ئۆپكە ياللۇغى

ئۆپكە ياللۇغى

ئۆپكە ياللۇغى دېگىنىمىز ئاخىرقى نەپەس يولى، ئۆپكە ۋە ئۆپكە ئارىلىق توقۇلما ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ. باكتېرىيە، ۋىرۇس، پارازىت قۇرت قاتارلىق كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملار ۋە رادىيوئاكتىپ نۇر، سۈمۈرۈش خاراكتېرلىك غەيرىي فىزىكا-خىمىيەلىك ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ئۆپكە ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى كۆكرەككە سوغۇق ئۆتۈش ۋە ئۆپكە كۆۋۈكچىلىرى سىرغىپ چىقىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار بوۋاقلار ۋە گۆدەكلەردە، قىش، كۈز، ياكى ھاۋا كىلىماتى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىدىغان پەسىللەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئىنگلىزچە نامى pneumonia
ئاساسلىق ئالامىتى توڭۇپ تىترەش، قىزىتىش، نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكرەك ئاغرىش، يۆتىلىپ دات رەڭلىك بەلغەم تۈكۈرۈش
خەنزۇچە نامى 肺炎
تەۋە بۆلۈم نەپەس كېسەللىكلىرى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى ئۆپكە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆپكە ياللۇغىئۆپكە ياللۇغى باكتېرىيە، ۋىرۇس، مىكوپلازما قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كېسەل قوزغاتقۇچىلار ياكى باشقا ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكىدىكى ياللۇغ، ئاناتومىيە قىلىنغان ئورۇنغا ئاساسەن كانايچە ئۆپكە ياللۇغى، چوڭ بۆلەك ئۆپكە ياللۇغى ۋە ئارىلىق ماددىلىق ئۆپكە ياللۇغىغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كانايچە ئۆپكە ياللۇغى كىچىك بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆپكە ياللۇغى تىپى. جۇڭگودا ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ بالنىستتا ياتقۇچىلار بالنىستتا ياتقانلار ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بوۋاق بالىلارنىڭ ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ياتقانلارنىڭ سانى بولسا ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ 5.39 ھەسسىسىنى ئىگىلەيدۇ. يەڭگىل ئالامەتلىك ئۆپكە ياللۇغى پەقەت نەپەسلىنىش سىستېمىسىنى زورۇقتۇرۇپ قويىدۇ، دائىم كېسەل بولۇشى جىددىيرەك بولۇپ، ئاساسلىق ئىپادىسى قىزىش (يۇقىرى قىزىتما ياكى يۆتەلگەندە بەلغەممۇ بار) ، نەپەسلىنىشى تېز (نەپەسلىنىش رىتىمى مىنۇتىغا 40 ~ 80 قېتىم) ، دوختۇر ئاڭلاپ تەكشۈرگەندە ئۆپكە قىسمىدىن تۇراقلىق ھۆل خىرىپ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. ئېغىر بولغان ئۆپكە ياللۇغى بىر ۋاقىتتا يەنە باشقا ئەزالارنى زورۇقتۇرۇشتىن ئوخشىمىغان ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: نېرۋا سىستېمىسىنى زورۇقتۇرغاندا بىنورماللىق، ئۇيقۇسىراش، دۆلىنىش، ھوشسىزلىنىش قاتارلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. قان ئايلىنىش سىستېمىسىنى زورۇقتۇرۇغاندا چىرايى تاتىرىش، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا يۈرەك مۇسكۇل ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش بىللە كېلىدۇ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى زورۇقتۇرۇغاندا ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قورساق كۆپۈش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ داۋالىتىش، داۋالاش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويۇپ ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

قىزىش، يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، بەلغەمدە قان ئارىلاش كېلىش، كۆكرەك ئاغرىش بىرگە كېلىدۇ ياكى نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىقلار. بالىلار ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك ئالامىتى ئادەتتە ئېنىق بىلىنمەيدۇ. جىددىي ھالدا توڭۇپ تىترەش، قىزىتىش، نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكرەك ئاغرىش، يۆتىلىپ دات رەڭلىك بەلغەم تۈكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئۆپكە ياللۇغى بۇ كېسەللىك، كۆكرەككە سوغۇق ئۆتۈش ۋە ئۆپكە كۆۋۈكچىلىرى سىرغىپ چىقىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۆپكە ياللۇغى ئىسسىق (ئۆتكۈر) سوغۇق (سوزۇلما) تەۋەلىك كېسەللىكلەردە نەزلە سۇيۇقلۇقى ئۆپكىگە چۈشكەنلىكتىن ئىناق (بادامچە بەزلەر ياللۇغى) ئېغىز ئېلىپ مەزكۇر جاراسىملىق، زەھەرلىك سۇيۇقلۇقنىڭ كاناي ئارقىلىق ئۆپكىگە چۈشۈشىدىن ئۆپكە پەردە ياللۇغى تەرەققىي قىلىپ ئۆپكىگە يامراشتىن، گالدا باشقا ئەزالار شېرىكچىللىرىدىن تاشقىرى-نەپەسلىنىش يوللىرىدىن چاڭ-توزانلار بىلەن بىللە ھەر خىل جاراسىملار ئۆپكىگە كىرىشتىن سادىر بولىدۇ. لېكىن، نەزلىدىن بولغىنى كۆپرەك ئۇچرايدۇ. چۈنكى، بۇ ھالدا شۇ مۇنەكلىك نەزلە ماددىسى ئوڭايلا ئۆپكىگە يۆتكىلىدۇ. ھەمدە، ئۆپكە ياللۇغى كۆپىنچە بەلغەم ماددىسىدىن ياكى قان ماددىسىدىن ھاسىل بولىدۇ. 

ئۆپكە ياللۇغىئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 

1. كۈتۈشنى كۈچەيتىش. ئۆينىڭ ھاۋاسى ئۆتۈشۈپ تۇرۇشنى ساقلاپ قېلىش، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃20 ئەتراپىدا، نەملىكى %60 تە بولسا بىر ئاز مۇۋاپىق بولىدۇ. نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش، قەرەللىك ھالدا كېسەللەنگۈچىنىڭ بەدەن ئورنىنى يۆتكەپ تۇرۇش. مەسىلەن: ئۆرۈپ قويۇش، تىك كۆتۈرۈش قاتارلىقلار، پات-پات بوۋاقنىڭ دۈمبىسىنى تۆۋەندىن-يۇقىرىغا، سىرتىدىن-ئىچىگە قارىتىپ قېقىپ بېرىش، بۇنداق قىلغاندا كىچىك نەپەس يوللىرىدىكى ئاجرالمىلارنى بوشىتىپ، چوڭراق نەپەس يولىغا چىقىرىپ، بەلغەمنى سىرتقا چىقىرىۋېتىشكە پايدىلىق ھەم ئۆپكىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بەلغەم شىلمىشىق ھالەتتىكىلەر تۇمانلاشتۇرغۇچى سۈمۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇپ نەپەس يولىنى نەمدەپ، بەلغەمنىڭ چىقىرىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. يېمەكلىككە ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ، ئازراقتىن كۆپ قېتىم تاماقلىنىش كېرەك.

2. يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىش. كېسەللىك مەنبەسىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان دورا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللاش، مەسىلەن: باكتېرىيىدىن يۇقۇملانغان بولسا كەڭ تەسىرلىك ھەم تۆۋەنكى نەپەس يولىغا بارىدىغان قويۇقلۇقى يۇقىرى ئانتىبىئوتىك (مەسىلە پېنىتسىللىن) نى تاللاپ ئىشلىتىش، مىكوپلازمىدىن يۇقۇملانغان بولسا ماكرولىد تۈرىدىكى دورىلار (ئېرىترومىتسىن قاتارلىقلار) نى تاللاپ ئىشلىتىش، ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان بولسا ۋىرۇسقا قارشى دورىلار(ۋىرازول قاتارلىقلار) نى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.

3. باشقىچە داۋالاش. تېمپېراتۇرىنى چۈشۈرۈش، مۇۋاپىق ئوكسىگېن ئىشلىتىش، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەپسىلىي كۆزىتىش، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار.

تېبابەتتە داۋالاش 

1-رېتسېپ

تەركىبى: بىنەپشە 100 گىرام، نېلۇپەر، قىزىلگۈل، كاسىنە ئۇرۇقى، شاھتەررە، ئەنگۈرشىپا، ھەمىشىباھار 25 گىرامدىن، گاۋزىبان، چىلان، سەرپىستان، بېھى ئۇرۇقى، قارا سۇنا ئۇرۇقى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 10 گىرامدىن، تەرەنجىبىن، گۈلقەنت 120 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: گۈلقەنت بىلەن تەرەنجىبىننى ئايرىم قاچىغا، قالغان دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئايرىم قاچىغا ئېلىپ سۇغا چىلاپ قويۇپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن ئۈستىگە ئالتە چىنە سۇ قۇيۇپ، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، بىنەپشەنى سېلىپ بىر ئۆرلىتىپلا ئېلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن 100 مىللىلىتىرغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

ئۆپكە ياللۇغىتەركىبى: زۇپا، شۇمشا سەككىز گىرامدىن، پىرسىياۋشان، بەدىيان يىلتىزى پوستى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 12 گىرامدىن، ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم 16 گىرام، رۇببىسۇس سەككىز گىرام، چىڭسەي ئۇرۇقى، ئارپىبەدىيان، بىخ كەبىر 20 گىرامدىن، ئەنجۈر قېقى 15 تال، شېكەر 500 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى چىلاشقۇدەك سۇغا بىر سوتكا چىلاپ قويۇپ قاينىتىپ، تەمى چىققاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، شېكەر بىلەن قاينىتىپ قىيام تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .

3-رېتسېپ

تەركىبى: زىغىر 90 گىرام، قەدمانە 30 گىرام، ھەسەل مەلۇم مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، يەتتە گىرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

 داۋالاشتا يەنە(1) بىمارنى ياتقۇزۇپ ئوبدان ئارام ئالدۇرۇش، ئۆينىڭ تازىلىقى، ھاۋاسى، نەملىكى، ئىسسىق-سوغۇقلۇقى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش. (2) قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈش .(3) ياللۇغلىنىشنى كونترول. (4) ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىش

ئۆپكە ياللۇغى سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن، زۇكام بولۇشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، ئامال بار بىر خىل بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، غىزاسىغا قۇۋۋەتلىك، ئاسان ھەزىم بولىدىغان غىزالارنى يېيىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم :كېسەل بالىنى ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش، ياتقۇزىدىغان ئۆينىڭ ھاۋاسىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش. كېسەل بالىنى سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق، شۇنداقلا كېسەلنى بەك قېلىن يۆگىمەسلىك كېرەك. داۋالاشتا كېسەل بالىنى ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن، سوغۇق سۇ ئىچىشتىن چاڭ-توزان، ئىس-تۈتەك مۇھىتتا تۇرۇشتىن ساقلىنىش، ياخشى ئارام ئالدۇرۇش، توغرا تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، شەخسىي تازىلىق ۋە مۇھىت تازىلىقىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.[0]

لازا-ئاچچىقسۇ، كالا گۆشى، گۆشگىردە، مانتا، خوشاڭ قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەل پەيدا قىلىدىغان، مايلىق، غىدىقلىغۇچى، زىيادە سوغۇق، ياكى زىيادە ئىسسىق يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باغداش تورىدىن ئېلىندى 

http://mixed.bagdax.cn/2015/0910/12284.html

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

باغداش تورىدىن ئېلىندى

http://mixed.bagdax.cn/2015/0910/12284.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#