خۇ دېباڭ

خۇ دېباڭ 1890-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنى فۇجيەننىڭ مىنخۇ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خۇ دېباڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى فۇجيەن ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1974-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى بېيجىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا تەييارلىق مەكتىپى ؛ ئامېرىكا سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى خىمىيە سانائەت كەسپى
خەنزۇچە ئىسمى 侯德榜
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1890-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنى
كەسپى خىمىيە سانائىتى مۇتەخەسسى، مەشھۇر ئالىم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ساپ شۇلتا، سودا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، سودا سوپۇن، ئەينەك، قەغەز ياساش، مېتاللۇرگىيە قاتارلىقلاردا كەم بولسا بولمايدىغان سانائەت خام ماتېرىيالى، ھەتتا بولكا، ھورنان پىشۇرۇشتىمۇ ئۇ كەم بولسا بولمايدۇ. غەربتىكى ئەللەر سودا ئىشلەشتە 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، بىراق ئۇلارنىڭ تېخنىكىسى قالاق، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى يۇقىرى ئىدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، جۇڭگولۇق ئىنژېنېر خۇ دېباڭ (1890-1974) بىر خىل ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، جۇڭگونىڭ سودا ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى دۇنيادىكى ئىلغار سەپكە كىرگۈزدى.

خۇ دېباڭ 1890-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنى فۇجيەننىڭ مىنخۇ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 1920-يىلى ئامېرىكىنىڭ كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى دا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ، ئاساسەن، سودا ئىشلەشنى تەتقىق قىلىدۇ، شۇنداقلا توپا قۇرۇلۇشى، ماشىنىسازلىق، ئېلېكتر تېخنىكىسى، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق تېخنىكىلارغىمۇ پىششىق، ئۇ 1921-يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، يۇڭلى سودا زاۋۇتىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋە زاۋۇت باشلىقى بولغان. 

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سوداچىلىقنى خەلقئارا ترېست مونوپول قىلىۋالىدۇ، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن مىللىي سانائەت ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاشقا مەجبۇر بولىدۇ. مىللىي سانائەتنى گۈللەندۈرۈش كۈچلۈك قىزغىنلىقى ئارقىسىدا، خۇ دېباڭ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، سودا ياساش سانائىتىگە ئاتلىنىدۇ. ئەينى چاغدا بىرقەدەر ئىلغار بولغان سۇۋېر سودا ياساش تېخنولوگىيەسىنى ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر مونوپول قىلىۋالغاچقا، سىرتقا مۇتلەق مەخپىي تۇتىدۇ. خۇ دېباڭ چەت ئەللىكلەر قىلالىغاننى جۇڭگولۇقلارمۇ قىلالايدۇ دېگەن ئىرادە بىلەن، سودا ياساش تېخنولوگىيەسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ياخشىلاشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىدۇ، 1924-يىلى يۇڭلى زاۋۇتى ئاخىرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ «قىزىل دېلتا» ماركىلىق سودىسى ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان دۇنيا ئەللىرى كۆرگەزمىسىگە قويۇلۇپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىدۇ. ئەگەر خۇ دېباڭ بۇ چاغدا پاتېنتنى ساتقان بولسا، بېيىپ كېتەتتى. بىراق، باشقىلارنىڭ ئويىنىڭ ئەكسىچە، 1931-يىلى «سودا ياساش» دېگەن كىتابنى يېزىپ، 1932-يىلى ئامېرىكىدا نەشر قىلدۇرۇپ، كىشىلەر تەشنا بولۇپ كەلگەن سودا ياساش ئۇسۇلىنى كاتتا سوۋغا سۈپىتىدە پۈتۈن دۇنياغا سوۋغا قىلىدۇ.

ئارقىدىنلا، خۇ دېباڭ يەنە نەنجىڭدا ئاممونىي سۇلفات زاۋۇتىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ. زاۋۇت ئورنىنى تاللاشتىن ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشقىچە ئۇ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇ چەت ئەلنىڭ ئىلغار تېخنولوگىيىسىنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك زاۋۇتلارغا چېرتيوژ لايىھىلەشنى ھاۋالە قىلغاندا، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى نەزەرگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ يەنە 700 پارچىدىن ئارتۇق چېرتيوژغا ئۆزى ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ.

ئاممونىي سۇلفات ئىشلەشنىڭ يادرولۇق ئۈسكۈنىسى ئاممىياكنى سىنتېزلاش مۇنارىسى بولۇپ، ئامېرىكىدىن كەلتۈرۈلگەن بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئېغىرلىقى 100 توننا كېلەتتى، ئەينى چاغدا ئېلىمىزدە بۇنداق قۇراشتۇرۇش-توشۇش ئىقتىدارى ھازىرلانمىغانىدى. خۇ دېباڭ ئۆزى قول سېلىپ ئىككى كران لايىھىلەپ ياساپ چىقىپ، سىنتېز مۇنارىنى جايىدا قۇراشتۇرىدۇ. مەبلەغنى تېجەش ئۈچۈن، ئۈسكۈنىلەر ئەنگلىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلتۈرۈلىدۇ، جۇڭگودا ئىشلەنگەنلىرىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. خۇ دېباڭنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، بۇ ئۈسكۈنىلەر قۇراشتۇرۇلۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈلىدۇ. 1937-يىلى، ئاممونىي سۇلفات زاۋۇتى تۇنجى قېتىملىق ئىشلەپچىقىرىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. بۇ چاغدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرى ئاسىيادىكى بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان مۇشۇ خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىغا كۆز تىكىدۇ، بىراق خۇ دېباڭ «زاۋۇت ئۈچۈن ماتەم يىغىنى ئېچىشقا رازىكى، ھەرگىز تاجاۋۇزچىلار بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ! » كېيىن، خۇ دېباڭ مىڭ بىر رىيازەتتە مۇھىم ئۈسكۈنىلەرنى سۆكۈپ، تۈركۈمگە ئايرىپ غەربكە كۆچۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ھەمدە تېخنولوگىيەنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، بىرلەشمە سودا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىپ، ئاش تۇزىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %95 تىن ئاشۇرىدۇ، خام ماتېرىيال ۋە بەزى ئۈسكۈنىلەرنى تېجەپ، سودىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە ئاممونىي خلورىد ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ دۇنيا سودا ئىشلەش تېخنولوگىيىسىدىكى زور بۆسۈش بولغاچقا، خىمىيە سانائىتى ساھەسىنى زىلزىلىگە سالىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگونىڭ خىمىيە سانائىتى تېخنىكىسى بىراقلا دۇنيا سەھنىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ. 1943-يىلى، يۇڭلى زاۋۇتى سودا بىلەن ئاممونىي خلورىدنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ خىل يېڭى ئۇسۇلىغا «خۇ دېباڭ ئۇسۇلى» دەپ نام قويىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خۇ دېباڭ دۇنياغا مەشھۇر سودا ئىشلەش پادىشاھىغا ئايلىنىدۇ[0] .

1890-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#