ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى بۇ يەنە لوندون خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ تولۇق نامى «لوندون خان جەمەتى تەبىئەت بىلىملىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىلمىي جەمئىيىتى» بولۇپ، 1660-يىلى قۇرۇلغان ۋە 1662-يىلى خان جەمەتىنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ھەم ئوتتۇرىدا ئۈزۈلۈپ قالمىغان پەن ئىلمىي جەمئىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەزا بولۇش ئىنتايىن يۇقىرى شەرەپ. ئۇلۇغ ئالىم نيۇتون بۇ جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىنى 20 نەچچە يىل ئۈستىگە ئالغان.1915-يىلىدىن بۇيان، خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىنى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى.
دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى، پەن تەتقىقات خىراجىتى ۋە مەنسەپكە تەيىنلەش-مەنسەپتىن قالدۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا ھۆكۈمەتنى مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنە ئىلمىي تەكشۈرۈشكە ماددىي ياردەم بېرىدۇ، چەت ئەللەردىكى ئالىي دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا خادىملىرى بىلەن ئالاقە قىلىشنى تەشكىللەيدۇ، پەن يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ، ئىلىم-پەن ژۇرناللىرىنى نەشر قىلىدۇ، نام بېرىدۇ، پۇل چىقىرىپ لېكسىيە ئۇيۇشتۇرىدۇ ۋە مۇكاپات پۇلى، مېدال قاتارلىقلارنى تارقىتىدۇ. خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى مۇستەقىل ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقانداق تارمىقى ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، شۇڭا نىزامنامىسىنى بېكىتىش، رەھبەرلەرنى تەيىنلەشتە ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزا نامزاتىنى، ئاز دېگەنگە، ھازىر ئەزا بولۇۋاتقان ئالتە نەپەر ئەزا كۆرسىتىشى ۋە تەۋسىيە قىلىشى كېرەك. ئىلمىي جەمئىيەت ھەر يىلى3-ئايدا سايلام ئۆتكۈزىدۇ، نىزامنامىگە ئاساسەن، ھەر يىلى كۆرسىتىلگەن «چەت ئەللىك ئەزا» سانى تۆت ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى كېڭەش يىغىنى بولۇپ، ئۇ21 نەپەر كېڭەش ئەزاسىدىن تەشكىل تاپىدۇ، ھەر يىلى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى10 نەپىرى قايتا سايلىنىدۇ، خىزمەتچى خادىملارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئۇدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىشىگە بولمايدۇ، ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ باشلىقى ۋە تاشقى ئىشلار كاتىپىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى، ئاساسەن، «لوندون خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى پەلسەپە ئىلمىي ماقالىلىرى توپلىمى» بىلەن «لوندون خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى يىغىن ئىلمىي ماقالىلىرى توپلىمى» نى نەشر قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.