- ئاقساراي يېزىسى (قاراقاش ناھىيەسى)
- ئاقساراي يېزىسى (بۈگۈر ناھىيەسى)
ئاقساراي يېزىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاقساراي يېزىسى قاراقاش ناھىيەسى نىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى ئالۋا كەنتىدە، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 17 كىلومېتىر. جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، شىمال تەرىپى كەڭ، جەنۇب تەرىپى تار بولۇپ، تەتۈر ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 5 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 13 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 35 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 25686 مو. شەرقتە جاھانباغ يېزىسى، شىمالدا ماڭلاي يېزىسى، كۇيا يېزىسى، غەربتە زاۋا يېزىسى غەربىي، جەنۇبتا سايباغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1400 ~ 1335 مېتىر، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.05 مو.
ئاقساراي يېزىسى1944 ~ 1936-يىلى ئاساسلىقى قاراقاش 1-رايونىغا تەۋە بولغان، ئاز بىر قىسمى قاراقاش 6-رايونىغا تەۋە بولغان.
1948 ~ 1944-يىلى ئاساسەن يۈدې يېزىسىغا تەۋە بولغان، ئاز بىر قىسىمى دايۇ يېزىسىغا تەۋە بولغان.
1948-يىلى يۈدې يېزىسى قىلىنغان.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، قاراقاش 2-رايون قىلىنىپ، ئۇنىڭ قارىمىقىدا ئاق، ئەلىشىباش، گۇلباغ، ئىشتاج، قۇمباغ قاتارلىق 6 يېزا بولغان. 1956-يىلدىن كېيىن، يەنە ئون بىرىنچى رايوندىكى ئۇزۇن ئېرىق، 1-رايوندىكى ئەشقارىنى 2-رايونغا ئايرىپ بەرگەن.
خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلق گۇڭشېلىرىغا كىرگەن. 1978-يىلى يەر ناملىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئاقساراي كوممۇناسى بولغان.
1984-يىلى ئىككى باشقۇرۇش رايونى ئايرىپ چىقىلغاندىن كېيىن، ئاقساراي يېزىسى قۇرۇلغان.
ئاقساراي يېزىسى2003-يىلى، پۈتۈن يېزا قاراشلىقىدىكى مەمۇرىي كەنت 23 كە يەتكەن، پۈتۈن يېزىدىكى ئۇيغۇر لار 24127 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %99.89 نى، خەنزۇ لار 27 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.11 نى ئىگەللىگەن. كىلىماتى ئاشلىق زىرائەتلىرى ۋە پاختا تېرىپ ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ، 2003-يىلى پۈتۈن يېزىدا تېرىلغان ئاشلىق زىرائەت كۆلىمى 30316 موغا يەتكەن.
2006-يىلى، يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3837 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ 2988.75 مىڭ يۈەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ % 77.89 نى ئىگەللىگەن، 2-كەسىپنىڭ 360.56 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ % 9.40 نى ئىگەللىگەن، 3-كەسىپنىڭ 487.68 مىڭ يۈەنگە يىتىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %12.71 نى ئىگەللىگەن.
2006-يىلى، پوچتا كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 4.6 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، تېلېگراف كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 18 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، يېزىلاردىكى مۇقىم تېلېفۇن ئابۇنېتى 206 گە يەتكەن.
ئاقساراي يېزىسى2006-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 1160.09 يۈەنگە يەتكەن. يېزا بويىچە ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 30777 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 407.64 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 12546 توننا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 15 مىڭ موغا، بىرلىك مەھسۇلاتى 400.53 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 6008 توننىغا يەتكەن، كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 14965 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 412.56 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى كىرىمى 6174 توننىغا يەتكەن، شال تېرىلغۇ كۆلىمى 120 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 448.28 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 364 توننىغا يەتكەن، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 800 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 111.25 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 89 توننا (ساپ پاختا)غا يەتكەن. يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان مال-چارۋا 52547 تۇياققا يەتكەن.
ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىمى 341 نەپەرگە يەتكەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، ئوقۇغۇچىسى 1502 نەپەر، ئوقۇتقۇچى 95 نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپ 11، ئوقۇغۇچىسى 3919 نەپەر، ئوقۇتقۇچىلار 159 نەپەرگە يەتكەن. 2006-يىلى مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 202.92 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. يىل ئاخىرىدا رادىيو بىلەن تېلېۋىزىيەنىڭ قاپلاش نىسبىتى ئوخشاشلا %100 كە، سىملىق تېلېۋىزىيە ئابۇنېنتى 58 مىڭغا يەتكەن. 36 كۇتۇپخانا بار بولۇپ، ھەر خىل كىتابلارنى 8l109 تالغا يەتكەن، 36 مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى، ئامبولاتورىيەسى بىر، 25 نەپەر تېببىي خادىم، كېسەل كارىۋىتى 34 تالغا يەتكەن.
2006-يىلى، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 281.17 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، تاماملانغان قۇرۇلۇش كۆلىمى 50512 كۋادرات مېتىرغا يەتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.