يېزا ئىگىلىك مەنبەلىك تېرە كېسەللىكلىرى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يېزا ئىگىلىك مەنبەلىك تېرە كېسەللىكلىرىيېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا يېزا ئىگىلىك مەنبەلىك زىيانلىق ئامىللارنىڭ تېرىگە تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان تېرە كېسەللىكى يېزا ئىگىلىك تېرە كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: شاللىق تېرە ياللۇغى، چىلىنىپ شەلۋەرەش تىپىدىكى تېرە ياللۇغى قاتارلىقلار. شاللىق تېرە ياللۇغى بولسا، دېقھانلار شاللىقتا ئەمگەك قىلىۋاتقان چاغدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان كۆپ خىل تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتالمىسىدۇر. چىلىنىپ شەلۋەرەش تىپىدىكى تېرە ياللۇغى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا تۆۋەندە بۇ خىل تىپى بايان قىلىنىدۇ.
1. بەدەندە ھۆللۈكنىڭ زىيادە ئارتىپ كېتىشى سەۋەبلىك بولىدۇ.
بەدەندە ھۆللۈكنىڭ ئېرتىپ كېتىشى بىلەن قان تومۇرلارنىڭ سىغىمچانلىقى ئېشىپ كېتىپ قان تومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلارنىڭ قان تومۇر سىرتىغا سىرغىپ چىقىش پۇرسىتى كۆپىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىرغىپ چىققان سۇيۇقلۇقلار تېرە، توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلىپ تېرىلەردە كۆپۈشۈش پەيدا قىلىدۇ ھەم يەرلىك ئورۇن تېرىسىنى غىدىقلاپ شەلۋەرەش، قىچىشىش پەيدا قىلىش سەۋەبلىك بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.
يېزا ئىگىلىك مەنبەلىك تېرە كېسەللىكلىرىئەرلەرگە نىسبەتەن ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ياز پەسلىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.
دەسلەپتە باشلانغاندا قول − پۇت بارماق تەرەپلىرى ۋە بارماق ئارىلىقلىرىدىكى تېرىلەر ئىششىپ، ئاقىرىپ، قورۇقلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ كۆپۈشۈش ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. كېيىن يەنە داۋاملىق ئېتىزلىققا كىرىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە لاي، قۇملارنىڭ داۋاملىق سۈركىلىشى سەۋەبىدىن ئىششىپ قورۇقلارنى ھاسىل قىلغان تېرىلەر سۈرۈلۈپ كېتىپ، يەرلىك ئورۇن شەلۋەرەيدۇ. بۇ سۈرۈلۈپ زېدىلىنىش ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا قول ئالىقان تېرىلىرى تەدرىجىي كۆپۈپ ئاقىرىپ، يىڭنە بېشىدىن سېرىق پۇرچاق چوڭلۇقىغىچە بولغان چىرىگەن پىلە قۇرتىغا ئوخشاش يۈزەكى تېرىلەر سويۇلۇپ چۈشىدۇ. قاتتىق قىچىشىش ۋە ئاغرىش بولىدۇ. كېسەل يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەگەر ئېتىزلىققا كىرىشنى توختاتسا 5~2 كۈن ۋاقىت ئىچىدە ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىپ يىرىڭلاپ قالسا بىرقانچە كۈن ئۇزىراپ كېتىدۇ.
سۇلۇق ئېتىزلارغا كۆپ كىرىش تارىخى بولىدۇ. تېرە زەخمىسىدە شەلۋەرىگەن يۈز بولىدۇ. قول، پۇت، بارماق ئارىلىقلىرىدا كۆپ پەيدا بولىدۇ.
1. بەدەندىكى زىيادە ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش مەقسىتىدە داۋالاش چارىسى قوللىنىلىدۇ.
سۇلۇق كۆپۈشۈش باسقۇچىدا ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە چۆبچىن، موزا، كاۋاۋىچىن، سېرىقچېچەك، ئانارگۈلى، زەمچىلەرنىڭ ھەربىرى 10 گرامدىن، شاھتەررە 15 گرام، كۆپۈكى دەريا توققۇز گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بېرىلىدۇ. كۆپۈشۈش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، گۈل يېغى بىلەن يەرلىك ئورۇن ياغلىنىدۇ.
ئىچىدىن: ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قاننى جانلادۇرۇش، تېرىدىكى قۇۋۋەتلەرنى ئاشۇرۇش، تېرىنى ساغلاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە جاۋارىش جالىنۇس 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، جاۋارىش ئەنبەر 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، جاۋارىش كۇمۇنى 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ مۇۋاپىق تاللاپ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ بېرىلىدۇ.
نەم مۇھىتتا ياشاشتىن ساقلىنىش، بىمار ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇش لازىم.
ھۆللۈك پەيدا قىلغۇچى، قاننى سوۋۇتقۇچى يېمەك − ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتقۇچى، قاننى قىزىتقۇچى، جانلاندۇرغۇچى، ئاسان سىڭىدىغان، قۇۋۋەتلىك يېمەك − ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.