جيۇچۈەن شەھىرى

جيۇچۈەن شەھىرى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا، خېشى كارىدورىنىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان، ئالتۇنتاغ، چىليەنشەن تېغى بىلەن مازۇڭشەن تېغى بويىدا، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ شەھەر.


ئۇيغۇرچە نامى جيۇچۈەن شەھىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر
يەر مەيدانى 192 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 酒泉市
ئۆلكىسى گەنسۇ ئۆلكىسى
تەۋە رايون جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىي
نوپۇسى 1095947
باشقا نامى سۇجۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىۇچۈەن شەھىرىگەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا، خېشى كارىدورىنىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان ئالتۇنتاغ، چىليەنشەن تېغى بىلەن مازۇڭشەن تېغى بويىدا، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ شەھەر . 

 جىۇچۈەن شەھىرى تەۋەلىكىدىكى رايونلار 酒泉市在所辖地区 
 نامى ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق ئورۇن 名称 政府所在地 
 جىيۇچۈەن شەھىرى سۇجۇ رايونى 酒泉市 肃州区
 سۇجۇ رايونى شىدا كوچىسى 7-نومۇر 肃州区 西大街7号
 يۈمىن شەھىرى يۈمىن بازىرى 玉门市玉门镇
 دۇنخۇاڭ شەھىرى شاجو بازىسى 敦煌市 沙州镇
 جىنتا ناھىيەسى جىنتا بازىرى 金塔县 金塔镇
 گۇاجو ناھىيەسى يۇەنچۈەن بازىرى 瓜州县 渊泉镇
 سۇبېي موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى داڭچىڭۋەن بازىرى 肃北蒙古族自治县 党城湾镇
 ئاقساي قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى  خوڭلىيۇۋەن بازىرى 阿克塞哈萨克族自治县 镇红柳湾

ئورنى

شەرقتە جاڭيې شەھىرى ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، جەنۇبتا چىڭخەي ئۆلكىسى، غەربتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىمالىي تەرىپى موڭغۇلىيە بىلەن چىگرالىنىدۇ. شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 680 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 550 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 192 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، گەنسۇ ئۆلكىسى يەر كۆلىمىنىڭ %42 ىنى ئىگىلەيدۇ.

يەر شەكلى

جيۇچۈەن شەھىرىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ قىيپاش تۇرىدۇ. جەنۇبىي قىسمى تاغلىق. جەنۇبىي دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىن يۇقىرى توڭ توپا رايونى، يىل بويى قار–مۇز بىلەن ھازىرقى زامان مۇزلۇقلىرى تارقالغان، تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىقلار، سۇگەنەخۇ ئويمانلىقى، شىباۋچېڭ ئويمانلىقى، چاڭما قەلئەسى ئويمانلىقى شۇنىڭدەك نۇرغۇن كىچىك ئويمانلىق بولغان.

تېمپۇراتۇرىسى

بۇ رايوننىڭ كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، قۇرغاق-سوغۇق، ھۆل-يېغىن كەمچىل. شەرقتىن غەربكە قاراپ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500-1100 مېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃5~℃9، قىراۋسىز مەزگىلى 127 كۈندىن 158 كۈنگىچە. ياز پەسلى قۇرغاق ئىسسىق بولغانلىقتىن قىش پەسلى سوغۇق ھەم بىر قەدەر ئۇزۇن، لېكىن ئەتىيازدا تېمپىراتۇرا تېز ئۆرلەيدۇ. 

جيۇچۈەن رايونىنىڭ جەنۇبىي تاغ ئېگىز، يېرىم قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃4~℃6 ، مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرا ℃9~ ℃5. يىللىق كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئومۇمىي سانى 3300 سائەت، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش پىرسەنتى %75. ھۆل-يېغىن مىقدارى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تەدرىجىي ئازىيىپ بارىدۇ، چىليەنشەن تاغلىق رايونى، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 300 مىللىمېتىر ئەتراپىدا ھورلىنىشى كۆپ بولىدۇ، كۆپىنچە 2000-4000 مىتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ. 

پۈتۈن ۋادا ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان، جيۇچۈەن رايونىنىڭ غەربى، تىپىك قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا تەۋە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 170-1900 مېتىر. ئومۇمىي ھاۋا كىلىماتى ئالاھىدىلىكى شۇكى، ھۆل-يېغىن ئاز، گەنسۇ ئۆلكىسى جۇڭگونىڭ يامغۇر مىقدارى ئەڭ ئاز بولغان رايونلارنىڭ بىرى، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، گەنسۇ ئۆلكىسى ئەڭ چوڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى ئەڭ چوڭ رايون، كۈن چۈشۈش ۋاقتى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى روشەن، يازدا ھاۋا بەك ئىسسىق، قىش پەسلىدە سوغوق، قۇرغاق ھەم بوران كۆپ چىقىدۇ، ئەنشى «دۇنيانىڭ شامال ئامبىرى» دېگەن نامى بار. 

2011 -يىلىنىڭ ئاخىرى شەھەر بويىچە تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 17649.5 كىلومېتىر. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 367.73 كىلومېتىر، دەرىجىگە ئايرىلغان تاشيول مۇساپىسى 17031.6 كىلومېتىر.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#