پونى ئۇرۇشى

پونى ئۇرۇشى

پونى ئۇرۇشى قەدىمكى رىم بىلەن كارتاگىئلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتۇر، قەدىمكى رىملىقلار فىنىكىيلار پونىلار دەپ ئاتىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كارتاگ فىنىكىيلارنىڭ مۇستەملىكىسى بولغاچقا، كىشىلەر بۇ ئۇرۇشنى «پونى ئۇرۇشى» دەپ ئاتىغان.

نامى پونى ئۇرۇشى
ئورنى ئافرىقا، ئىتالىيە، ئىراق، لىۋىيە، گول، غەربىي ئوتتۇرا دېڭىز
نەتىجىسى گارزاگې مەغلۇپ بولدى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار رىم جۇمھۇرىيىتى، گارزاگې
ۋاقتى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى264-يىلى
خەنزۇچە نامى 布匿战争

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پونى ئۇرۇشىپونى ئۇرۇشىپونى ئۇرۇشى قەدىمكى رىم بىلەن گارزاگېلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتۇر، قەدىمكى رىملىقلار فىنىكىيلار پونىلار دەپ ئاتىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە گارزاگې فىنىكىيلارنىڭ مۇستەملىكىسى بولغاچقا، كىشىلەر بۇ ئۇرۇشنى «پونى ئۇرۇشى» دەپ ئاتىغان.

گارزاگې ھازىرقى شىمالىي ئافرىقىدىكى تۇنىسقا جايلاشقان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئەڭ دەسلەپتە فىنىك كۆچمەنلىرى قۇرغان شەھەر دۆلىتى ئىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى7-ئەسىرگە كەلگەندە ئۇ تەرەققىي قىلىپ غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىپ، شىمالىي ئافرىقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويى، ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبى، سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمى، كورسىكا ئارىلى، ساردېگنا ئارىلى ۋە بالېئارې تاقىم ئارىلى قاتارلىق كەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. گارزاگېنىڭ ئۆز زېمىنىمۇ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سودا تۈگۈنىگە ئايلىنىپ قالغانىدى.

پونى ئۇرۇشىرىمنىڭ بىرلىككە كېلىشى ۋە سىرتقا بولغان كېڭەيمىچىلىكى بۇنىڭدىن كۆپ كېيىن، تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى3-ئەسىرگە كەلگەندىلا رىم ئاندىن ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چەت ئەللەرگە قاراپ كېڭىيىپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا زومىگەر بولۇشقا ئۇرۇنغان. شۇ سەۋەبتىن گارزاگېلار بىلەن كەسكىن توقۇنۇشقانلىقتىن، ئاخىر ئۇرۇش پارتلىغان. بۇ ئۇرۇش مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى264-يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى146-يىلىغىچە داۋاملىشىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئۈچ قېتىم يۈز بەرگەن، ئەڭ ئاخىردا رىملىقلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلاشقان.

بىرىنچى قېتىم

بىرىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشىبىرىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبى رىم بىلەن گارزاگېنىڭ سىتسىلىيە ئارىلىنى تالىشىشى ئىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزاق مۇددەت تالىشىش ئۇرۇشى ئارقىلىق مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى241-يىلى رىم دېڭىز ئارمىيىسى سىتسىلىيە دېڭىز يۈزىدە گارزاگې دېڭىز ئارمىيىسىنى يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ قىلغاندا، گارزاگې سۈلھى قىلىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن، سىتسىلىيە رىمنىڭ بىرىنچى مەمۇرىي ئۆلكىسى(يەنى چەت ئەلدىكى زېمىنى) بولۇپ قالغان. ئۇزاق ئۆتمەي رىم يەنە ساردىنىيە ئارىلى بىلەن كورسىكا ئارىلىنى قوشۇۋېلىپ، ئۇلارنىمۇ رىمنىڭ ئۆلكىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.

ئىككىنچى قېتىم

ئىككىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشىئىككىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى218-يىلى باشلانغان. رىم ئەسلىدە ئەسكەرلىرىنى ئىككى يولغا بۆلۈپ، بىر يولدا ئىسپانىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، گارزاگېنىڭ گاننىبالغا قوماندانلىق قىلىشىنى چەكلىمەكچى بولغان، بىر يولدا سىتسىلىيە ئارقىلىق گارزاگېنىڭ ئۆز زېمىنىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان. لېكىن گاننىبال ئالدىن قول سېلىپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى218-يىلى ئەتىيازدا چوڭ قوشۇننى باشلاپ ئالىپ تېغىدىن ئۆتۈپ تۇيۇقسىزلا ئىتالىيىدە پەيدا بولۇپ، رىملىقلارغا كۈتۈلمىگەن دەرىجىدە قاتتىق زەربە بەرگەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى202-يىلى رىم ئارمىيىسى بىلەن گاننىبال گارزاگېنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ساما دېگەن جايدا ئۇرۇش قىلغان، گاننىبال تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىم جەڭدە مەغلۇپ بولغان، ئۇ ئۆزى سۈرىيىگە قېچىپ كېتىپ، قايتا باش كۆتۈرمەكچى بولغان.

ئۈچىنچى قېتىم

ئۈچىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشىساما ئۇرۇشىدىن كېيىن، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە گارزاگې يەنە تەدرىجىي قايتا گۈللەنگەن. رىمدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر خاتىرجەم بولالماي، گارزاگېنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئىرادىسىگە كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن گارزاگې بىلەن قوشنا دۆلەت نۇمىدىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن پايدىلىنىپ ئەسكەر چىقىرىپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى149-يىلى گارزاگېقا ھۇجۇم قىلىپ ئۈچىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشىنى قوزغىغان. گارزاگېلار بۇ چاغدا قىلچىمۇ تەييارلىقى بولمىغانلىقتىن، نۇمىدىيە گارزاگې شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. رىملىقلار گارزاگې شەھىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ خارابىلىرىنى ساپان بىلەن ئاغدۇرۇپ تېرىقچىلىق قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، گارزاگې رىمنىڭ ئافرىكا ئۆلكىسى بولۇپ قالغان، تالان-تاراجدىن كېيىن ئامان قالغان50 مىڭ ئاھالىسى پۈتۈنلەي قۇل قىلىپ سېتىۋېتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن گارزاگې تارىختا يوقىلىپ كەتكەن.[0]

 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#