مانۇ پىراكاش

(Manu Prakash) مانۇ پىراكاش Foldscope ئەسۋابلىرىنىڭ  قۇرغۇچىسى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(Manu Prakash) مانۇ پىراكاش Foldscope ئەسۋابلىرىنىڭ  قۇرغۇچىسى.

مانۇ پىراكاش ھىندىستان ۋە تايلاندتىكى غالجىر كېسىلى ئامبۇلاتورىيەسىنى زىيارەت قىلغاندا چەت ۋە يىراق چېگرادىكى كەنت-قىشلاقلاردا ئەنئەنىۋى مىكروسكوپنىڭ قىلچە پايدىسى يوقلۇقىدەك مۇنداق بىر كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۇرىدىغان رېئاللىقنى تونۇپ يەتتى. بۇ ئۈسكۈنىنى ئېلىپ يۈرۈش ئاۋارىچىلىق، ئاسراش تەننەرخى يۇقىرى بولغاچقا، داۋالاش خادىملىرى كېسەل كۆرۈشكە چىقىدىغان چاغدا، بۇ ئۈسكۈنە دائىم چاڭ-توزانغا تولغان تەجرىبىخانىنىڭ بۇلۇڭىغا قويۇپ قويۇلىدۇ. شۇڭا بۇ سىتانفورد بىئولوگىيەلىك قۇرۇلۇش ئىلمى ئىنژېنېرى ئۆزى ئېيتقان بىر تۈرلۈك يۇقىرى ئىقتىدارلىق، يىنىك، پىششىق ھەم ئىشلىتىشكە چىداملىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرزان «مىكروسكوپلۇق تەكشۈرۈش قەلىمى»نى ياساپ چىقىشنى قارار قىلدى.

2014-يىلى، ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسى Foldscopeنى چىقاردى. ئۇ بىر خىل قارىماققا قەغەزدىن قاتلانغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمىغا ئوخشايدىغان قەغەز مىكروسكوپ بولۇپ، بۇيۇمنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 2000 ھەسسە چوڭايتىپ كۆرسىتەلەيدۇ، يەنە كېلىپ ياساش تەننەرخى 1 ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ يەتمەيدۇ. پىراكاش مۇنداق دېگەن ئىدى: «بىز پەقەت ئىلمىي ماقالە يېزىش ئارقىلىق كېڭەيتىشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى ناھايىتى تېزلا تونۇپ يەتتۇق». شۇنىڭ بىلەن پىراكاش ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىنى بىر كىچىك تىپتىكىFoldscope  زاۋۇتىغا ئۆزگەرتىپ ياساپ، ھەرقانداق بىر تەلەپ قىلغان كىشىگە بۇ خىل مىكروسكوپنى سوۋغا قىلدى. قىسقىغىنە بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە، بۇ تەجرىبىخانا پۈتۈن دۇنيادىكى موڭغۇلىيەدىن تارتىپ ئامېرىكىنىڭ مونتانا ئىشتاتىنىڭ يېزىلىرىغىچە بولغان 15 دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن چىقارغان Foldscope مال مىقدارى 50 مىڭ دانىگە يەتى؛ بۇ يىل ئۇنىڭدىن 1 مىليون دانە سوۋغا قىلىش پىلانلاندى. مەلۇم بىر قىزغىن DIY ئالىملار ئۆمىكى بۇ ئەسۋابتىن پايدىلىنىپ، ساختا، ناچار دورىلارنى باھالاپ، مەسىلە بار زىرائەتلەرنى تەكشۈردى، يالغان پۇل ۋە باشقىلارنى پەرق ئېتىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلەتتى.

پىراكاشنىڭ تەجرىبىخانىسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا قىممىتى پەقەت 20 سېنتلىق Paperfuge قەغەز سېنترىفۇگنى چىقاردى. ئۇنىڭ لايىھە ئىلھامى بىر قەدىمكى ئايلانما ئويۇنچۇقتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنى بەزگەك كېسىلى قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. پىراكاشنىڭ ئەرزان، لېكىن كۆركەم ۋە ئەپچىل لايىھەلەنگەن ئۈسكۈنىلەر ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسىدە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق (يۇقىرى تەننەرخلىق) ھەل قىلىش لايىھەسىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش لايىھەسى بولۇشى ناتايىنلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

بىز ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇتۇقلارنى كۆرۈپ باقايلى، ئۇ پاشا قانىتىنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۈرىنى پەرق ئېتىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى. ئۇنىڭغا كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەر قايسى؟ جاۋابى شۇكى، بىر دانە قاتلىنىدىغان يانفون.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#