خەلق ئەسكەرلىرى

خەلق ئەسكەرلىرى

جۇڭگو خەلق ئەسكەرلىرى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئايرىلمايدىغان ئاممىۋى ھەربىي تەشكىلات، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى ۋە قۇدرەتلىك زاپاس كۈچى.

ئۇيغۇرچە نامى خەلق ئەسكەرلىرى
چەتئەلچە نامى people’s militia
خەنزۇچە نامى 民兵
تۈرى زاپاس بىر خىل تەشكىلىي شەكلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەلق ئەسكەرلىرىئۇزاق جەڭگىۋار تارىخقا ئىگە جۇڭگو خەلق ئەسكەرلىرى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىنقىلاب يىللىرىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلق ئەسكەرلىرى تۈزۈمى ھەربىي تۈزۈم قاتارىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلدى. مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەسكەرلىرى خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىزمنى قوغداش ۋە قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتتى.

دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز خەلق ئەسكەرلىرى پىيادە ئەسكەرلەردىن كۆپ قىسىم تۈرى يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدى. مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جايلاردا ۋە چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرلەردە قۇرۇقلۇق توپچى، زېنىت توپ، ساپيور، ئالاقە، رازۋېدكا، خىمىيىۋى گازدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تانكىغا قارشى تۇرۇش خەلق ئەسكەرلىرى شۆبە ئەترەتلىرى قۇرۇلدى. خەلق ئەسكەرلىرى كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشتا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ياردەمچىسىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي خىزمەت قانۇنى» دا: يېزا، مىللىي يېزا، كەنت، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى قۇرۇلىدۇ. خەلق ئەسكەرلىرى تايانچ خەلق ئەسكىرى، ئادەتتىكى خەلق ئەسكىرى دەپ ئايرىلىدۇ. خەلق ئەسكىرى سېپىگە 18 ياشتىن يۇقىرى، 35 ياشتىن تۆۋەن، تايانچ خەلق ئەسكىرى سېپىگە 18 ياشتىن يۇقىرى، 28 ياشتىن تۆۋەن ياشلار قاتنىشىدۇ. خەلق ئەسكىرى كادىرلىقىغا ئىدىيە ئەھۋالى ياخشى، تېنى ساغلام، يېشى بىرقەدەر كىچىك، مۇئەييەن مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە ھەربىي، سىياسىي ساپاغا ئىگە، خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان خادىملار تەيىنلىنىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن.

خەلق ئەسكەرلىرىجۇڭگو خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپىسى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە باشقا تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئورۇنداش؛ ئۇرۇش تەييارلىقى لاۋازىمى، چېگرىنى، ئىجتىمائىي ئامانلىقنى قوغداش؛ ھەربىي سەپكە، ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى قوغداشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشتىن ئىبارەت.

خەلق ئەسكەرلىرىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى، ھەر قېتىم ئىنقىلابىي ئۇرۇش داۋامىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئاساسلىقى : ( 1 ) پارتىزان ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، قىسىمغا ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلىش. خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ پىششىق ئادەم تونۇش ئالاھىدىلىكىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۆز جايىدا، كىچىك تىپتىكى، كىچىك، تارقاق ھالەتنى ئاساس قىلىدۇ، ھەر بىر ئادەم ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش قىلىدۇ، ھەممە كەنىتلەر قوغدىنىش ئۇرۇشى ئېلىپ بارىدۇ، ئۇياقتىن شەپە بېرىپ قويۇپ بۇياقتىن زەربە بېرىدۇ. ( 2 ) بەس - بەستە ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ تولۇقلاش ۋە كېڭەيتىش. خەلق ئەسكەرلىرى  قەد كۆتۈرۈپ يۇرت - ماكانىنى قوغدايدۇ، ئاڭلىق ھالدا بەس - بەستە ھەربىي سەپكە قاتنىشىدۇ. ( 3 ) ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ، ئالدىنىقى سەپكە ياردەم بېرىدۇ، خەلق ئەسكەرلىرى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە، ھەربىي ئاشلىق يەتكۈزۈپ بېرىىدۇ، توشۇش، ئوق - دورا ، يارىدارلارنى كۆتۈرۈپ، دۈشمەن ئەھۋالىنى رازۋېدكا قىلىدۇ، كۆۋرۈك ۋە ئىستىھكام قوغدايدۇ، ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئۇرۇش ، ئالدىنقى سەپكە كاپالەتلىك قىلىش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ. ( 4 ) ئارقا سەپنى قوغداپ، مۇستەھكەم ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇرغان. خەلق ئەسكەرلىرى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش قوغدىغۇچىسى، يەنە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش پىرولېتارىيارتىنىڭ زەربىدار قوشۇنى. 

خەلق ئەسكەرلىرىئۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مەنبەسى خەلق ئاممىسى ئارىسىدا مەۋجۇت، بۇ ھەر قېتىملىق خەلق ئۇرۇشى ئەمەلىيىتى تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى. ھازىرقى زامان شارائىتىدىكى ئۇرۇش تەلىپى، سانى كۆپ، كۆپ تەربىيە كۆرگەن ئاممىۋى قوراللىق قاتنىشىش ۋە ياردەم بېرىش . خەلق ئەسكەرلىرى ھەربىي قىسىمنى تولۇقلاپلا قالماستىن، ئالدىنىقى سەپكە ياردەم بېرىدۇ، قىسىمغا ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈشمەن ئارقا سېپىدە پارتىزان ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، دۈشمەننىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە پاراشوتچىلار، جىددىي قۇتقۇزۇش، جىددىي رېمونت قىلىش، قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە مۇھىم نىشانلارنى قوغداش قاتارلىقلار. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#