غاز تاپان

غاز تاپان

غاز تاپان ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غاز تاپانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى غاز تاپان
پارسچە نامى Potentilla discolor Bge.
تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 翻白草
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

غاز تاپانغاز تاپان ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، غاز تاپانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 ~ 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى قىسقا تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان؛ يىلتىزى تىك ئۆسىدۇ، ياغاچلاشقان، غولى كۆپ، شاخلىمايدۇ؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى كۆپ بولۇپ، ئالىقانسىمان بەشكە يېرىلغان، يېرىقچىلىرى سوقىچاق، گىرۋىكى ھەرە چىشىسىمان كېلىدۇ، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى ئۈچتىن بەش بۆلەككە يېرىلغان بولۇپ، كەينى تەرىپى زىچ ئاق تېۋىتلىق؛ گۈلى سېرىق، يالغۇز ياكى بىرنەچچىسى بىللە غولىنىڭ ئۇچىدا ياكى يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز، كۈز پەسلىدە قېزىپ يىغىۋېلىپ، پاتقاقلىرىنى يۇيۇپ، پاكىزلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، كېسىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ ۋە دەريا ۋادىلىرىدا ئۆسىدۇ.

قۇرۇق سوغۇق.

ئىسسىقنى ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

غازتاپاندىن 30 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان تۈكۈرۈش، قان قۇسۇش ۋە چوڭ تەرەتتىن قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى غازتاپاننى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاق، ئۈچەي ياللۇغى، زۇكام ۋە ئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. غازتاپان يوپۇرمىقىدىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆكيۆتەل، يۇتقۇنچاق ۋە كېكىردەك ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام ئىككى غازتاپان يوپۇرمىقىنى 2001 مىللىلىتىر سۇدا 300 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى قاناش ۋە يۇقىرى نەپەس يولى قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تىلماچ ئىزاھاتلىق لوغىتى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#