇ ياكى تەستىقلىمايدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، شۇ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئېلان تەكشۈرتۈش ئىلتىماسىنى بىر يىلغىچە قوبۇل قىلمايدۇ؛ ئالدامچىلىق قىلىش، پارا بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئېلان تەكشۈرۈش تەستىقىنى ئېلىۋالغانلارنىڭ تەستىق ھۆججىتىنى ئېلان تەكشۈرۈش ئورگىنى بىكار قىلىدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، شۇ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئېلان تەكشۈرتۈش ئىلتىماسىنى ئۈچ يىلغىچە قوبۇل قىلمايدۇ.

66-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلاننىڭ تەسىتق ھۆججىتىنى ئويدۇرۇپ چىققان، ياسىۋالغان ۋە ياكى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

67-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلارنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرىلەيدۇ ھەمدە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارىلايدۇ.

68-ماددا رادىيو ئىستانسىلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى، گېزىت-ژۇرنال، ئۈن-سىن، نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن قانۇنغا خىلاپ ئېلان چىقارغانلىرى ياكى خەۋەر بېرىش شەكلى ۋە باشقا شەكىلدە ئېلان چىقارغان ياكى ساغلاملىق، كۈتۈنۈش ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق داۋالاش، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ساغلاملىق يېمەكلىكى ئېلانىنى باشقا شەكىلدە چىقارغانلىقتىن سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇن بويىچە جازالىغان بولسا، ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە تارماقلىرى، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلارنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك. ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە تارماقلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمى ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تاراتقۇلاردا ئېلان بېرىش كەسپى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ.

ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە تارماقلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈن-سىن نەشرىيات ئورۇنلىرىنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىمىغان بولسا، جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

69-ماددا ئېلان ئىگىلىرى، ئېلان تىجارەتچىلىرى، ئېلان چىقارغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشلىرىنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) ئېلاندا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ياكى مىيىپلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر؛

(2) باشقىلارنىڭ پاتېنتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلار؛

(3) باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ تاۋىرى ۋە مۇلازىمىتىنى كەمسىتكەنلەر؛

(4) شۇ كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ نامى ياكى ئوبرازىنى ئېلاندا ئىشلەتكەنلەر؛

(5) باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە چېقىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

70-ماددا ساختا ئېلان چىقارغان ياكى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان شىركەت، كارخانىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىللىرىدىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتا جاۋابكارلىقى بارلىرى شۇ شىركەت، شۇ كارخانىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىلغىچە شىركەت، كارخانىنىڭ مۇدىرى، نازارەتچىسى، ئالىي باشقۇرغۇچىسى بولسا بولمايدۇ.

71-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغان، توسقۇنلۇق قىلغان ياكى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىدىغان باشقا قىلمىشنى سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

72-ماددا ئېلان تەكشۈرگۈچى ئورگان قانۇنغا خىلاپ ئېلان مەزمۇنىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قارارى چىقارغان بولسا، جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۇلارنى تەيىنلىگەن-قالدۇرغان ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

73-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئېلاننى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بايقىغان قانۇنغا خىلاپ ئېلان چىقىرىش قىلمىشى ياكى ئەرز-شىكايەت قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ ئېلان چىقىرىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلمىغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئېلاننى باشقۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇل ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

ئالدىنقى ئىككى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

74-ماددا دۆلەت جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانلىرى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىشقا، مەدەنىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

ئاممىۋى تاراتقۇلارنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانلىرىنى چىقىرىش مەجبۇرىيىتى بار. رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، گېزىت-ژۇرنال، نەشرىيات ئورۇنلىرى جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانلىرىنى بەلگىلەنگەن بەت، مەزگىل، ۋاقىت بويىچە چىقىرىشى كېرەك. جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن نىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

75-ماددا بۇ قانۇن 2015-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#