ۋىكتورىيە كۆلى
ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆل بولۇپ، كېنىيە، ئۇگاندا، تانزانىيە دۆلەتلىرىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان. ئېكۋاتور سىزقى كۆلىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ كۆل يەرنىڭ كېڭىيىشى بىلەن شەكىللەنگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋىكتورىيە تاتلىق سۇ كۆلىئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆل بولۇپ، كېنىيە، ئۇگاندا، تانزانىيە دۆلەتلىرىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان. ئېكۋاتور سىزقى كۆلىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ كۆل يەرنىڭ كېڭىيىشى بىلەن شەكىللەنگەن. سۇ يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 1134 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ. مەيدانى 68 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 40 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 80 مېتىرغا يېتىدۇ. كۆلگە كاگېرا، مارا، گرۇمىت قاتارلىق دەريالار قۇيۇلىدۇ. كۆل سۈيىنىڭ شىمال تەرەپتىن ئېقىپ چىقىش ئاغزىدا رىپىپون شارقىراتمىسى ھاسىل بولغان، سۇ چىقىرىش مىقدارى 600 كۇب مېتىرسېكۇنتقا يېتىدۇ، بۇ ئاق نىل دەرياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. كۆلنىڭ قىرغاقلىرى بەك ئەگرى-بۈگرى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 7000 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلدە نۇرغۇن پورتلار بار. كۆلدە ئاراللارمۇ ئاز ئەمەس، ئاراللارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 6000 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆل رايونى تۇمانلىق، يامغۇرلۇق بولىدۇ. كۆلنىڭ ئەتراپىدا ئىندىبى، كىسوم، بوكۇبا، مۋانرا قاتارلىق پورتلار بار. كۆلدە بېلىق ھەم ھەرخىل ئۇچار قاناتلار ناھايىتى كۆپ ياشايدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.