دەنزىل بازىرى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مەھەللىگە قاراشلىق 5 كەنت كومتېتى : يېڭى شەھەر يولى مەھەللىسى، دەنزىل كەنتى، شىنچۈي كەنتى، ئاقدۆڭ كەنتى، مازار كەنتى، باغكېرەت كەنتى قاتارلىقلار بار.
يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دەنزىل بازىرى 314-دۆلەت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان، قاراشەھەر ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 13 كىلومېتىر، كورلا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتىر، شىمالدا بورقاي يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقتە 27-تۇەن بىلەن چېگرىلىنىدۇ، غەربتە ۋاڭجياجاڭزا چارۋىچىلىق فېرمىسى، چۈچۈكبۇيا مۇھاپىزەت رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى باغراش كۆلى بىلەن تۇتىشدۇ.
دەنزىل بازىرى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، تۆت ئەتراپى ئايرىم- ئايرىم ھالدا يېزا ئىگىلىك 2-دىۋىزىيە 27-تۇەن، «خۇگۇاڭ» لۈڭگە زاۋۇتى، بورقاي يېزىسى ۋە ئۈچ تۇەن بىلەن قوشنا، پۈتۈن بازارنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن سەككىز كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 11.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 92 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر. 2006-يىلى قارىمىقىدا بەش كەنت كومىتېتى، بىر ئاھالە كومىتېتى، 20 كەنت گۇرۇپپىسى، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق 6 پونكىت قاتارلىقلار بار. يىل ئاخىرىدىكى نوپۇس 9515 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 5494 ئادەم. ئاز سانلىق مىللەت 7136 ئادەم، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى %11.91، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى %9.31، تېرىلغۇ يەردىن 200 مىڭ مو بار. كىلىماتى ئىللىق، سۇ مەنبەسى يېتەرلىك، قومۇش كۆپ، مەھسۇلات مىقدارى 15 مىڭ توننا. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن پەمىدۇر، گازىر، تاۋۇز، ئاق گازىر قاتارلىقلار بار. 2006-يىلى يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 5715 مىليۇن يۈەنگە يەتكەن. ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەت مەھسۇلاتلىرىدىن 4198 توننا ئاشلىق، 160 توننا ياغلىق دان، 320 توننا قىزىلچا، 23760 توننا پەمىدۇر قاتارلىقلار بار. يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا سانى 14 مىڭ تۇياق، مالىيە كىرىمى 3 مىليون 750 مىڭ يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4720 يۈەنگە يەتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.