كەھرىۋا ئوردا

كەھرىۋا ئوردا

كەھرىۋا ئوردا رۇسىيە نىڭ سانكىت پېتىربورگ شەھىرى ئەتراپىدىكى چاسكوسېلوغا جايلاشقان يېكاتىرىنا سارىيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى. ئۆيدە 12 پارچە تام ئاسراش پەنەركىسى ۋە 12 تۈۋرۈك بار بولۇپ، ئۈچ تەرەپتىكى تامغا ئىنتايىن قىممەت باھالىق كەھرىۋا چاپلانغان، ھەمدە ئالتۇن، كۆمۈش ۋە زۇمرەت بىلەن بېزەلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى كەھرىۋا ئوردا
باشقا نامى كەھرىۋا ئۆيى، كەھرىۋا زالى
تەۋە دۆلەت رۇسىيە
قۇرۇلغان ۋاقتى 1701-يىلى
خەنزۇچە نامى 琥珀宫
رۇسچە نامى Янтарная комната
ئورنى سانكىت پېتىربورگ شەھىرى ئەتراپىدىكى چاسكوسېلو
لايىھەلىگۈچى 安格拉·舍鲁特

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەھرىۋا ئوردارۇسىيەدە ئاران 55 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆينى زىننەتلەشكە 150 مىليون فوندستېرلىڭ (1 مىليارد 600 مىليون يۈەن) خەجلەنگەن رۇسىيە دە بىر ئۆي بار. ئۇ ئۆينىڭ ئىسمى كەھرىۋا ئوردا بولۇپ، «دۇنيادىكى سەككىز چوڭ مۆجىزە» نىڭ ئىچىدىكى بىرى.

كەھرىۋا ئوردا رۇسىيە نىڭ سانكىت پېتىربورگ شەھىرى ئەتراپىدىكى چاسكوسېلوغا جايلاشقان يېكاتىرىنا سارىيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى. ئۆيدە 12 پارچە تام ئاسراش پەنەركىسى ۋە 12 تۈۋرۈك بار بولۇپ، ئۈچ تەرەپتىكى تامغا ئىنتايىن قىممەت باھالىق كەھرىۋا چاپلانغان، ھەمدە ئالتۇن، كۆمۈش ۋە زۇمرەت بىلەن بېزەلگەن.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ ئۆيگە سەرپ قىلىنغان كەھرىۋا، ئالتۇن ۋە زۇمرەتنىڭ سانى 10 مىڭ پارچىغا يېتىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 6 توننىدىن ئاشىدىكەن. داڭلىق ھۈنەرۋەنلەر ئون نەچچە يىل ۋاقىتتا ئاران پۈتتۈرۈپ بولغان ئىكەن. كەھرىۋانى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلغانلىقتىن شۇڭا كەھرىۋا ئوردا دەپ ئاتالغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە، بۇ كەھرىۋا ئوردانىڭ قىممىتى كەم دېگەندە 50 مىليون فوندستېرلىڭ بولۇپ، بەزىلەر ھەتتا 500 مىليون فوندستېرلىڭ باھا قويغان. رۇسىيەلىكلەر بولسا بۇنى باھاسى يوق گۆھەر دەپ قارايدىكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ھازىرقى كەھرىۋا ئوردا ئەسلى نۇسخا ئەمەس بولۇپ، 24 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ رېمونت قىلىنغان. 2003-يىلى سانكىت پېتىربورگ شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 300 يىللىق خاتىرە كۈنىدە تاماملانغان ئىكەن.

كەھرىۋا ئورداتارىخى ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، كەھرىۋا ئوردا ئەسلى پىرىسىيە پادىشاھى فرېدرىچسنىڭ خانىش سوفىيەگە قىلغان سوۋغىسى بولۇپ، گېرمانىيەلىك داڭلىق ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ ياساتقان ئىكەن. تەبىئىي كەھرىۋاغا (4 مىليون يىلدا ئاران شەكىللىنىدۇ) ئىش قوشۇش بەك قىيىن، ئۇستىلاردىن ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلغانلىقتىن، 30 كىۋادرات مېتىرلىق كەھرىۋا ئوردا 10 يىلدا ئاران پۈتكەن. 1713-يىلى فرېدرىچس ئالەمدىن ئۆتۈپ تەختكە ئۇنىڭ ئوغلى ۋېليام ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ دادىسىغا ئوخشاش زىبۇ زىننەت ۋە ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشقا ئانچە قىزىقمايدىغان بولغاچقا، كەھرىۋا ئوردىنى پىرىسىيەگە زىيارەتكە كەلگەن پىتىر1 غا بېرىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن پىرىسىيە بىلەن چار رۇسىيە ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە شىۋېتسارىيەگە قارشى تۇرغان. ۋېليام بىرمۇ پىتىرنىڭ غايەت زور سوۋغىسىغا ئېرىشكەن: 55 نەپەر داڭلىق ياساۋۇل، بىر دانە كېمە، بىر دانە ياغاچ سىتانۇك ۋە پىتىر ئۆز قولى بىلەن ياسىغان ياغاچ رومكا قاتارلىقلار. شۇنداق قىلىپ كەھرىۋا سارىيى چار رۇسىيەنىڭ ئىلىكىگە ئۆتكەن ۋە كېيىنكى يىلى يېكاتىرىنا سارىيىغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن.

كەھرىۋا ئوردا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، گېرمانىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان ۋە چۇۋۇلۇپ پويىز بىلەن كىرودىيەنىڭ گىنىس قورغىنىغا يۆتكەپ ئاپىرىلغان. كۈتۈلمىگەندە، ئۇ مۇشۇ يەردە ئۈن-تىنسىز غايىب بولغان.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رۇسىيە فدراتىسىيەسى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ھەربىيلەردىن تەشكىللەنگەن مەخپىي تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ بۇ ئۆينى ئىزدىگەن بولۇپ، گىنىس قورغىنىدىكى يوشۇرۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بار ئورۇنلارنى ناھايىتى ئىنچىكە قىدىرىپ تەكشۈرگەن. لېكىن ئاخىرىدا ھېچنېمە تاپالمىغان. شۇنىڭ بىلەن كەھرىۋا ئوردا 20-ئەسىردىكى بىر سىر بولۇپ قالغان.

ئۇنداقتا كەھرىۋا ئوردا زادى قەيەرگە يوقالغان؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابى تۈرلۈك قىياسلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ساقلانغان ئورنى ئەڭ مۇمكىن بولغان جاي ئاۋسترىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى توكپلى ھۇلدەرىخ كۆلى. ئەھۋالنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانلار چېكىنگەن ۋاقتىدا نۇرغۇن قىممەتلىك بويۇملارنى ئاشۇ كۆلگە تاشلىۋەتكەن ئىكەن. بىراق تا بۈگۈنگە قەدەر، ئېكسپېدىتسىيەچىلەر كۆلدىن ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكىنى تاپالمىغان.

كەھرىۋا ئوردا «ئىنسانلار ئارىسىغا» قايتىپ كەلدى.

كەھرىۋا ئوردا1979-يىلى رۇسىيە فدراتىسىيەسى ھۆكۈمىتى كەھرىۋا ئوردىنىڭ قېپقالغان خارابىسىنى رېمونت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 50 نەچچە سەنئەتكار كەھرىۋا ئوردا توغرىسىدىكى ماتېرىيال ۋە رەڭسىز سۈرەتلەرگە ئاساسەن، ھۆكۈمەتنىڭ غايەت زور مەبلىغى ۋە گېرمانىيە نىڭ ئۇرۇش تۆلىمىنى ئىشلىتىپ 24 يىل ۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە 2003-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاخىرى كەھرىۋا ئوردىنى قايتىدىن بىزگە نامايەن قىلغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#