دەريا بويى يېزىسى
دەريا بويى يېزىسى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى گە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دەريا بويى يېزىسى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى گە جايلاشقان. يېزا يېرى كەڭ، ئاھالىسى شالاڭ، يەر ئاستى سۈيى مول، مىنېراللىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، تەۋەسىدە 1205896 مو تەبىئىي ئوتلاق بار، تەبىئىي توغراق ئورمىنى 677 مىڭ مو، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى بار، يەنە ياۋا توڭگۇز، جەرەن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار. يېزا بويىچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئاساس قىلىنىدۇ، ھازىر بىر كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئالتە كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.
يېزا جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان، يېزىنىڭ جەنۇبى تەرىپى ۋە جەنۇبىي تەرپىدىكى كېرىيە دەرياسىنى يۇقىرى بەلباغسىمان قۇم بارخانلىرى ئوراپ تۇرىدۇ. يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، كىچىك قۇم بارخانلىرى بار، تۆت ئەتراپى ھىلال ئايسىمان قۇم. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1230.5 مېتىر. يېزىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىنتايىن قۇرغاق، قۇم-بوران كۆپ يۈز بېرىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.